تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1547|ئىنكاس: 2

ئاھ ئۇرما[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
12
UID
22305
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاھ ئۇرما


مەمىتمىن غوپۇر (يادىكار)





{سىڭلىم خاتىرسىگە}






كۆڭۈل سېنى ھەر كويغا باشلىدى سىڭلىم ،

چۆل -باياۋان دەشىتىلەرگە تاشلىدى سىڭلىم .

غۇنچە ئىدىڭ لېۋىڭدە پارلىغان قۇياش ،

كۆزلىرىڭنى ئەلەمدە ياشلىدى سىڭلىم …






ئالەم سېنىڭ رايىڭغا باقمىدى سىڭىم،

ئەسلا كىيىك تېغىڭدا ياتمىدى سىڭلىم.

تالاي تۈننى كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدىڭ ،

ساڭا بەخىت تېڭى ئاخىر ئاتمىدى سىڭلىم …






دوستۇڭ بولۇپ دۈشمەنلىرىڭ باپلىدى سىڭلىم ،

بۇسوۋغاڭدىن ئەيمەنمەسىتن ئاتلىدى سىڭلىم.

قەلبىڭ ئاپئاق ، نۇقسانلىرىڭ بولمسىمۇ گەر ،

يۈزلىرىڭگە ئاخىر قارا چاپلىدى سىڭلىم …






ئىشەنگەنلەر سەن ئۆز كۆرۈپ ، ياتلىدى سىڭلىم،

يېغىرىڭىنى  ئېۋەن تېپىپ تاتلىدى سىڭلىم .

ئاتا – ئاناڭ ، قېرىندىشىڭ ئۇشبۇ ھالىڭدىن ،

خەۋەر تېپىپ ھەسىرەت چېكىپ، دادلىدى سىڭلىم …






<<رەزىل ئاتا >>ھوشىنى ھېچ تاپمىدى سىڭلىم ،

<<رەزىل ئانا>> شۇ پەيىتنى ساقلىدى سىڭلىم.

پۇتۇڭ پاتقان بىلەن ئاشۇ غېرىچ ئۆتۈككە ،

قەلبىڭ كەڭرى شۇ ئۆيلەرگە پاتمىدى سىڭلىم…






چىۋەرلىكىڭ ئۇ ئۆيلەردە ئاقمىدى سىڭلىم،

سۆزۈڭ تاتلىق ، قۇلاقلارغا ياقمىدى سىڭلىم.

ئادىمىيلىك ئېسىل خىسلەت ئىدى ئەزەلدىن ،

سېنى ئوتقا شۇ خىسلىتىڭ قاقلىدى سىڭلىم …






ئۈمىدىڭنى  قارا  تۇمان  قاپلىدى سىڭلىم ،

تەقدىر سېنى يەكلەپ، يۇلۇپ تاقلىدى سىڭلىم .

ساددىلىقىڭ ئايلاندۇردى سويغان پىيازغا ،

ئەتلىرىڭنى قويماي تامام ئاقلىدى سىڭلىم…






ئاتا – ئاناڭ سېنى پۇلغا ساتمىدى سىڭلىم،

زورلاپ سېنى ئۇ يىگىتكە چاتمىدى سىڭلىم.

ھايۋان بولسا بىلىنەتتى خۇي – پەيلى ئاسان ،

ئادەم بولغاچ ساڭا چاپان ياپمىدى سىڭلىم….






باھار ساڭا كۈلۈپ چىراي ئاچمىدى سىڭلىم،

ئارزۇلىرىڭ تۇسۇن تايدەك چاپمىدى سىڭلىم.

قىسمەتلىرىڭ بەلكىم شۇنداق پۈتۈلگەندۇ يا ،

گۈلۈڭ چېچەك ئاچتى ، پۇراق چاچمىدى سىڭلىم…






شائىر ئاكاڭ ئادالەتنى ياقلىدى سىڭلىم،

ئۈمىدلىك بول بەختىڭ مەڭگۈ قاچمىدى سىڭلىم.

ساۋاق ئالساڭ كۇپايە شۇ ئۆتكەن كۈنلەردىن ،

شۇ ئالتۇنمۇ يۈز پىرسەنتلىك ، ساپمىدى سىڭلىم…






ئاھ ئۇرما






ئەجەب بولدۇڭ ، ئەجەب بولدۇڭ ئەجەب بولغانغا ئاھ ئۇرما ،

پۇراق چاچماي تۇرۇپ بىر رەت گۈلۈڭ سۇلغانغا ئاھ ئۇرما.






ئازار ئىنسان دېگەن بىر كۈن ،ئەمەستۇر ئۇ خىزىر بەلـكى ،

بېغىڭ كەلمەي تۇرۇپ كەچكۈز، خازان تولغانغا ئاھ ئۇرما .






ئەزەلدىن ئۇشبۇ ئالەمنىڭ كىشىگە ھۆكمى شۇنداقتۇر ،

رەقىبىڭ ساڭا پىنھاندا توزاق قۇرغانغا ئاھ ئۇرما .






مۇھەببەت ئەھلىگە ھەر دەم ئازاب سالغاي رەزىل كۈچلەر  ،

پىغان ئىچرە يىقىلماستىن ئۆرە تۇرغانغا ئاھ ئۇرما .






ۋاپا ئىزلەپ جاپا چەكتىڭ ئايان بۇلار يۈرەكىڭگە ،

قەسەمنى دوست ، قەدىردانلار بىلىپ بۇزغانغا ئاھ ئۇرما.






ھايات كەلمەس يەنە بىر رەت ، سېنى يەيدۇ شىلىپ ھەسرەت ،

ئۆزىنى دەپ بىرەر داغدا سېنى قويغانغا ئاھ ئۇرما.






كۆزۈڭنى ئاچ ، يىراققا باق ،يۈرەكلەر بار جاھاندا ئاق ،

ساڭا شەيتان بىرەر رومكا شاراب قۇيغانغا ئاھ ئۇرما ….






2012- 7


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىېرڭىز بەكلا ياخشى يىزلىپتۇ. لىكىن ھەرقانداق ئاتا ئانا ئۇزنىڭ يۇرەك پارىسنى.يامان يولغا ئىتتىرىشنى خالىمايدۇ.ئۇ ئاتا ئانا ئۇ قىزغا ئۈگەي ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ دىلغا ئىنساپ ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
132
تۆھپە
69
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىمغا  دىگەن ناخشا ئىسىمگە كەلدى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:16, Processed in 0.074962 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991