زەھەر ۋە ئۆلۈم
ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى زەھەر دەپ ئاتالغان بۇ سۆزنىڭ قانداق مەنىسى - رولى بارلىقىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. چۈنكى، زەھەر ئادەمنى زەھەرلەيدۇ، جاننى ئالىدۇ. كىشىلەر زەھەرلىك يىلان، چايان قاتارلىقلارنىڭ چېقىۋېلىشىدىن قورقىدۇ. جەمئىيەتتە ئادەمگە داۋالاش ئۈچۈن دورا مەجبۇرىي ئىچىرىلىدۇ، جازالاش ئۈچۈن زەھەر مەجبۇرىي ئىچىرىلىدۇ، ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن ھاراق مەجبۇرىي ئىچىرىلىدۇ.
جەمئىيىتىمىزدە زەھەرنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىدىغان، يەيدىغان، ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغان كىشىلەر پەيدا بولدى ھەم پەيدا بولۇۋاتىدۇ. تېخى زەھەر دەپ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ ھەرخىل ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىۋاتىدۇ. ئاقىۋەت، ھاجەتخانا دېگەندەك يەرلەردە زەھەر ئۇرغان ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن قېتىپ قېلىپ ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ قېلىۋاتىدۇ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر تېرە - بىر ئۇستىخان ھالەتتە خارلىق بىلەن جاندىن ئايرىلىۋاتىدۇ.
قىسقىسى، زەھەر ئۇنى ھەرخىل ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلغۇچىلارنى ئادىمىي ھاياتلىق مۇددىتىدىن بۇرۇن ئۆلۈمگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە شۇنداق بىر سوئال تۇغۇلماي قالمايدۇ. زەھەر ئىستېمال قىلىدىغانلار پات ئارىدا ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى زەھەر دېگەن سۆزنىڭ زىيان - ئاقىۋىتىنى ئويلىيالمامدۇ؟ زەھەر ئىستېمال قىلىش باتۇرلۇق ئەمەس، قەيسەرلىكمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ - تۆت كىلوگىراملىق ھالەتتە تۇغۇلغان ئادەم بالىسىدىن قانداق چوڭ بولغانلىقنى بىلمەيدىغان، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن چوڭ قىلغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان، قىممەت ئېڭى شەكىللەنمىگەن، ئەقىدە - ئېتىقادى تۇرغۇزۇلمىغان، ھاياتلىقتا نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقىنى چۈشەنمەيدىغان ھالەتتىكى ساراڭلارلا زەھەر ئىستېمال قىلامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى. ھەممەيلەنگە مەلۇم، زەھەر ئىستېمال قىلىش ئادەمنى قېرىماي تۇرۇپلا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. قېرىغان ئادەم بىلەن ياش ئادەمنىڭ ئۆلۈم تۇيغۇسى پەرقلىنىدۇ. قېرىپ قالغان ئادەملەر ئۆلۈمنى كۈتكەندەك ياكى ئۆلۈمگە يېقىنلىشىپ قالغاندەك تۇيغۇ - سىزىملەردە بولسا، ئەكسىچە قېرىمىغان ئادەملەر ئۆلۈمدىن قاچىدۇ، ئۆلۈمنى ئويلىمايدۇ، ھاياتلىققا قانمايدۇ. چۈنكى، ياش ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ھاياتىي كۈچ بىلەن قېرىغان ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ھاياتىي كۈچ ھەم ياشلارنىڭ ئۆلۈم تەسەۋۋۇرى بىلەن ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈم تەسەۋۋۇرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ياشلارنىڭ ئۆلۈم ئازابى بىلەن ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈم ئازابى پەرقلىنىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈمىگە قارىغاندا ياشلارنىڭ ئۆلۈمى ئېلىپ كېلىدىغان ئىچ ئاچچىقلىق ئوخشىمايدۇ، ياشانغانلارغا ئامال يوق دېيىلىدۇ، ئەمما ياشلارغا ئامال يوق دېيىلمەيدۇ.
شۇڭا، زەھەر ئىستېمال قىلىپ ياش تۇرۇپ ئۆلىدىغانلار تېخى ئۆلىدىغان ۋاقتىغا كەلمىگەن ئادەملەر بولۇپ، ھاياتلىق قانۇنىيىتى، ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆڭلى، جەمئىيەتنىڭ سەرپىياتى ئالدىدىكى ئارتۇقچە يوقىتىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن زەھەر ئىستېمال قىلغانلار زەھەرنىڭ مەنىسىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى، ئەخمەقلىق قىلىپ زەھەر بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك.
مەنبە: يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 13:27