تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2142|ئىنكاس: 4

ئۆسەكلەردە ئۆلمەيدۇ ئەركەك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
847
تۆھپە
460
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆسەكلەردە ئۆلمەيدۇ ئەركەك



بۇ شېئىر ئابدىكېرىم ئابلىزنىڭ <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پروگراممىسىدا دېگەن تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىلغان ئىدى ئۆزۈمگە بەك ياراپ كېتىپ تېما قاتارىدا يوللىدىم .


ئۆسەكلەردە ئۆلمەيدۇ ئەركەك،
ئۆسەكلەرگە كۆنمەيدۇ ئەركەك.
ئۆسەكچىدە ۋىجدان نەقىلسۇن،
ئۆسەكچىلەر بولمايدۇ ئەركەك.


ئىچى ئادان دۇتلار كۆيىدۇ،
ئاداۋەتتىن قۇرتلاپ ئۆلىدۇ،
ئۆسەكچىلەر قەلبى پەس بولغاچ،
يېگەن ئېشى زەرداپ بولىدۇ.

   
ئۆسەكچىنىڭ ئۆسىكى يامان،
سېلىپ بەرگەن تۆشىكى يامان.
ھەزەر ئەيلە ئۇندىن خالايىق،
توقۇپ بەرگەن قوشىقى يامان.


ئابدىكېرىم ئابلىز ‹كۆڭلىم›دەر،
تۆمۈرخانمۇ مېنىڭ ‹يولۇم› دەر.
چىن دوستلۇقنى بۇزالماس ئۆسەك،
ھەر ئىككىسى خەلقىم-ئېلىم دەر...


ئۆسەك سۆزلەر ئۈنەلمەس ئەمدى،
كۆڭۈللەرمۇ كۆنەلمەس ئەمدى.
تەڭرىتاغدىن بىلدۇق شەمسىيە،*
ئۆسەكچىلەر كۈلەلمەس ئەمدى.
           
* رىياسەتچى  شەمسىيە  ئەبەيدۇللا دىمەكچى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
31
تۆھپە
21
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مۇشۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنى دەيمەندە... بىگۇنا ئادەمگە غەيۋەت قىلسا ، تۆھمەت قىلسا ئۆزلىرىگە گۇناھ يىزىلىدىغىنىنى بىلمەمدىكىن تاڭ ؟ بولۇپمۇ ئابدۇكىرەم ئابلىزكانىڭ زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا دىگەن گىپى يەنى ‹ ئاشۇ ئۆسەك سۆز سەۋەبىدىن بىزمۇ ئۆز ئىشىمىزغا بەك بىرىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدۇق › دىگەن گىپى مىنى ئويغا سىلىپ قويدى..مۇشۇ ئۆسەك سۆز سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاتاقلىق كىشىلىرىمىزنىڭ خىزمەت ،ئىجادىيەت ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنلەپ كىتىشىنى شۇ غەيۋەتخورلار بىلمەمدىكىن ؟؟  


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
3
UID
23027
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆسەكچىلەرنىڭ خىزمىتى ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىش تۇرسا،ئەگەر ئۇلار ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتمىسا نىمە ئىش قىلىدۇ.
ئەڭ ياخشىسى ئۆسەك سۆزلەرگە پەرۋا قىلماسلىق كىرەك.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
826
تۆھپە
615
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگىمۇ يارىدى شېئىرىڭىز، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت ياغسۇن!


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1175
تۆھپە
1001
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى يىزىلغان شىېر بوپتۇ رەخمەت ھارنىغايسىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-15 02:23, Processed in 0.072469 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991