تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4148|ئىنكاس: 12

شۇنداق ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
108
تۆھپە
66
UID
20801
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شۇنداق ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟


   يىغلىغۇڭىز بار تۇرۇپ ئەكسىچە كۈلگەن ۋاقتىڭىز بولغانمىدى؟

   بىراۋلارغا كۆڭۈل بۆلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە دىققەت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالغانمىدىڭىز؟

   كېتىشنى شۇنچە خالىمىسىڭىزمۇ يەنە ئايرىلغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟

   شۇنچە ئازابلانغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنە: «بەختلىكمەن» دېگەنمىدىڭىز؟

   ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمىگەننى «ئۇنۇتتۇم» دەپ يالغان ئېيتقانمىدىڭىز؟

   بىز ھامان ئىككى دۇنياغا مەنسۇب ئادەملەر، دەپ يۈرۈپ يەنە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟

   ئۇنىڭ ئالدىدا قەلبىڭىزدىكى گەپلىرىڭىزنى «بۇ  يالغان، ئېرەن قىلىپ كەتمەڭ» دېگەن چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ ؟

   ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنە كەچمىشلەرنى ئەسلەۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟

   يالغاندىن خۇشال بولغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ھېرىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى داۋاملاشتۇرغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ ئەلۋەتتە ھەم بولغان ھە؟

   سەۋەبسىزلا كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ، ئادەم خالىماي، يالغۇز  ئولتۇرۇۋېلىپ بۇرۇنقى ئىشلارنى ھەم كىشىلەرنى ئەسلىگەن ۋاقتىڭىزنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ دەمسىز؟

   ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆزىڭىزنى چۈشەنمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، يالغۇزلۇق ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىڭىزنى مەندىن يوشۇرماقچىمىدىڭىز ئەجىبا!

   يەنە شۇنداق يىغلىغۇڭىز بار تۇرۇپمۇ يىغلىيالمىغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بولغانمىدى؟

   يېنىڭىزدا دوستلىرىڭىز كۆپ تۇرۇپمۇ يەنە يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتىسز ھە!؟

   تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويۇپ تاپالمىغاندەك بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزچۇ؟

   شۇنداق بىر ناخشىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىختىيارسىز شۇنداق بىر كىشىنى ئەسكە ئالدىڭىز، بۇ چاغدا بىر تۇرۇپ ناخشىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرسىز، يەنە بىر تۇرۇپ تەكرار ئاڭلاشنى خالايسىز. قانداق تېپىۋالدىممۇ؟

   ئۆزىڭىزگە كۆيۈنىدىغان، سىزنى ئاسرايدىغان بىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ۋاقىتلىرىڭىزنى قانداقمۇ يوشۇرالايسىز؟

   ... ... ...

   شۇنداق، ئاشۇ چارىسىزلىك ئىچىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە سىزبار، ئۇ بار، شۇنداقلا ھەم مەنمۇ بار.

   تەرجىمە قىلىپ، مەزمۇن بېيىتكۈچى: نىھان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 10:26  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
610
تۆھپە
205
UID
404
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئازابلىق قۇرلاركەن بۇ .


بۈگۈن توي قىلغىنىمىزغا تۆت يىل بوپتۇ، نېمانچە تېز ھە!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
941
تۆھپە
198
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس كۆڭىلدىكىنى  يېزپسىز،،،،،


Rank: 3Rank: 3

تىللا
142
تۆھپە
92
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تولا شۇنداق بولدىغان ئوخشاي سىز.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2149
تۆھپە
1136
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس مەن ھەمىنى باشتىن كەچۇرگەن مېنىڭ شۇنداق ۋاقىتلىرىم بەك تولا


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
1590
تۆھپە
610
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلىرى مىنىڭ ھازىرقى ھالىتىمگە بەكلا ماسلىشىپتۇ       


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1390
تۆھپە
514
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دىمىسىمۇ ئادەم بەزىدە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغان ئۆتمۈشنى ئەسلەپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە تەسەللى تاپىدۇ ،ھەتتا ئاشۇ كۈنلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىش پۇرسىتىنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ.
ھازىر ئىچىدە ياشاۋېتىپ  ، ھازىرىمىزنىڭمۇ ئەتىلا ئۆتمۈشكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلانمايدىغانلىقىنى ، شۇڭا ئۇنى چىڭ تۇتۇشىمىزنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز ، دەل شۇنداق بولغاچقا ، پۇشايمان بىزگە سايە تاشلاپلا تۇرىدۇ .


Rank: 1

ئىسىمى
نىھان
تىللا
6
تۆھپە
2
UID
23762
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار! مەزكۇر تېما ناھايىتى ياخشى يوللىنىپتۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى «نىھان» بولۇش سۈپتىم بىلەن بۇ تېمىنىڭ «تەڭرىتاغ مۇنبىرى» گە يوللانغانلىقىدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم ھەم ھاياجانلاندىم. بۇ تېمنى ئەسلى مەن تەرجىمە قىلىپ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:41:41 ئۆتكەندە «ئاچچىق ھايات» مۇنبىرىگە يوللىغان ئىدىم. مانا بۇ ئادرېسى:http://aqqikhayat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=237
  ئەمدىلىكتە بۇ تېمامنىڭ ئۆزۈم ھەركۈنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان بۇ مۇنبەردىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن بولساممۇ بىراق، بىر ئىش كۆڭلۈمنى شۇنداق غەش قىلدى. تېمىنىڭ مەنبەسى «نىھان» دەپ ئەسكەرتىلىپتۇيۇ، لېكىن  كۆچۈرۈپ كېلىنگەندە «ئاچچىق ھايات مۇنبىرى» دېگەن ئېنىق مەنبەسى ئەسكەرتىلمەپتۇ. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بولماپتۇ. باشقا مۇنبەردىن تېمىلارنىڭ كېلىپ تۇرۇشى ناھايىتى نورمال ئىش، بۇنىڭ ھېچ خاتاسى يوق. ئەمما ئەڭ ئالدى بىلەن مەنبەسى، قايسى توربەتتىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلىكى چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك. بۇ ئەقەللىي بىر ساۋات. شۇنداقكەن، مېنى ئەپسۇسلاندۇرغان بۇ ئىش ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان «تەڭرىتاغ مۇنبىرى» ئۈچۈن سەت بولماسمۇ؟


Rank: 1

ئىسىمى
نىھان
تىللا
6
تۆھپە
2
UID
23762
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
108
تۆھپە
66
UID
20801
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wwe-okyan يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 15:19
سىز تولا شۇنداق بولدىغان ئوخشاي سىز.

سىز پەقەت ئۇنداق بولۇپ باقمىغانما؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-18 12:50, Processed in 0.080466 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991