تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 11169|ئىنكاس: 5

بالىلار شەھۋانىي سۈرەتلەرنى ئوغرىلىقچە كۆرسە قانداق قىلىش كېرەك؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5921
تۆھپە
2726
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلار شەھۋانىي سۈرەتلەرنى ئوغرىلىقچە كۆرسە قانداق قىلىش كېرەك؟



قاتتىق سىر ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللەش كېرەك.

    1. ئاددى، قوپال ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

    بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاسان سۇنىدىغان بىر «ئەينەك قەلىب»كە ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، شۇڭا ئاددى، قوپال تەنقىدى تەربىيە بىرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
     «يۈزىسىز»،«پەسكەش»......ئاتا-ئانىلارنىڭ «جىنىس» بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر تېمىلاردا بالىلارنى ھەددىدىن ئارتۇق تەنقىد قىلىپ تىللىشى، ھەتتا ھاقارەتلەپ زەربە بىرىشى ناھايىتى ئاسانلا ئۇلارنىڭ قەلبىدە ساقايتقىلى بولمايدىغان جاراھەت قالدۇرىدۇ.
     بۇ خىل ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بالىلاردا بىر بولسا جىنىسقا قارىتا قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى كىشىلەر ئارا ئالاقىسى ۋە نىكاھ تۇرمۇشىغا پايدىسىز ؛ بىر بولسا ئۇلار قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە، خىجىل بولغىنىدىن ئاچچىقلىنىپ، بۇلار ئىش بولدى، «سەن مېنى يۈزسىز دېدىڭ، ئۇنداق بولسا مەن ساڭا يۈزسىزلىكىمنى كۆرسۈتۈپ قوياي!» دەيدىغان دەرىجىگە يىتىدۇ، ئاتا-ئانىلار مۇنداق بولۇشنى خالىمايدۇ.

    2. قاتتىق سىر ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق

    بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ غىدىقلىنىشىدىن ناھايىتى قورقىدۇ، ئادەتتىكى چاغلاردا «جىنىس»قا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا قاتتىق سىر ساقلاپ، ئۇنى ئېغىزغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، بالىلارنىڭ بەزى گۇمانلىق ئالامەتلىرىنى بايقىغان تەغدىردىمۇ، ئۇنى پەقەت كۆڭلىدىلا ساقلاپ، ئۆزى ئەنسىرەپ جاپا تارتىدۇ، ئويلىغانسىرى قورقىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق.
    ئاتا-ئانىلار ئادەتتىكى كۈنلەردە بالىلار بىلەن بۇ جەھەتتە مۇۋاپىق ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك، بۇنىڭغا باش قاتۇرۇشنىڭ، ئەتراپلىق بولۇشنى قوغلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، بالىلارغا «جىنىس»قا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولغان تەغدىردىمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بەرسىلا بولىدۇ. ئەگەر ئادەتتىكى چاغلاردا بۇ ھەقتە گەپ بولۇنمىسا، بالىلار بىلەن بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بىراقلا مۇھاكىمە قىلغاندا، بالىلار ئوڭايسىزلىنىپلا قالماي، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئېغىز ئېچىشى قىيىن بولىدۇ.

    3. ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللەش كېرەك

    «جىنىس توغرىسدىكى بىلىملەر» تىلغا ئېلىنسا، بىز ئاتا-ئانىلار نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگەن، بىلىدىغىنىمىز چوقۇم بالىلارغا قارىغاندا كۆپ دەپ قارايمىز، بۇ ئەمىلىيەتتە بالىلارنى سەل چاغلىغانلىق.
     دادا، ئاپا بولغان بۇ ئەۋلات كىشىلەر كىچىك ۋاقتىدا ياشىغان مۇھىت ئاساسەن بىر قەدەر كونسىرىۋاتىپ، ھەتتا ئارقىدا قالغان مائارىپ مۇھىتى بولۇپ، سېستىمىلىق جىنسى تەربىيە ئالمىغان، ناھايتى كۆپ ساندىكىسى توي قىلىپ بالىلىق بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ جىنىس جەھەتتىكى بىلىمى يەنىلا يېرىم-يارتا. مۇنداق ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن «جىنىس» توغرىسىدا سىرداشسا، ئەكسىچە بالىلار ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىقى مۇمكىن.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار بىلەن «جىنىس» توغرىسىدا سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلىشى لازىم، مۇنتىزىم جىنىس تەربىيىسى توغرىسىدىكى بەزى كىتابلارنى سېتىۋېلىپ بالىلار بىلەن ئورتاق بەھرىمان بولۇش ياخشى تاللاش ھىسابلىنىدۇ.

