غەيۋەتخور
مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)
ئۆتەر يولدا، دوقمۇشتا يايما ئاچار غەيۋەتخور،
ئۆتسە بىراۋ يېنىدىن شالە چاچار غەيۋەتخور؛
بولسا شېرىك ئۆزىگە قوينىن ئاچار غەيۋەتخور،
دۇرۇس يولغا باشلىسا بەدەر قاچار غەيۋەتخور.
قالسا كەم شۇ غەيۋىتى يىگەن ئېشى سىڭمەيدۇ،
تاتىلىمىسا ئەيىبنى، گويا بەختى كۈلمەيدۇ؛
گەپ توشۇشقا ماھىر ئۇ، نومۇسنى ھېچ بىلمەيدۇ،
شان - ئۇتۇقنى ئاڭلىسا، كۆزگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.
كەلسە بىرىگە كېلىشمەس، خوپ بوپتۇ دەپ سۆزلەيدۇ،
ئۆزگىنى قىلىپ قۇربان، ئۆزىنىلا كۆزلەيدۇ؛
قىلغان ئۇنىڭ ئىشىدىن ئەل غەزىپى ئۆرلەيدۇ،
بولغاچ يۈزى بەك قېلىن ئاڭا پىسەنت قىلمايدۇ.
گەپ تارقىتىپ، كۇسۇلداپ، تاتىلايدۇ ياراڭنى،
ئەزۋەيلەيدۇ توختىماي قىممىتى يوق پاراڭنى؛
جەننەت قىلىپ تەرپلەر قۇرۇق - قاخشال باراڭنى،
دانىشمەن قىپ ئۇچۇرار ئەقلى كەمتۈك ساراڭنى.
گەپ توشۇغاچ ئۆيمۇئۆي زىددىيەت سېپ ئارىغا،
داۋا قىلماي تۇز سېپەر ، كۆڭۈلدىكى يارىغا؛
ئۇ سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ ، ئايلىنار ئاق - قارىغا،
ئارازىلىق كۆپۈيەر، توشقاچ زەرداب يارىغا.
چېڭى چىقسا ناۋادا، تېنىۋالار سۆزىدىن،
دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزگىگە ياش تۆكىدۇ كۆزىدىن؛
سەۋەنلىكنى ئىتتىرىپ، قىلچە كۆرمەس ئۆزىدىن،
غەيۋەتخورلۇق ئۆچمەيدۇ قېلىن، داپشاق يۈزىدىن!
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 17:05