ماڭا ياردەم قىلىپ توغرا يول كۆرسىتىڭلار ( دوستلاردىن ئۆتۈنەي )
باشقۇرغۇچىدىن: بۇ ھەرگىز ھېكايە ئەمەس، بەلكى مۇشۇ تېمىنى يازغان قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەقىقىي ئىشلار، كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قىزىققانلىق قىلماي، مۇشۇ تورداش دوستىمىز ئۈچۈن ياخشى ئەقىل كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھازىر روھىي -كەيپىياتىم ياخشى بولمىغاچ يازغان تېماممۇ قالايمىقان چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ،تورداشلارنىڭ ئەيىپ كۆرمەي توغرا مەسلىھەت بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۆتۈنىمەن .
مەن تۇرمۇش قۇرغىلى 10 يىل بولىدى . ئىككى بالام بار ، ئايالىممۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ،ھەر ئىككىمىز ياخشى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەيمىز .
ئۈچ يىل ئاۋۋال مەن تەربىيەلىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ،ئىككى يىللىق ئوقۇش ھاياتىمنى باشلىدىم . ئايالىم ئۆيدە ئىككى بالا بىلەن ماڭا ياخشى تىلەك تىلەپ قالدى . چوڭ شەھەرلەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم بولغاچقا ،بۇ شەھەردىكى ھەر بىر مۇھىت مېنى ئۆزىگە ناھايىتى جەلىپ قىلىۋالدى . ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بۇ تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىدى .مۇشۇ سەۋەپلىك شۇنداقلا مەن بۇرۇندىن ئىچ مىجەز بولغاچقا ،يېڭى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇنچە يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتەلمىدىم . بىر يىل تېنچ سۇدەك بىر خىل ئۆتۈپ كەتتى . كېينكى يىلى بىر ياتاقتا ياتىدىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ پائالىيەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى . كۈندە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ھەر قايسىسى سىنىپتىكى قايسى قىز بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى .................دەك پاراڭلارنى قىلىشسا، ئىختىيارسىز بۇ پارڭلارنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم . تولا ئىچىم سىقىلىدىغان ، ئۆگىنىش خۇشياقمايدىغان ھالەت شەكىللنىشكە باشلىدى . زادى نېمە بولغاندىمەن ؟ ئاخىرى بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، بۇ زېرىكىشلىك كۈنلەردىن پاتراق قۇتۇلۇش مەقستىدە ھاراققا ئۆگىنىپ قالدىم . ئاۋۋال ياتاقتىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئىچىشتۇق ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىدىغان دەرىجىگە بىرىپ يەتتىم .
شۇ كەيىپچىلىكتە تۇرسام سىنىپتىكى بىر ساۋاقدىشىم تېلېفۇنغا ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ . ئۇ چاغلاردا تېلېفۇنغا چ چ قاچىلاپ ئۇچۇر ئەۋەتىش بەك مودا بولۇپ كەتكەنىدى . مەنمۇ شۇ ساۋاقدىشىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7-8 ساۋاقداشنىڭ تېلېفۇنىغا چ چ ئورنىتىپ بەرگەن ئىدىم . بۇ ساۋاقدىشىم ماڭا رەھمەت ئېيتىپ ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ . مەنمۇ ئۇچۇر ئارقىلىق بىردەم پاراڭلىشىپ تېلېفۇننى تۇتقان پېتىم ئۇخلاپ قاپتىمەن . شۇ ئۇخلىغانچە تاڭ ئاتارغا يېقىن ئويغىنىپ كەتتىم . بىر كېچە ئۇنى چۈشەپ چىقىپتىمەن ، بۇ چۈش ماڭا قاتتىق ھوزۇر بىلىنىپ كەتتى . ئەتىسىدىن تارتىپ بۇ ساۋاقدىشىمغا باشقىچە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . ئەمەلىيەتتە بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداق ھۆرمەت قىلاتتىم ، ئۇ ئۈرۈمچىدە بولسىمۇ جەنۇپتىن كەلگەن كۇرسانتلارنى كەمسىتمەيتى . بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . يېڭى كەلگەن چاغدا ئۇ تېخى يولدىشى بىلەن ھەممەيلەننى رېستۇرانغا تەشكىللەپ ئاپىرىپ ،بىر كۈن كۈتىۋالغان ئىدى .
گەپنى قىسقارتسام مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . بىراق بۇنىڭ ھەقىقىي ھېسىياتىم ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلاتتىم ،شۇنداقلا بۇنداق بولسا بولمايدۇ دەپ ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ خىيالىمنى باشقا ئىشلارغا بۇرىماقچى بولدۇم .
