تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 10404|ئىنكاس: 15

ھىندىستان ‹‹جۇڭگوغا مەڭگۈ يېتىشەلمەيدۇ›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
405
تۆھپە
134
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھىندىستان‹‹جۇڭگوغا مەڭگۈ يېتىشەلمەيدۇ››


      [ئەنگلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ 8 - ئاۋغۇستتىكى ماقالىسى] تېمىسى ھىندىستاننىڭ شىركەتلىرى جۇڭگوغا مەڭگۈ يېتىشەلمەيدۇ (ئاپتۇر: لاھور ياكوبۇ ) ھىندىستاننىڭ سودا ساھەسىدىكى سەرخىللىرى داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە ۋە يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يىغىنلارغا قاتناشقان چاغلىرىدا دائىم نوپۇس نىسبىتى جەھەتتە ھىندىستان جۇڭگوغا قارىغاندا ئۈستۈنلىككە ئىگە دەيتتى، بۇ گەپ ئۇلارنىڭ دائىم دەيدىغان ئېغىز تىلىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
      ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى شۇكى، مىليونلىغان ياشلارنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىغا كىرىشىگە، شۇنداقلا ھىندىستانلىقلارنىڭ كېرىمى ۋە ئامانەت پۇلىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى چوقۇم يۇقىرىلايدۇ، لېكىن جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ناھايىتى تېزلا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كېلىدۇ.
      كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ئاڭلىماققا بەلكىم توغرىدەك قىلىدۇ، لېكىن ھىندىستاننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تەكشى ئەمەس. ھىندىستاندا مىليونلىغان بالىلار تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدۇ ياكى مۇنتىزىم تەربىيەگە ئىگە بولالمايدۇ.
      ئالدىنقى ھەپتىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتى مارىسنى تەكشۈرۈش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئوبزورچىلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ قاتتىق تەنقىد قىلدى، چۈنكى يەرشارى بويىچە ئېغىر ھالدا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ھىندىستاندا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستانلىقلار ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىغانلار ئاران %23، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى بىردەك ئەمەس، لېكىن جۇڭگودا ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغانلار ھىندىستاندىكىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق. جۇڭگو ھازىر يەنە تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئالىي مەكتەپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ، ھىندىستان بولسا، يەنىلا كىشىلەرنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ.
      ھىندىستاننىڭ سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن سەرخىللار ھىندىستاننىڭ نوپۇس نىسبىتى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ماختاپ خۇددىي ئىسسىق گاز شارىغا ئوخشاش چوڭايتىۋەتتى، لېكىن خۇددىي ئۇلارنىڭ شىركەتلىرنىڭ پاي باھاسىغا ئوخشاش، بۇ ئىسسىق گاز شارى ھازىر كىچىكلەشكە باشلىدى. پاكىت ھىندىستاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بەرپا قىلىش جەھەتتە جۇڭگوغا زادىلا يېتىشەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىدىكى (ئېكسپورت كارخانىلىرى مەركەزلەشكەن رايونلار) ئىشچىلار مائاشىنىڭ تەخمىنەن %20 ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ تۆۋەن تىرېمىناللىق ياسىمىچىلىقى باشقا جايلارغا يۆتكىلىشكە باشلىدى. ھىندىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك پۇرسىتىدەك قىلىدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ تۆۋەن تىرېمىناللىق ياسىمىچىلىقى ھىندىستانغا ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ئۆلكىلەرگە، شۇنداقلا ۋېيتنام ، بېنگال ۋە ھىندونېزىيەگە يۆتكەلدى.
      ئىقتىساد تەتقىقان ئاپپاراتىنىڭ لۇڭجۇ ئىقتىسادىي خەۋەرلىرىدىكى گې يىخاۋ مۇنداق دەيدۇ، جۇڭگو مائارىپقا مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئىش قىلىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ 60 ياشتىن ئاشقاندىمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھىندىستاننىڭ بۇ جەھەتتە قىلغان ئىشلىرى تېخى ناھايىتى يېتەرسىز.
      بۇ يىل يازنىڭ بېشىدا، مەن دېھلى ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان كۈتۈۋاتقاندا، باش بۆلۈمنىڭ شياڭگاڭدىكى Epic گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى Blue J, Ma tan بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. بۇ شىركەت گەيپۇ قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ماركىدىكى كىيىم - كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن، ئۇنىڭ بېنگال دۆلىتىدە 15 مىڭ ئىشچىسى بار ئىكەن، مەن ئۇنى بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى كۆرگەن ئىدىم، شۇ چاغدا ئۇ ماڭا بۇ يىل يازدا مېۋە - چېۋە رەڭگىدىكى پادىچى ئىشتانلىرىنىڭ زاكاز قىلىنىشى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاغرىنغان ھالدا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
      مەن Blue J, Ma tan نى دېھلىغا بىرەر يېڭى زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن كەلدىمىكىن دەپتىمەن ، لېكىن Blue J, Ma tan ئامېرىكىلىق بىر مۇھىم خېرىدار بىلەن كەچلىك تاماقنى بىللە يېمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن دېھلىدا پەقەت بىر كېچىلا قوندى، ئۇ ھىندىستاننىڭ ئەمگەك قانۇنى ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدىغان بولغانلىقتىن، بېنگال دۆلىتىدە چوڭ تىپتىكى زاۋۇت قۇرسا ئادەم ياللاشنىڭ تېخىمۇ ئاسان بولدىغانلىقىنى ئېيتتى.
      تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
31
تۆھپە
21
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەتنىڭ كۈچى پەقەت ئادەم سانى بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ. ئىقدىساد،پەن-تىخنىكا،قىزىلما بايلىق،ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتى،پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى .....قاتارلىقلاردا ئۈستۈنلىككە ئىرىشكەندىلا دۆلەت قۇدرەت تىپىپ دۆلەت كۈچى ئاشىدۇ.


