تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 2

«تاتلىق بالام»[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
172
تۆھپە
58
UID
1784
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«تاتلىق بالام»



(ھېكايە)



تاھىرجان نىياز



         يەتتە ياشلىق قەيسەرجان بىلەن مۇخبۇلجان ھەم قوشنا ھەم باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلار بولۇپ، ھەر كۈنى مەكتەپكە بىرگە بېرىپ كېلەتتى. دەرستىن چۈشكەندە تاپشۇرۇقنىمۇ بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ بىرگە ئىشلەيتتى،بىرگە ئوينايتى.ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتاتتى.ھەر ئىككى ئائىلىنىڭ باشلىقلىرى بۇ يالغۇز ئوغۇللىرىغا بەك كۆيەتتى.«تاتلىق بالام»دېگەن ئەركىلەتمە سۆزنى ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەيتتى.نېمە دېسە دېگىنىنى ئاساسەن قىلىپ بېرەتتى. قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى يەككە تىجارەتچى،مۇخپۇلجاننىڭ ئاتا-ئانىسى دۆلەت كادىرلىرى بولۇپ،مەلۇم ئىدارىدائىشلەيتتى. ھېيت-بايرام،ئارام ئېلىش كۈنلىرى قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى تىجارەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ ئۆيىگە كېلەلمىگەندە، مۇخبۇلجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئارام ئالىدىغان بولغاچقا، تىجارەتچى قوشنىسىنىڭ بالىسىنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئۈچ ۋاق تامىقىنى بېرىپ،ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.ئەگەر مۇخبۇلجاننىڭ ئاتا-ئانىسى خىزمەت،كوماندىروپكا سەۋەپلىك ئۆيگە كېلەلمىگەندە تىجارەتچى قوشنىسى بۇلارنىڭ بالىسىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى.ئىككى ئائىلنىڭ بۇنداق ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئەتراپتىكىلەر ھەۋەس قىلاتتى. كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ،ئۇلارنىڭ «تاتلىق بالا»لىرىمۇ 2-يىللىققا چىقىپ قالدى.بىر كۈنى مۇخبۇلجان بىلەن قەيسەرجان مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدا بىرگە،قارمۇ-قارشى ئىككى كوماندا بولۇپ پۇتبول ئويناۋېتىپ بىر-بىرىگە پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كەتتى ۋە شۇ سەۋەپلىك گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالدى.ئۇرۇشۇش جەريانىدا مۇشت ئېتىشىپمۇ قالدى.ساۋاقداشلىرى دەرھال ئاجرىتىۋەتتى.قەيسەرجاننىڭ قاپىقى ئازراق ئىششىپ قالدى.ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كېلىشتى.قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ قاپىقىنى كۆرۈپ ،يۈرىكى ئېچىشقان ھالدا نېمە ئىش  بولغانلىقىنى سورىدى.قەيسەرجان ئەھۋالنى ناھايىتى تەسلىكتە دېدى. قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپلا «نېمە، بۇ قەلەندەرنىڭ بالىسى مېنىڭ بالامنى ئۇرغىدەك بوپتۇما؟»دېگىنىچە مۇخبۇلجاننىڭ ئۆيىگە چىقىپ دەرۋازىنى تېپىپ،مۇخبۇلجاننى چاقىرىپ چىقىپ بىر نەچچە تەستەك سېلىۋەتتى.ئاڭغىچە مۇخبۇلجاننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ چىقىپ،« بالامنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟»دەپ قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن جېدەللەشتى.مۇشتلاشتى،چاچلارنى يۇلۇشتى.كالتەك-توقماق،كەتمەن-پىچاقمۇ كۆتۈرۈشتى.خولۇم-قوشنىلار ئارىغا كىرىپمۇ«جەڭ»نى بېسىقتۇرالماي، ساقچىخانىغا خەۋەر قىلىپ پاراڭنى مىڭ تەستە بېسىقتۇردى.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىناق قوشنىلارنىڭ ئىناقلىقىغا دەز كەتتى .بىر-بىرىگە دۈشمەنلەرچە ئالىيىشىپ ماڭىدىغان بولۇشتى. ئەمما  قەيسەرجان بىلەن مۇخبۇلجان بولسا ھېچنەرسە بولمىغاندەك ئەتىسىلا يەنە بىرگە ئويناپ دوستانە يۈرۈشتى.مەكتەپكە بىرگە بېرىپ كېلىۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئۇرۇشۇپ قالغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.بىراق، بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە شۇنداق كىرگۈسى بولسىمۇ،نېمە ئۈچۈندۇر كىرىشكە پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالدى.تاپشۇرۇقلىرىنى ئۆيلىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى سالقىن جايلارغا بېرىپ بىرگە ئىشلەپ يۈردى .
تاھىرجان نىياز(شايار ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىڭىز قىسقا مەزمۇنى ئادى ئىخچام بوپتۇ.خۇددى تۇرمۇشتا دايىم بولوپ تۇردىغان مەۋجۇتلىقنى كۇچۇرۋالغاندەك.ھىس تۇيغۇ ئاتا قىلدىكەن كىشگە.لىكىن مەيلى قانداق بولشىدىن قەتتى نەزەر بالا ئوتۇرسىغا .كىرىپ جىدەل قىلىش بۇ دانالىق ئەمەستۇر.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
132
تۆھپە
69
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ronaK0000000 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-10 08:40
بۇ تىمىڭىز قىسقا مەزمۇنى ئادى ئىخچام بوپتۇ.خۇددى تۇرمۇ ...

سېزنى  قوللايمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:21, Processed in 0.072359 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991