    4. «مەنئى قىلىش» ياخشى چارە ئەمەس

    بالىلارنىڭ شەھۋانى سۈرەت، كىتاب، ھەتتا كىنو فىلىملىرىنى ئوغۇرلىقچە كۆرۈشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش ئەڭ ياخشى ئەمەس.بىزنىڭ شۇئارىمىز « چەكلەش»، «دىققىتىنى بۇراش»، «يىتەكلەش».
     «چەكلەش»تە بالىلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتى ۋە دائىرىسى، يان تىلىفۇن ئىشلىتىشى قاتارلىقلارنى بىر ئاز چەكلەپ، ئۇلارغا ھەرخىل بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش ئەركىنلىكى بارلىقىنى، لېكىن نۇرمال ئوقۇش ۋە تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش لازىملىقىنى ئېيتىش كېرەك. بۇلارنى پەن-تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش ئەڭ ئاساسلىق، شۇنداقلا زۆرۈر.
     «دىققىتىنى بوراش»تا بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كىشىلەر توپى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھەرخىل تەنتەربىيە ئارقىلىق چېنىقىشىقا قاتنىشىىشىغا ئۆزلىرى قىزىدىغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئۆگۈنىشىگە ئىلھام بىرىپ، «جىنىس»قا بولغان دىققىتى ۋە ئىنتىلىشىنى بوراش كېرەك.
    «يىتەكلەش»تە بالىلارنى جىنىس توغرىسىدىكى بىلىملەرنى توغرا، سىستېمىلىق ئىگىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بالىلارغا «جىنىس»قا قىزىقىش نۇرمال ئىش ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنى بىلىشنىڭ ھەرگىز ھازىرلا ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ۋەكىللىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىش لازىم.
     «جىنىس»قا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، ھەم ئۆزىنى قوغداش ھەم باشقىلارنىمۇ قوغداش كېرەك. بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم.
    ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇ تەكلىپلەرنى ئۆزى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلسا، تەجرىبىلىك تۇققانلىرى ۋە دوستلىرىنى باللىسىغا بۇ جەھەتتە تەربىيە بىرىشكە تەكلىپ قىلسا ياكى كەسپى خادىملاردىن ياردەم سورىسىمۇ بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۇسۇل دېيىشكە بولىدۇ. ( ئاپتورى: ۋېي ۋېن)

تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
5
UID
23110
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ، ھازىرقىدەك ئىنتىرنىت تورىنىڭ كەڭ تارقىلىشى بەزى كىچىك بالىلارنى ئويۇن ، كىنو ۋە مۇشۇنداق بىنورمال سۈرەتلەرنى كۆرۈشكە يول ئېچىپ بەردى .
مىنىڭچە ئاتا ئانىلاربالىلارغا ئائىلىدە تور ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىشكە قارىتا مۇۋاپىق ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇش كىرەك .


Rank: 2

تىللا
103
تۆھپە
51
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزەن مۇھەببەت تۇسىنى ئالغان كىنولارمۇ باللارنى زەھەرلەيدىغان ئامىللارنى بىرى


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندىمۇ ئۇلارغا ۋاقىت چەكلىمىسى قويوش ئەڭ دانا تەدبىر .شۇنداقلا ئارلاپ ئارلاپ يىنغا كىرىپ ئۇلارنىڭ زادى نىمە قىلۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇشمۇ ياخشى ئۇسۇل بولسا كىرەك.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1224
تۆھپە
799
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىلار ۋە ئاتا-ئانا بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا زۆرۈر ئوقۇشلۇق تېما ئىكەن.
ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
757
تۆھپە
405
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا ئىلمىي ئۇسۇل قۇللىنشى كىرەك ...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 14:05, Processed in 0.076971 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991