بۈركۈت بىلەن تورغاي
(مەسەل)

سۈبھى پەيتى چۇ-چۇلاپ سايراپ
كۆتۈرۈلدى تورغاي ھاۋاغا،
يېڭى تاڭدىن يۈرىكى يايراپ
قوندى شۇئان بىر تىك قىياغا.

كۆردى تورغاي قىيادا تۇرغان
ئۇچۇم بولغان بالا بۈركۈتنى.
كەلدى ئۇنىڭ قېشىغا شۇئان
ئەھۋاللاشتى، بۇزۇپ سۈكۈتنى.
-ئەسسالام ئەي كۆكنىڭ ئەركىسى
ھالىڭ نېچۈك بەرگىنە جاۋاب؟
ئۇچار قۇشلار پەخرى-سەركىسى،
تۇرۇپ كەتتىڭ نېمىگە قاراپ؟

بۈركۈت ئاڭلاپ تورغاي سۆزىنى
دېدى : كىمسەن،كەيپىمنى بۇزغان؟!
كۆرسەتمەكچى بولۇپ ئۆزىنى
يەرنى تەپتى، كۆتۈرۈپ چۇقان.
دېدى تورغاي: يەردە ماكانىم،
ئۆتەر كۈنۈم مەنىلىك-خوشال.
يەر باغاشلاپ ئۆتەر ھاياتىم
شۇ تۇپراقتا تاپىمەن ۋىسال!
دېدى بۈركۈت: سەن تۇرۇپ يەردە
تەڭلىشەمسەن تېخى مەن بىلەن.
كۆر، مەن نەدە؟ سەن دېگەن نەدە؟
خۇشۇم يوقتۇر ئەسلا يەر بىلەن.
بۇنى ئاڭلاپ تورغاي شۇ مەھەل
خىتاب قىلدى بۈركۈتكە شۇنداق:
تانما دوستۇم ئۇنىڭدىن تۈگەل،
بىزنى باققان شۇ ئانا تۇپراق!
قايىل بولماي بىرسى-بىرسىگە،
قالدى ئاخىر ئۇلار باغلىشىپ.
ئىشەنگەچكە بۈركۈت ئۆزىگە
ۋەدىلەشتى، مەيدە مۇشتلىشىپ.

چۈشمەي بۈركۈت زېمىن ئۈستىگە
باقسا ئەگەر ھەپتە جېنىنى.
بەرمەك بولدى تورغاي بەدەلگە
بۈركۈت ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى.
شۇ يوسۇندا ئۆتتى ئىككى كۈن
بۈركۈت چۈشمەي يەرگە پەقەتلا.
ئولجا يەردە بولغاچ كۈنۈ-تۈن
ئاھ، ماداردىن كەتتى قەۋەتلا.

چىقتى تورغاي ھەركۈنى بىررەت
ئەھۋال سوراپ بۈركۈت قېشىغا.
چىدىمىدى بۈركۈت ھەي، پەقەت
يېدى پۇشمان، قىلغان ئىشىغا.
دېدى تورغاي شۇندا: بۇرادەر،
زېمىن ئۇلۇغ، تۇپراق مۇقەددەس،
بىزقۇشلاردىن ئىنسانغا قەدەر،
ھەممىمىزنى باقار، ۋاي دېمەس.
ئاڭلاپ بۇنى بۈركۈت بالىسى
خىجالەتتە ئەگدى بېشىنى
بالىلىقنىڭ شۇنداق «چالىسى»
پۇشايمانغا قويار كىشىنى!

مەنبە: ئىجادىيىتىم.