تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2210|ئىنكاس: 9

چ ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۆز ئويۇنى ئوينىساق قانداق؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
43
تۆھپە
3
UID
20283
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چ ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۆز ئويۇنى ئوينىساق قانداق؟

ئـۆچ


(سۆز ئويۇنى)


سوپى - ئىشان ناخشىغا ئۆچ .

دوختۇر - تىۋىپ باخشىغا ئۆچ .

جىنايەتچى ساقچىغا ئۆچ .

ئاقكۆڭۈل يالغانچىغا ئۆچ .

تاماخور ئالدامچىغا ئۆچ .

قاغا كەپتەرگە ئۆچ .

ھاكاۋۇر كەمتەرگە ئۆچ .

چاشقان مۈشۈككە ئۆچ .

سېۋەتچى يەشىككە ئۆچ .

رەسسام ئۆچۈرۈشكە ئۆچ .

مۇئەللىم كۆچۈرۈشكە ئۆچ .

ئىنسابلىق ھارامغا ئۆچ .

بىلىملىك قارامغا ئۆچ .

بۇلبۇل پاقىغا ئۆچ .

بىشەم خوتۇن ياقىغا ئۆچ .

تېلېۋىزور چاقماققا ئۆچ .

قانۇن چاقچاققا ئۆچ .

يەر-زېمىن تىرىكتاپقا ئۆچ .

ئەل-جامائەت نەشىگە ئۆچ .

ئوغرى چاشقان شېشىگە ئۆچ .

قۇياش بۇلۇتقا ئۆچ .

مېۋىلىك دەرەخ قۇرۇتقا ئۆچ .

قەلەندەر قۇلۇپقا ئۆچ .

جىنكەش قۇرئانغا ئۆچ .

غەيۋەتخور گۇمانغا ئۆچ .

ئاچكۆز ساخاۋەتكە ئۆچ .

پۇرسەتپەرەس ئادالەتكە ئۆچ .

ئۇرۇق-تۇغقان يىراقلىققا ئۆچ .

بۆلگۈنچى ئىناقلىققا ئۆچ .

ئىقتىسادچىل ئادەم ھەشەمەتكە ئۆچ .

غورۇرلۇق ئادەم خوشامەتكە ئۆچ

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
434
تۆھپە
170
UID
7655

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھۇرۇن ئەمگەككە ئۆچ،
ساقتىپەز بەرمەككە ئۆچ.
ساراڭ ھۆرمەتكە ئۆچ،
ھەقىقەت تۆھمەتكە ئۆچ.
راسچىل يالغانغا ئۆچ،
كەمبەغەل ئالۋاڭغا ئۆچ.
مۇتىھەم توغرىغا ئۆچ،
قۇغۇنچى ئوغرىغا ئۆچ.
قانۇن جىنايەتكە ئۆچ،
خەلىق خىيانەتكە ئۆچ.
ئەل- يۇرۇت يالاقچىغا ئۆچ،
سودىگەر قاراقچىغا ئۆچ.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
193
تۆھپە
100
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەپەرەڭ كۈندۈزگە ئۆچ
تاتلىق ئاچچىققا ئۆچ
چاشقان تاختا مۈشۈككە ئۆچ
ئامرىكا بىنلادىنغا ئۆچ

Rank: 3Rank: 3

تىللا
200
تۆھپە
51
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاشقان قىسماققا ئۆچ
پاكىزە قاسماققا ئۆچ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
853
تۆھپە
179
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوپۇر كاتڭغا ئۆچ ،
قىزلار چاپانغا  ئۆچ.
كالا ساپانغا ئۆچ،
دىھقان ئالۋاڭغا ئۆچ.

Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
26
UID
8900
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورۇن ئىشچانغا ئۆچ،
پېقىر مىشچانغا ئۆچ.

بېلىق قارماققا ئۆچ،
سىركە،پىتلا تارغاققا ئۆچ.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
؟؟؟
تىللا
148
تۆھپە
57
UID
21684
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوغچى سوغۇققا ئۆچ
ماتاڭچى ئىسسىققا ئۆچ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەيسا بەگ
تىللا
559
تۆھپە
205
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىدار كۈلگۈنچىگە ئۆچ،
دۇنيا  بۆلگۈنچىگە ئۆچ،
قاسساپ ئۇرۇق قويغا ئۆچ،
رەھبەر قۇرۇق قولغا ئۆچ،


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

......ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .....

Rank: 2

تىللا
80
تۆھپە
61
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپ دىل خىيانەتچىگە ئۆچ،
ھەقىيقەتچىلەر جىنايەتچىگە ئۆچ.
خوشامەتچى شەپقەتكە ئۆچ،
يالغانچى راسىت گەپكە ئۆچ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
959
تۆھپە
691
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمەن سامانغا ئۆچ،
ئەل- جامائەت يامانغا ئۆچ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 14:05, Processed in 0.079559 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991