تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2244|ئىنكاس: 7

ئاشىق نىداسى ( قۇياش )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
427
تۆھپە
221
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سەن ئۈچۈن پىدادۇر بۇ قان ئەزىزىم،
تاشقىنلار نېمىدى سۆيگۈم ئالدىدا.

غېرىپمۇ سۆيمىگەن سەنەمنى ئۇنداق،

سۆيگۈمدىن ئاسقۇم بار تۇمار بوينۇڭغا.



تىڭشىغىن قەلبىمنىڭ سادالىرىنى،

ئالەمگە ئاڭلانسۇن قەلبىمدىكى سىر.

پەرھاتمۇ كۆيمىگەن شېرىنگە بۇنچە،

يار ، ساڭا ئۇزاتتىم ئىخلاس ۋە مېھىر.


دەردلىرىم دەريادۇر باغرىڭغا ئاققان،

سېغىنىش يالقۇنى ئۆرتەيدۇ دىلنى.

كاككۇكمۇ زەينەپكە ئاشىقمىدىكىن،

ھىجراندا زارىقىپ ئۆتكەن مەن كەبى.



تۈتۈن بوپ كەتمەستە سۆيگۈ ئارمىنىم،

يۈرەكنى قوش قوللاپ سۇنسام يار ساڭا.

يۈسۈپتەك ئۆرتەنسەم، زۇلەيخا كەبى،

ئوتۇڭنى ھەسسىلەپ سالدىڭ سەن ماڭا.




ئىشقىڭدا كۆيۈشمۇ بەختىمدۇر مېنىڭ،

باھارىم ۋەسلىڭگە ئىنتىزار دائىم.

ئارماننى قەبرەمگە ئېلىپ كەتكۈم يوق،

گۈلۈمنى قوبۇل قىل ئەزىز نىگارىم...



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
132
تۆھپە
69
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوياشجان ....  ئىلھام كىپقاپتۇ   ھە


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2102
تۆھپە
1101
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا   ئادىلجان سىزگە ئوت تۇتۇشۇپتۇ دە ، دىيەلمىسىڭىز مەن  ئەلچى بولايمۇيا  


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
904
تۆھپە
394
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق ۋىسالىڭىزگە يىتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن


Rank: 2

تىللا
79
تۆھپە
33
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھۇي بەكلا دەرتمەن يىەىت كەنغۇ بۇ.مۇھابەت ئوتىدا كۈيۇپ كۇل بولغىچە دەرھال ياردەم قىلىڭلار بۇ يىەىتكە.
سوراپ بەرگۇچە ئۇرۇپ بەر دىەەن سۇس بار.قىنى ئەلچىلەر .تازا بىر قىزتىۋىتىڭلار بۇلارنىڭ  يۇرەك تارنى.




Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
959
تۆھپە
691
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېرىبنى سەنەمنى سۆيمىگەن ئۇنداق........
ئەجەب پاساھەتلىك چىقىپتۇ.


Rank: 4

ئىسىمى
رەنا
تىللا
319
تۆھپە
225
UID
21673
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي ۋوي نىمىدىگەن رومانتىك يىگىت بۇ،قايسى تەلەيلىڭ قىزدۇ ئۇ؟بۇياقنى كۆيدۈرۋاغان.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 14:06, Processed in 0.079186 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991