بىر كۈنى بىز تاساددىپى پۇرسەتتە سىرتتا ئۇچرىشىپ قالدۇق . ئۇنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئىنتايىن خىجىلچىلىقتا بىر ۋاق تاماققا داخىل بولدۇم . شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر ئىككەيلەن بىر - بىرىمىزگە يېقىن مۇئامىلىدە بولىدىغان بولۇپ قالدۇق . ھەتتا سىنىپتىكى ئورنىمىزنىمۇ ئالماشتۇرۇپ بىر يەرگە ئەكىلىۋالدۇق . دەرسخانىدا ئۇ ماڭا يېتەكچىلىك قىلىپ ،ئۆگۈنۈش ئەھۋالىم زور دەرىجىدە ياخشىلاندى . ئاخشمى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۇزاققىچە ئۇچۇر يېزىشمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم .
بىر كۈنى ياتاقتىكى ساۋاقداشلىرىمغا << يولدىشى بار بىرسىگە كۆيۈپ قالسا قانداق بولىدۇ ؟ >> دەپ ساپتىمەن . ھەممىسى مېنى تىلغا كۆمىۋاتتى . << قىز بالا دېگەن ساماندەك تۇرسا نېمە قىلىسەن ئائىلىسى بار ئادەمگە قانات سۆرەپ ،قوڭۇڭنى غىت قىسىپ يۈر ، خوتۇن كىشى سېغىنغان بولساڭ ئەتە سېنى ئوينىتىپ ئەكىلەيلى >> دەپ تازا تويغۇزۇپ قويدى .
ئەتىسىدىن تارتىپ مەن ئۆزۈمگە مەجبۇرىي بېسىم قىلىپ بۇ ساۋاقدىشىمدىن ئۆزۈمنى تارتىش قارارىغا كەلدىم .
ئەمما ھەپتىدىن كېيىن يەنە تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ،يولدىشىنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلىۋالغانلىقىنى ،ئۆزىنى بولسا ئۆيدىن شۇنداقلا چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ، نەچچە يىللىق ئائىلە تۇرمۇشى جەريانىدا ئۇنىڭ كۆپ خورلۇق ۋە ئۇۋالچىلىق تارتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىم قوزغالدى . ئۇ كۈنى كەچتە بىز مەكتەپكە قايتمىدۇق ...
شېرىن -شىكەر گەپلەر ، ناز-كەرەشمىلەر مېنى ئۆزىگە تولۇق ئەسرا قىلۋالغان ئىدى . مەن تولۇق ئۆزگەردىم . مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانامنى ،ئىككى بالىنى بېقىپ خىزمىتىمنى قىلىۋاتقان ئايالىمىنى ،مەندىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان ئەتراپىمدىكى كىشلەرنى تولۇق ئۇنتۇپ كەتتىم . ئاھ .................... مۇھەببەت شۇنچە تاتلىق ھەم شېرىن ئىكەن . ئۇنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇم كەلمەيدۇ .ئۇ كۆڭۈل ئۆيۈمنىڭ خانىشى ، مېنىڭ بارلىقىمغا ئايلانغان ئىدى .
مەندىكى ئۆزگۈرۈشنى ھېس قىلغان ئانام ئاتايىتەن مېنى يوقلاپ كەلگەندە مەن ئۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپتىمەن . ئانام ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۇرغاندا ئايالىم تاقەت قىلىپ بولالماي ئۈرۈمچىگە كېلىپ بوپتۇ . مەن يالغان گەپ قىلىشنى قەتئىي ئويلاپ باقمىدىم ، چۈنكى مەن بەك نوچى بولۇپ كەتكەن ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمانغا پىچاق ئېتىشقا رازى ئىدىم . ئايالىمغا راست گەپنى دېدىم ، ھەتتا ئىككىسىنى ئۇچراشتۇردۇم . ئانام ماڭا يالۋۇرۇپ ، <<ئۇ ئايال سېنى يولدىن چىقىرىپتۇ ، ئوغلۇم بولساڭ ،مېنى ياخشى كۆرسەڭ ،بۇ ئايال بىلەن مۇناسىۋىتىڭنى دەرھال ئۈز>> دەپ تۇرۇۋالدى . ئانامنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ مۇناسىۋىتىمىنى ئۈزدۈم دەپ يالغان گەپ قىلىپ قويدۇم . ئەمەلىيەتتە ئۇ ھازىرغىچە مېنىڭ نىكاھىمدا .......
