مۇھەببەت ئاچقۇچى
(تەرجىمە ھېكايە)
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالاھىدە مائارىپلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتىم. بۇ يەر ئۆيۈمدىن 170 ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتا ئىدى. خىزمىتىم مەن ئويلىغاندىكىدەك ئەھمىيەتلىك بولماستىن تولىمۇ ئوسال ئىدى. مەكتەپ شەھەر ئامانلىقى ئەڭ ناچار يەرگە ئورۇنلاشقان، بۇ يەردە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، ئوغرى، بۇلاڭچى... لار ئايلىنىپ يۈرىشەتتى. مەكتەپنىڭ بۇ يەرگە قۇرۇلىشىدىكى سەۋەپ مۇشۇنداق خاتا يولغا كىرىپ قالغانلارنى تەربىيىلەش ئىدى.
ھەپتە ئاخىرى ئۆيگە قايتساملا دادام ئەنسىرىگەن ھالدا مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ « ئۆزەڭگە ئېھتىيات قىلغىن» دەيتتى. ئەمما مەن 23 ياشقا كىردىم، ئەمدى ئۆزۈمگە تەۋە ماكان بولۇشى كېرەك.
«ئەنسىرىمەڭ دادا» مەن دائىم ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىلا شۇنداق دەپ قوياتتىم.
بىر كۈنى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بولغىچە كەچ بولۇپ كېتىپتۇ. مەكتەپ دەرۋازىسى ئاللىبۇرۇن تاقىلىپ بوپتۇ. مەن تۆت ئەتراپقا قاراشقا باشلىدىم، ھەممە ئۆيىگە قايتىپ بولغان ئىكەن، بىرەرىمۇ مېنىڭ تېخىچە بۇ يەردە ئىكەنلىكىمگە دىققەت قىلماپتۇ. يېرىم كۈن ئىزدەم يۈرۈپ، ئاخىرى پاكارراق تامدىن ئارتىلىپ مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم.
مەن يېقىن ئەتراپتىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدىن ماشىنامنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتاتتىم، ئۈستى - بېشىم كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. تۇيۇقسىز كەينى تەرىپىمدىن چېقىراشقان، ئىسقىرتقان، تۇرۇپ - تۇرۇپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكەن ئاۋازلار كېلىشكە باشلىدى. ئۆرۈلۈپ شۇنداق قارىسام،،يېقىنلا يەردە ئاز دىگەندىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سەككىزچە ئوقۇغۇچىسى ماڭا قاراپ كېلىۋېتىپتۇ. مەن بىر قاراپلا ئۇلارنىڭ يامان نىيەتتە ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
«ھەي، سىز ئوقۇتقۇچىما» بىرى ماڭا قاراپ ۋاقىرىدى.
- ئۇنداق ئەمەستۇ، ئۇ بەك ياش ئىكەن، ياردەمچى تەربىيىچىدۇ،- دىدى يەنە بىرى.
مەن ئىختىيارسىز قەدەملىرىمنى تېزلەتتىم. «ئۇ خېلى چەبدەسكەن - ھە» ئۇلار مېنى داۋاملىق زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۋاتاتتى.
مەن سومكامدىن ئاچقۇ ئاسقۇمنى ئىزدەشكە باشلىدىم. ھودۇققۇنىمدىن يۈرۈكۈممۇ ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى.
بەختكە قارشى، سومكامنىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپمۇ ئاچقۇ ئاسقۇمنى تاپالمىدىم. « ئۇنى تۇتايلى» دەپ ۋاقىرىدى بىرى. « ئاھ تەڭرىم، مېنى قۇتۇلدۇرۋال» مەن تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىشقا باشلىدىم. تۇيۇقسىز قولۇمغا مۇزدەك بىر نەرسە ئۇرۇلدى. نىمىدۇ بۇ، تەڭگە پۇلمىدۇ؟ ياق بۇ يەكپاي ئاچقۇچ ئىدى. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىدىم، ئۇنىڭ ماشىنامنىڭ ئاچقۇچى ياكى ئەمەسلىگىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئەمما مەن خۇددى جاننى قۇتقۇزۋالىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال چۆپنى تۇتىۋالغاندەك ئۇنى مەھكەم سىقىمدىغىنىمچە ماشىنام تەرەپكە ئوقتەك يۈگۈردۈم. ئاچقۇچنى ماشىنىغا سالدىم، خۇداغا شۈكرى ماشىنا ئىشىكى ئېچىلدى، مەن ماشىنىغا چىقىپ ئىشىكلەرنى دەرھال ئېتىۋالدىم. بۇ ۋاقىتتا بۇ بىر توپ بالىلار ماشىنامنى قورشاپ بولغان ئىدى. ئۇلار ماشىنامنىڭ شامال توسوش ئەينىكىنى ھەدەپ مۇشتلاشقا، ئىشىكىنى ھە دەپ تېپىشقا باشلىدى. مەن ھىچنىمىگە قارىماي ماشىنامنى ئوت ئالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىقىپ كەتتىم.
ئۇزۇن ئۆتمەي، ساقچى ۋە بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى ماڭا ھەمرا بولۇپ مەكتەپكە كەلدى. قول چىرىقىنىڭ يورۇقى بىلەن مەن ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا يېقىن جايدىن ئاچقۇ ئاسقۇمنى تېپىۋالدىم، بۇ بەلكىم مەن ھودۇقۇپ كەتكەن ۋاقتىمدا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. مەن تېخىمۇ ئەجەپلىنىشكە باشلىدىم، سومكامدىكى ھېلىقى يەكپاي ماشىنا ئاچقۇچى قەيەردىن كېلىپ قالغاندۇ؟ ئەجىبا راستىنلا تەڭرى ئاشۇ جىددىي پەيتتە ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلگەنمىدۇ، مەن گاڭگىراپلا قالدىم.
مەن ساقچىخانىدا خاتىرە قالدۇرۇپ بولۇپ، ئۆيگە بارغۇچە ھېرىپ ھىچ ھالىم قالمىغان ئىدى، دەل مۇشۇ چاغدا دادامدىن تېلىفون كېلىپ قالدى، ئۇنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ بايا بولغان ئىشلارنى ئېيتمىدىم ۋە ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدىم. پارىڭىمىز ئاخىرلىشاي دىگەندە دادام :
- ھە راست، ساڭا ئېيتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپتىمەن، ھاماقەت قىزغا چوقۇم كېرەك بولىدۇ دەپ ماشىنا ئاچقۇچۇڭدىن بىرنى ياسىتىپ سومكاڭغا سېلىپ قويغان ئىدىم.
مەن ئاخىرى چۈشەندىم، خەتەرلىك جىددىي پەيتتە دادامنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى مېنى قۇتۇلدۇرۋالغان ئىكەن. شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، مۇھەببەتلا بولسا، ئاددىي بىر ھەرىكەتمۇ مۆلچەرلىگۈسىز قىممەت يارىتالايدىكەن.