ئاھ، ئاتىلار
ھەممە شائىر«ئانام...» لا دېدى،
ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.
خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى.
بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.
دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،
كۆردى نى - نى دەردۇ بالالار.
ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئېچىپ،
كەزمىدىمۇ تاغۇ - دالالار.
نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،
قېلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.
ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،
ئايىقىدا قاننىڭ دولقۇنى.
تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،
ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.
يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،
شىر يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.
بىز ئاتالدۇق تانسىدا يىگىت،
ئاھ، ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.
※※※※※※※※
يىڭنىلەرگە رەھمەت ئۇقۇلدى،
جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا.
كۈسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى،
قېلىچ بىلەن يارالسا دۇنيا.
تۇقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،
ھۆرلۈك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.
كۆڭلەك بەرسە ئانام ماتادىن،
بايراق بەردى ئاتام زەپەردە.
سايىلاردا ئانام ئەللىيى،
مەن قۇچاقتا كۆزۈم ئۇيقۇدا.
خامانلاردا ئاتام لاي ... لېيى،
شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا.
مەن يېقىلسام ئانام يىغلىدى،
ئاتام سىلكىپ مىندۇردى ئاتقا.
جاپالاردا راسا تاۋلىدى،
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا، ياتقا.
چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،
ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.
ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،
يېشى دەريا، ئۆزى كېمىدە.
مىڭ يىگىتنىڭ ھىممەت لەرزى بار،
قولىدىكى ھەربىر قاداقتا.
ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار،
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا.
مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت،
ئاھ، جان ئاتام جەڭگاھتا شېھىت.
ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ «ئاھ ئاتىلار» ناملىق شېئىر توپلىمىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 17:01