قاپقارا ئاپتاپ
(پەلسەپەۋى شېئىرلار)
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
قاپقارا ئاپتاپ
يېشىل شار ئەرزىمەس جانلىقلىرىغا،
ئىزدەيدۇ قۇياشتىن ئوزۇق ۋە ھايات.
سۆيۈنۈپ باقىدۇ يىراق سۈكۈتتە،
ئەبەدىي رەڭگىدە رەڭسىز كائىنات.
كائىنات رەڭگىدە تۇپراق بىلەن نۇر،
قاراڭغۇ ئالەمگە زىننەت بىھېساب.
زەررىلەر كەڭلىكى سىغماس چېتىگە،
شۇ چەتتە شۈبھىسىز قاپقارا ئاپتاپ...
گۇناھ سەپىرى
تاغلارنىڭ قارنىنى قازغاننى كۆردۈم،
ئورماننى توشۇشقا ياساپ تاشتىن يول.
تەبىئەت ئالدىدا گۇناھكار ئىنسان،
سول قولنىڭ ئالدىدا گۇناھكار ئوڭ قول.
زېمىننىڭ باغرىدا رىزقى ئىنساننىڭ،
رىزقىنى يېيىشتە ئىنسان زەپ ئوسول.
ئوغلىغا يىغقىنى زادى نېمىكىن؟
توغۇلدى بۈگۈنگە قانچىلاپ ئوغۇل.
ئوت ئويناش
يوق ئىكەن بىلىشتە تېۋىنىش جېڭى،
تېۋىنىش باشلىنىش، بىلىشنىڭ جېنى.
ئوت ئويناش ئەزەلدىن ئازابقا يېقىن،
ئويۇندىن پۈتكىنى «شائىرلىق پېنى».
شائىرنىڭ قىلىقى ـــ خىيالىي، ئاخماق،
شائىرنىڭ ھېسلىرى ئادەتكە چاقچاق.
شەيئىلەر باراۋەر، مەۋجۇتلۇق گۈزەل ــ
ئەرزىمەس رېئاللىق، «قارا» بىلەن «ئاق».
شائىر ئۇ سۆيگۈچى، ئوتتا كۆيگۈچى،
مۇقەددەس نۇر ئىچرە سەجدە ئۈچۈن تەق.
مەيلىغۇ روھ قۇچسا نۇرنىڭ ۋەسلىنى،
تەن - خاكنى قانچە رەت كۆيدۈرسە دەۋزەخ!
تەبىئەت «مەدەنىيتى»
ئۇياتلىق، يەنىلا ئۇياتلىق ئىنسان،
تەبىئەتتىن ئاجرىغان ئازغۇن «ھۆكۈمران».
ئەۋرەتنى ياپقىنى، بەلگە تاپقىنى،
ئىمكانلار ئىچىدە پەقەت بىر ئىمكان.
يەر توپچە تىكلىسە مەدەنىي دەپ تۇغ،
تەبىئەت مەدەنىيىتى ئۇلۇغدىن ئۇلۇغ.
چەكلىك ئاڭ كۆكلەتسە ئاران بىرتال بىخ،
تەبىئەت قوينىدىن تۆكىدۇ ئۇرۇق!
ئايال ئۆلگەن دۇنيا
ئەرئەقلى ئايالغا شاھانە ياراق،
كانلاردا قۇيۇق ئىس، ئالتۇن پاتپاراق.
ئېچىلىپ – ئېچىلىپ چارچىغان دۇنيا،
ئەسلى سىر - ھېكمەتلەر نەزەردىن يىراق.
ئايالنى ئۆلتۈرمەك قەستىدە تاملار،
مايسىراپ پىلىلدار ئانىلىق چىراغ.
ئۇ ئۆلسە بولماسمىش مەڭگۈ قىيامەت،
بولماسمىش ئۇرۇشلار، جازا ھەم سوراق...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 17:12