دېھقان ئانا ، ئامان بول ، ئامان
( بۇ شېئىرىمنى بارلىق دېھقان ئانىلارغا بېغىشلايمەن )
سەن شۇ قەدەر ئۇلۇغ پاسىبان ،
مېھرىڭدىن نۇر ئىمىدۇ جاھان ،
ئارمانلىرىڭ بولمىسۇن خازان ،
دېھقان ئانا ، ئامان بول ،ئامان !
قان - تەرىڭدىن زېمىن كۆكىرەر ،
ئاھلىرىڭدىن ئالەم چۆرگىلەر ،
ھەسرىتىڭدىن قەلبىم ئۆرتىنەر،
دېھقان ئانا ، ئامان بول ، ئامان !
كۈچۈڭنى سەن تۇرماسسەن ئاياپ ،
تۆككەن ئىسسىق تەرىڭ بىھېساپ !
جىلۋە قىلار چېھرىڭدە ئاپتاپ ،
دېھقان ئانا ، ئامان بول ، ئامان !
قاداق باسقان قوللىرىڭ گۈلكەن ،
كۆڭلى - كۆكسۈڭ دېڭىزدىن كەڭكەن،
يوللىرىڭنى باسمىسۇن تىكەن ،
دېھقان ئانا ، ئامان بول ، ئامان !
ئېتىز سېنى ئەتكەندە باغاش ،
يۈزۈڭگە نۇر سەپكەندە قۇياش،
ۋۇجۇدۇڭمۇ بولاركەن ئوتقاش ،
دېھقان ئانا ، ئامان بول ، ئامان !
نۇرلۇق چېھرىڭ بولمىسۇن سامان ،
كۈلۈپ باقتى ساڭا بۇ زامان ،
بەخت سېنى قۇچاقلار ھامان ،
دېھقان ئانا ، ئامان بول ، ئامان !
2012 - يىلى 9- ئاۋغۇست