Rank: 1

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
31
تۆھپە
21
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقدىساد،پەن-تىخنىكا،ھەربىي كۈچ ،قىزىلما بايلىق،ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتى ،ئىكىسپورت،دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ....قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ ئەمىلى كۈچىنىڭ ئاساسلىڭ ئۇلى... ھىندىستان ئاۋال پۇقرالىرىنىڭ قورساق ،تۇرالغۇ ،مەدىنىيەت سەۋىيسىىنى ئۆستۇرۇپ ئاندىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بەسلەشسۇن !


Rank: 2

ئىسىمى
ئابدۇغېنى
تىللا
171
تۆھپە
22
UID
8809
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىمى ،مۇشۇنداق بىر ياخشى بىلەن تەمىنلىگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 16:55  



Rank: 4

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
415
تۆھپە
154
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرەقىيات        تەرەقىيات       تەرەقىيات



تەرەققى قىلمىغانلىقنىڭ ئۆزى ھالاك بولغانلىق!



دۆلەت تەرەققى تاپساخەلىق ناياشات بۇلىدۇ


Rank: 4

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
415
تۆھپە
154
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭلار «باياشات» بۇلىدۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
907
تۆھپە
395
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە، ھىندىستان پۇقرالارنىڭ قورسىقىنى باقالمغىنى بىلەن خەۋىرى يوق، تىخى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپوسقا ئىگە دۆلەت بولغانلىقدىن پەخىرلىنىدىكەن، خەقتىن ئىشىپ كىتىمەن دەيدىكەن ئاۋال مائارىپ، سەھىيە، ئاممىۋىي ئەسلىھە قۇرلۇشىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشى كىرەك، لىكىن بۇ خەقنىڭ شەھەرلىرى خۇددى بىر ئەخلەتخانىنىڭ ئۆزىلىكەن، دۇنيادىكى مەلۇم بىر تەشكىلات،‹‹دۇنيادىكى ئون مەينەت شەھەر››نى تەكشۈرۈپ باھالىغاندا، بىر ھىندىستاندىن پايتەخىت يىڭى دېھلى ۋە ئقتىسادىي مەركەز بومباي بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغانىكەن...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1193
تۆھپە
672
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭكىدىمۇ قورسىقى تويمايۋاتقانلار كۆپتۇ؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1175
تۆھپە
1001
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىندىستانلىقلارمۇ  بەكلا ئابروي پەرەس بىرنىمىلەركەن قوڭامدا ئىشتىنىم يوق ئىسمىم مارجان بۇۋى دەپ .يۇرمەي خەلقىنى ئوبدانراق باقسا بولدۇ. مەنچە ئۇلار يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنسا بولارمىكىن.


Rank: 4

تىللا
199
تۆھپە
104
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ھەربىي خىراجەتكە ئىشلىتىپ نوچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ . دۆۋلەت ئىچىنىڭ ئۇل مۇئەسسە قۇرلىشى بىلەن كارى يوق  .ئاددىغىنىسى قاتنىشى ناچارلىقتىن پويۇزنىڭ ئۈستىگە يانلىرغا يامىشىپ سەپەرگە چىقىدۇ ئەمەسمۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-15 02:23, Processed in 0.082188 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991