ئايالىم قان يىغلاپ يۇرتقا قايتتى ، بىرەر ئىش چىقىرىپ قويمىسۇن دەپ ئۇنى بەزلەپ ،ئالداپ- سالداپ نۇرغۇن كېيىم-كېچەك سوۋغاتلارنى ئېلىپ يۇرتقا يولغا سالدىم .
نەچچە ئاي ئۆتۈپ ئوقۇشۇممۇ پۈتتى . مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا پەقەت چىدىمايتتىم. << تەخىر قىلىڭ جېنىم ، مېنى ساقلاڭ ،ماڭا پەقەت بىر يىللا ۋاقىت بېرىڭ ،سىزنى چوقۇم ئەل جامائەتنىڭ ئالدىدا توي قىلىپ ،بۇ ئازاپلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن >>دەپ ۋەدە بەردىم . ئۇمۇ مېنى ساقايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ،كۆزلىرى نەمدەلگەن ھالدا ئۈرۈمچىدە قالدى .
قايتىپ كېلىپ ئائىلە تۇرمۇشۇم پەقەت ياخشى بولمىدى ، يوقىلاڭ سەۋەپ بىلەن ئايالىمنى ۋە پەرزەنىتلىرىمنى ئۇرۇپ -دۇمبالاپ ئۇرۇق -تۇققانلىرىمنىڭ ئېغىر قارشىلىقىغا ئۇچۇردۇم . كۆڭلۈم ئارامىدا بولمىسىلا دەرھال ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلدىم . ھەتتا يۇرتۇمدا يەر تەۋراۋاتسا ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قېلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى . نە ئاتا-ئانامدىن ئەنسىرەش، نە بالا -چاقامدىن ئەنسىرەش يوق ئىدى . ئېس يادىم مەشۇقۇمدا ئىدى .
ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا بارغان چېغىمدا ئۇنىڭدىكى بىنورماللىقنى ھېس قىلدىم . ئۇ بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن تېلېفوندا بىر قانچە قېتىم پاراڭلاشتى . ئاساسەن بالا توغرىسىدا پاراڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن مەنمۇ كەڭ قورساق بولاي دەپ تاقەت قىلدىم .
ئەمما ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ چ چ خاتىرىسىنى تەكشۈرسەم ، ئۇنىڭغا تۇققانلىرى بۇرۇنقى يولدىشىنىڭ ھازىر ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتمەيۋاتقانلىقىنى ، بالىنى دەپ بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىشىنى ئۆتۈنۈپ يازغان ئۇچۇرى چىقىپ قالدى . بېشىمدىن تۈتۈن چىقتى ، ئەسلى بۇ كۈنلەردە ئۇ بۇرۇنقى ئېرىنىڭ غېمىدە يۈرۈپتىكەن ئەمەسمۇ ؟
تېلېفونمۇ قىلمىدىم ،جىملا يوقاپ كەتتىم . ئۇ ئۆزى تېلېفون قىپتۇ ، قىلغان گەپلىرى قۇلىقىمغا ساپلا يالغان ئاڭلاندى .ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا قاتتىق دېيشىپ قالدىم . نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئالمىدىم ،لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى قايتا-قايتا ئويلايتتىم . مەن ئۇنىڭغا نېمىلەر توغرىسىدا ۋەدە بەرمىگەن ؟
-ئاتا -ئانامىنى قانداق قىلىمەن ؟ ئۇلارنى يۇرتقا يالغۇز تاشلاپ قويۇپلا خىزمەتنى تاشلاپ كېلەمدىمەن ؟ ئۇنداق قىلماڭ ،بىز توي قىلغاندىن كېيىن مېنىڭ يۇرتۇمغا كېتەيلى دېدىم ئۇنىڭغا .
-ياق ، ھەرگىز بولمايدۇ ، چوڭلار بىلەن بىللە تۇرۇشقا كۆنمىگەن مەن ، ئۇلارنى 3-4ئايدا بىر ئوبدان يوقلاپ قويسىڭىزلا بولمىدىمۇ ؟
-بوپتۇ جېنىم سىز دېگەندەك بولسۇن ، بىراق مۇشۇ خىزمەتنىڭ ئىشىنىزە ؟ مەن خىزمىتىمنى تاشلىۋەتسەم بالىلار قانداق قىلىدۇ ؟دېدىم ئىككلىنىپ .
-ۋىييەي ،ئاپىسى بارغۇ ، بىرنى بىز باقساق ، يەنە بىرسىنى ئۇ باقسا بولىدىغۇ ؟بىر ئىشلارغا كاللىڭىز پەقەت ئىشلىمەيدىكەن !
-بوپتۇ ، ئەمىسە چوڭ بالامنى مەن ئالاي ، ئۇنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇتايمىكىن دەيمەن . دېدىم ئۇنى سىناپ ...
