دوستلۇق مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
دوستلۇق - سەن دائىم ئارزۇ قىلىدىغان، قانچە ئاسان ئېرىشسەڭ شۇنچە تېز ئايرىلىپ قالىدىغان، ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئۆز قولۇڭدا توزىتىدىغان بىر تۈپ نازۇك، خۇش پۇراق گۈلدۇر. دوستلۇق - ئۇ ئىشەنچ ئىچىگە يىلتىز تارتىپ، سەمىمىيلىك سۈيىدە سۇغىرىلىپ، ساداقەت تالقانلىرىدا ئوزۇقلىنىپ، قوغدىشىڭ بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، پەرۋىشىڭ بىلەن چېچەكلەپ، سۆيۈشىڭ بىلەن پورەكلەپ ئېچىلىپ، قەدىرلىشىڭ بىلەن خۇش پۇراق چاچىدۇ. دوستلۇق - ئۇ شۇنداق بىر نازۇك گۈلدۇركى، مەنپەئەت توقۇنۇشىدا يارىلىنىپ، غەيۋەت توقماقلىرىدا يەنجىلىپ، ھەسەت ئوتلىرىدا كۆيۈپ، ئۇنتۇشنىڭ زۇلمەتلىرىدە توزۇپ تۈگەيدۇ. دوستلۇق - مەنپەئەت ئالغانلارغا ئەمەس، قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ. مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2011 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاپتور: قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 09:57
|