تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4675|ئىنكاس: 10

‹ تۈركىي تىللار دىۋانى › قايتا نەشىر قىلىندى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
23179
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹ تۈركىي تىللار دىۋانى › قايتا نەشىر قىلىندى


T2fmaAXdhbXXXXXXXX_!!496054793.jpg



    ‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك › يەنى ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى › ( تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹ دىۋان › دەيمىز ) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك نامايەندە ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق. شۇڭا، ئازادلىقتىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ‹ دىۋان › نى نەشىر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى.
‹ دىۋان › نىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە نەشىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈشى ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەشىرگە تەييارلىنىپ ، نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن بىرىنچى تومى 1981- يىلى ، ئىككىنچى تومى 1983- يىلى ، ئۈچىنچى تومى 1984- يىلى نەشىر قىلىنغانىدى. ‹ دىۋان › نىڭ بۇ نەشىرى يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئېلىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە كەڭ قانات يېيىشىدا زور رول ئوينىدى.
    بۇ قېتىم ‹ دىۋان › نىڭ يېڭى نەشىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق نەشىرى ئاساس قىلىندى. ئەمما، ئىلمىي جەھەتتە بەزى زۆرۈر تۈزىتىشلەرمۇ كىرگۈزۈلدى. كىتابنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى ۋە ئورالما قاپلىرىمۇ ئالاھىدە نەپىس ئىشلەندى ، شۇنداقلا سېتىلىش باھاسى بىردەك 500 يۈەنگە بېكىتىلدى.

T2RGlKXixcXXXXXXXX_!!496054793.jpg



T2UB5XXeNbXXXXXXXX_!!496054793.jpg


T2wcqCXb8bXXXXXXXX_!!496054793.jpg


T29sl9XbRcXXXXXXXX_!!496054793.jpg


كىتابنىڭ سۈرەتلىك ئۇچۇرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا مەرھەمەت قىلىڭ !

http://item.taobao.com/item.htm?id=16725799700

ئۈرۈمچى دانىش كىتابخانىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
79
تۆھپە
33
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ، خەپ ب ۇقىتىم چوقۇم بىرنى سىتىۋالىمەن


Rank: 1

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
28
تۆھپە
20
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم دەيدىغان تارىخىڭنى ئوبدان بىل ، ئۆز تارىخىڭنى بىلمىسەڭ  كىيىن خەق دۈمبەڭگە قويۇپ يازغان تارىخنى ئوقۇيسەن دەپ ...
ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرى يازغان بۇ تەۋەرۈك كىتابنى يەنەقايتا بىر ئوقۇپ شۇ تارىخىم توپىلىرىمنى قايتا كۆزۈمگە سۈرتەي....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەيسا بەگ
تىللا
559
تۆھپە
205
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ تۈركىي تىللار دىۋانى › قايتا نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! ھەمدە بۇنىڭغا كۈڭۈل بۆلگەن كىشىلەرگە سەمىمىي رەھھەت ئېيتىمىز!.



دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

......ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .....

Rank: 2

تىللا
80
تۆھپە
61
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، بىرەر مەيدان مەشرەپ بىلەن تەبرىكلىسەك بولاتتى...


Rank: 4

تىللا
489
تۆھپە
134
UID
3910
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ تۈركىي تىللار دىۋانى › قايتا نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،بۇ بىر زور ئىش بوپتۇ،بۇنىڭغا كۆچ چىغارغانلارغا كۆپ تەششەككۇر!!!!!!!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1390
تۆھپە
655
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇركى تىللار دىۋانىنى كۆپ نەشىر قىىلغىنى ياخشى ئىش بوپتۇ بىرنى سىتىۋالىمەن .


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
23347
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيەردىن سىتىۋالساق بولار


Rank: 3Rank: 3

تىللا
193
تۆھپە
100
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلانى دۇنياغا تونۇتقان  بىز ئۈچۈن گۆھەر ھېسابلىنىدىغان كىتىپ بۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6191
تۆھپە
3172
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بىر يۈرۈش لازىم!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
http://trgm.lingdi.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 14:24, Processed in 0.083186 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991