-قەتئىي بولمايدۇ ، كىچىكىنى ئالىمىز ،مەنمۇ ئىككىمىزنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى ئالغىلى ئۇنىمىدىم . چوڭ بولۇپ قالغان بالىنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ .
-ئۇنداقتا كىچىكىنى قانداق باقماقچىسىز ؟ دېدىم جىلە بولۇپ .
-ئاپىڭىز بارغۇ ، قاراپ بەرسە بولىدىغۇ ، ئۆيدە كىچىك بالا بولمىسمۇ ئىچى سىقىلىپ قالىدۇ . مەكتەپ يېشىغا توشقاندا يېنىمىزغا ئەكىلىۋالساق بولىدۇ .
بۇ دىئالوگلار كاللامدىكى گادىرماچ خىياللارنى تېخمۇ قاتماللاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمنى يوقىتىۋاتاتتى .
قورققان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى . ئۇ ئايالىمغا تېلېفون قىلىپ ، مېنى ئەمدى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشىنى ئېيتىپتۇ ، ھەتتا ئالدىنقى قېتىم مېنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىمدىن تارتىپ ئۇنىڭغا دەپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتپتۇ . ئايالىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خىزمەت ئورنۇمغا مېنى ئىزدەپ بېرىپ ،مېنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىمنى ، ئۇ ئايال بىلەن تېخىچە مۇناسىۋىتىمنى ئۈزمىگەنلىكىمنى يۈزۈمگە سېلىپ مېنى قاتتىق ئوسال قىلدى .
ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا تېلېفون ئالسام ،ئۇنىڭ ھازىر مەن ئالدىراش ، بىردەم تۇرۇپ ئۆزۈم تېلېفون قىلاي دېگەن گېپى ئاچچىقىمىنى تېخىمۇ كەلتۈرۈۋەتتى . 20 مېنۇتلاردىن كېيىن ئۇ دەيدىغان گەپلىرىنى تەييارلاپ ماڭا تېلېفون قىپتۇ . بىرمۇنچە چۈشەندۈرۈپ كەتتى . مەقسىتى ،بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن يارىشىپ ،بىرمەزگىل بىللە ئۆتكەندىن كېيىن سوتقا ئەرز قىلىپ بۇرۇن ئىككىسى بىرلىكتە ئالغان ئۆينى ياندۇرۇپ ئالىدىكەن . ياكى ئاز-تولا ئىقتىساد توپلاپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ ،مەن بىلەن توي قىلىدىكەن .
ئاڭلىغانسىرى كاللام تېخىمۇ ئېلىشىپ كەتتى ، ئۇنىڭغا ئاۋۋال ۋارقىردىم ، كېيىن يالۋۇردۇم ،
-ئۇنداق قىلماڭ ، مەن دېگەن سىزنىڭ يولدىشىڭىز ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىز مېنىڭ نىكاھىمدا ! دېدىم ئۇنىڭغا .
-ئۆتكەندەتېلېفوندا بىر مۇنچە ۋارقىراپ دېگەن گەپلىرىڭىز ئېسىڭىزدە يوقمۇ ، ھازىر ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا نىكاھ قالمىدى .دېدى ئۇ قارشى پىكىردە .
ئۇنىڭدىن راستىنلا ئايرىلىپ قالىدىغىنمنى ئويلاپ پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى . نەچچە كۈن تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم ، گېلىمدىنمۇ تاماق ئۆتمىدى . نەچچە كۈن يالۋۇرۇپ ، كۆزلىرىمدە يېشىممۇ قالمىدى .......
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىمىز قاق بىر ئاي ئۈزۈلۈپ قالدى .
مەن ئەسلى ھەممە ئىشلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ، يەنى يېرىم يىلدىلا پۈتتۈرۈپ بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدىم ، كىم بىلسۇن ، بىر يىل ساقلايدىغان پەرىشتەم ، يېرىم يىلدىلا بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن ياراشماقچى بولدى . ياراشقاندىمۇ بالىنى دەپ ئەمەس ، بەلكى پۇل-مالنى دەپ ياراشماقچى بولدى . مەنچۇ ئوقۇش پۈتۈپ مانا بىر يىل بوپتۇ ،ھالاللاپ نىكاھىمغا ئالغان ئايالىم بىلەن ئايرىلىپ تۇرىۋاتىمەن .
