بالام كۆپ چاقام يوق
ئەپەندىمدىن بىرسى سوراپتۇ:
- ئەپەندىم بالا - چاقىڭىز كۆپمۇ؟
- بالام كۆپ چاقام يوق، - دەپتۇ ئەپەندىم.
تېپىشماق
ئەپەندىمنىڭ ئاغىينىسى يۈكنىڭ ئاستىغا تۇخۇمنى يۇشۇرۇپ، ئەپەندىمدىن:
- ئەپەندىم، يۈكنىڭ ئاستىدىكى نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بەلگىلىرىنى ئېيتىپ بېرىڭ، - دەپتۇ ئەپەندىم.
- تېشى ئاق، ئىچى سېرىق.
- تاپتىم، - دەپتۇ ئەپەندىم، - بىر سىقىم قارنىڭ ئىچىگە سەۋزە تىقىپ قۇيۇپسىز.
كىتابپۇرۇش
ئەپەندىم كىتابپۇرۇشلۇق قىلىپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- ئەپەندىم، ئوقىتىڭىز قانداقراق؟
- ئوقىتىمنىڭ تايىنى يوق.
- نېمىشقا ؟
- بۇ زاماندا پۇلى بارنىڭ ساۋاتى يوق، ساۋاتى بارنىڭ پۇلى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 15:39