1ئايدىن كېيىن ئۇ ئۆزى تېلېفون قىپتۇ ،ماڭا كىيىم - كېچەك ئەۋەتىپتۇدەك ، تاپشۇرۇپ ئېلىۋېلىشىمنى تاپىلىدى . نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ يېنىمغا كەلدى ، شۇنچە خورلانغان كۆڭۈلنى نەگە قويۇشنى پەقەت بىلەلمىدىم . ئۇ ئۆزىنىڭ قايتا-قايتا ئويلاپ ،يەنىلا مېنى تاللىغانلىقىنى ئىيتتى . گەرچە نېمە سەۋەپتىن مېنى ئىزلەپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ ، ئۇنىڭ مۇغەمبەرلىك قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتىم بولمىغاچ ،ئۇنى يەنە قوبۇل كۆردۈم . <<نىكاھ قىلىۋېتەيلى >> دېسەم ،ئۇنىڭ دېيىشىچە ئارىمىزدا يەنىلا نىكاھ بارئىكەن . ئاھ خۇدا بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى . بۇ زامانغا كەلگەندە نىكاھ قانداق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى .
ئۇ قايتىپ كەتتى ، بىز داۋاملىق تېلېفوندا شېرىن گەپلەرنى قىلىشىپ يۈردۇق . ئارىلىقتا ئۇ ئىككى قېتىم كەلدى . قاتتىق خۇش بولدۇم .
ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىز ،ئايالىمغا ئۆي بولسىمۇ ئېلىپ بېرىشىمنى ، مۇشۇنداق قىلسام ئۇنىڭ ۋىجدان ئازابى تارتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى . مەن بۇنداق قىلىشقا قۇربىمنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى نەچچە دېسەممۇ ، قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ 300مىڭ يۈەنلىك ئۆينىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان 30پىرسەنىت پۇلىنى تاپشۇرۇپ توختام تۈزدۈم . قالغان كېمىنى بانكا قەرزى قىلماقچى . قەرز بېجىرىپ بولۇپلا ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى ئىدىم . يەنە قولۇم قىچىشىپ ئۇنىڭ چ چ سىنى ئېچىپ ئۇنىڭ باشقا بىر ئەرگە يېرىم كېچىدە 帅哥دەپ ئەركىلەپ يازغان خېتىنى بايقاپ قالدىم . ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تۈپەيلى مەن نەچچە قېتىم قىزىرىشىپ قالغان ئىدىم . ئۇ قاتتىق تۈزۈتىدىغان بولغان ، بىراق بۇ قېتىم مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ ،
-سىز باشقا قىزلار بىلەن يېزىشسىڭىز بولىدىكەن ، مەن يېزىشسام بولمامدىكەن ؟ دېگەن گېپى نېرۋامغا قاتتىق تەسىر قىلدى .
مەن نەدە تۇرۇپ ، قايسى قىز بىلەن بۇنداق خەتلەرنى يېزىشقانلىقىمنى پەقەت ئەسكە ئالالمىدىم . ئۇنىڭ بۇ بىشەملىكى مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى . بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئالماسلىقىنى ، ئۇنىڭغا باتناپ كۆرۈشكىلى ئۇنىماسلىقنى ئويلىدىم . بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمەكچى بولدۇم . كىم ئويلىسۇن ، نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ قويۇپ ،ئۇمۇ يوقاپ كەتتى .
ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىغىمۇ كۆز يۇممايمەن . ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولۇپ ، ئۇ يىگانە قالدى .
ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك بولسىمۇ ، شۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى مېنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە رازى بولدى .
كېچىنى -كېچە دېمەي ، كۈندە ماڭا تېلېفون قىلىشنى ئۇنۇتمىدى .
ھەر ۋاقىت كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇردى . ناماز ئوقۇشقا ، ھاراق، تاماكىدىن نېرى تۇرۇشقا ئۈندىدى .
ھازىر بىز ئالاقىلەشمىغىلى 1 ئاي بولاي دەپ قالدى . كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن . مەن زادى قانداق قىلسام بولار ؟
دوستلار ماڭا ياردەم قىلىڭلار ،تېلېفوندا ياكى چ چ دا بولسىمۇ بولىدۇ .
كۆڭلۈمنى چۈشۈنىڭلار دوستلار ، بۇئىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا مەندە نورمال پىسخىكىلق كەيپىيات بولۇشى ناھايىتى زۆرۈر ، دوستلارنىڭ قىلمىشىمدىن نارازى بولۇپ ، مېنى تىللىشى تۇرغانلا گەپ ، تىللىساڭلارمۇ مەيلى ، بىراق ماڭا بۇ ئايالنىڭ قانداق ئايال ئىكەنلىكىنى توغرا تەھلىل قىلىپ بەرگەن بولساڭلار . سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي ......