يېڭىدىن تىلغا ئېلىنغان كونا گەپ
ياقۇپجان ياسىن سەنئەتكار – روھىيەت پەيلاسوپى. ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن خېلىدىن بۇيان سەنئىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە بىرەر پارچە ماقالە يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم. قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ ئاجىزلىقىغا باقماي، قىسقىغىنە مۇھاكىمەم ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. بىرىنچى، سەنئەت ئوبزورچىلىقىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى. ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قانىتى بولغىنىدەك، سەنئەت ئوبزورچىلىقىمۇ سەنئەت تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى توغرىلىق يېزىلغان مۇھاكىمە – باھالارنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى(سەنئەت تەنقىدچىلىكىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى) بۇ ساھەدە ‹‹ئۆزى پىچىپ ئۆزى تىكىدىغان›› ، ‹‹ئۆزى ئورۇنداپ ئۆزى باھالايدىغان›› ھالەتنى شەكىللەندۈردى. سىستېمىلىق تەتقىقات ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىنىڭ ياردىمىسىز قالغان بۇ ساھەدە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەش ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان سەنئىتىمىزدىكى نەتىجىلەرنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن، پەقەت بۇ ساھەدىكى سىستېمىلىق تەتقىقات، ئىلمىي مۇھاكىمىلىق تەنقىدنىڭ ۋە يۇقىرى ساپالىق، ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە سەنئەتكارلارنىڭ تولىمۇ كەمچىللىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. بىزدە بىر قىسىم سەنئەت ھادىسىلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلەر يوق ئەمەس. گېزىت – ژۇرناللاردىن بۇ ھەقتىكى ماقالىلەرنى ئۇچراتسام ئۈمىدۋار ئوقۇيمەن. لېكىن كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇپ يەنىلا ئۈمىدسىزلىنىمەن. سەنئەت ھادىسىلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى توغرىلىق يېزىلغان ماقالە – ئوبزورلارنىڭ ئاددىي، چۇۋالچاقلىقى، كۆپىنچە نوقۇل ماختاشنى ئاساس قىلغانلىقى، پىكرىنىڭ چولتىلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن. بۇ ھال بىزدە ئىلمىي، تەلەپچان سەنئەت تەنقىدچىلىكى شەكىللەنمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەتتىن ئۇنىۋېرسال خەۋەردار زىيالىيلىرىمىزنىڭ سەنئەت ھادىسىلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكى سەنئەت ساھەسىنى تەنقىدتىن ئايرىپ قويدى. نەتىجىدە، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىقى ياكى يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولمىسا، ئوقۇغۇچى ئىمتىھان قەغىزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى نومۇر قويغاندەكلا ھالەت شەكىللەندى. سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ھەدەپ ‹‹كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار بۇ ساھەنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى›› دەپ قاقشايدۇ – يۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئۇنىۋېرسال بىلىم ۋە ماھارەت ھازىرلىيالىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. بىزدە نۇرغۇن ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى، ناخشا – ئېتۇت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. لېكىن بۇ كېچىلىكلەر توغرىلىق سالماقلىق باھالار ئاساسەن بېرىلمىدى. شۇ سەۋەبلىك، بەزىلەر مەنتىقىسىزلىق، بىمەنىلىك بىلەن ھېسابلاشماي، كۈلدۈرۈشنىلا ئاساس قىلغان بىمەنە ئېتۇتلارنى لايىق بولمىغان سۈپەتلەر بىلەن ماختاپ ، كۆڭلىمىزنى ‹‹خۇش›› ئېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. يۇقىرىقىلاردىن سەنئەت تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ شەكىللەنمەسلىكىنىڭ سەنئەت تەرەققىياتىمىزغا پايدىسىزلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. دېمەك، سەنئەت ئوبزورچىلىقى دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ساھەدۇر. ئىككىنچى، سەنئەتكارلار بىلەن يازغۇچى، تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى. بۇ ھەقتە ئىلگىرى ياخشى پىكىر ۋە تەشەببۇسلار بولغان. لېكىن نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. سەنئەتكارلار گەرچە كەسپىي جەھەتتىن مەلۇم سەۋىيە ھازىرلىغان بولسىمۇ، سەنئەتنىڭ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار يەنىلا ئىجتىمائىي ۋە نەزەرىيەۋى بىلىم جەھەتتە يازغۇچى، تەتقىقاتچىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا موھتاج بولىدۇ. ئەگەر بىزدە يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە سەنئەتكارلار ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمدەملىك كۆپەيسە، ئەلۋەتتە، سەنئەتنىڭ توغرا يۆنىلىشتە ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنئەتكارلار بىلەن يازغۇچى، تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، سەنئەتكارلارنىڭ يازغۇچى، تەتقىقاتچىلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئۈچىنچى. سەنئەتكارلىرىمىزدىكى بىلىم ۋە ئىقتىدار مەسىلىسى. بۇ يەردە بىر سوئالنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. سەنئەت ساھەسىنى زادى كىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟ سەھنىلەشتۈرۈلگەن ‹‹ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن››، ‹‹كىنو ئىشلەش››، ‹‹MTV ئىشلەش›› قاتارلىق ئېتۇتلارنى كۆردۇق. بۇ ئېتۇتلار سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بەزىلەرنىڭ بىمەنىلىكىنىڭ سەھنىدە ئىپادىلىنىشى. مەسىلەن: ‹‹ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن›› ( ئۆزلەشتۈرۈلگەن ) ناملىق ئېتۇتتا سەنئەت سېپىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئالدامچىلارنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن، سەنئەت ساھەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ساز چېلىشنى بىلمەيدىغان ئالدامچىلارنىڭ مۇزىكىنى ياندىن قويۇپ بېرىپ، يالغاندىن چالغان قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ ئارقىلىق سەنئەت ساھەسىنى سەنئەتكارلار ئەمەس، بەلكى سەنئەت ساھەسىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغانلار قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، دېمەكچى بولىدۇ. ھازىرقى سەنئەت كېچىلىكلىرىدە سازنى نەق مەيداندا چالغانلار، ناخشىنى نەق مەيداندا ئېيتىدىغانلارئازراق. بۇ، ‹‹ئەل سۆيگەن››، ‹‹ئەلنى سۆيگەن››، ‹‹مەشھۇر›› دېگەندەك شەرەپ سۆزلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن سەنئەتكارلار ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك سوئال. ئەمەلىيەتتە، بەزى ناخشىچىلىرىمىز ئاۋۋال ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى كومپيۇتېردا كىرىشتۈرۈپ تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، ئۈن ئېلىش ئۆيىدە بىر ناخشىنى مىسرامۇ مىسرا ئېيتىپ، ئاۋاز ياساش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ‹‹سۈزۈپ، تەڭشەپ›› ئاندىن سەھنىگە چىقىدۇ. دېمەك، تاماشىبىنلار پۇل خەجلەپ بېلەت سېتىۋېلىپ، ئارزۇلاپ ناخشىسىنى ئاڭلىغىلى كىرگەن ناخشىچىلار نەق مەيداندا ناخشا ئېيتمايدۇ، بەزى سازچىلارمۇ شۇنداق. بۇنداق ھادىسە ناخشىچى ۋە سازەندىلىرىمىزنى ھورۇن، تەييارتاپ، ئىزدەنمەس قىلىپ قويۇۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنئەتكارلار ‹‹زەرگەر ئەمەسلەر ئالتۇن سوقۇۋاتىدۇ›› دەپ قاقشاشتىن بۇرۇن، ئۆزىمىز ئالتۇننى ھەقىقىي سوقالىدىقمۇ؟ دېگەننى ئويلىشى زۆرۈر. يەنە بىرى، سەنئەتكارلاردىكى ئۇنىۋېرسال بىلىمنىڭ ۋە ئىزدىنىش روھىنىڭ كەمچىللىكى مەسىلىسى. مەيلى مىللىتىمىزدىن ياكى چەت ئەللەردىن بولسۇن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سەنئەتكارلارنىڭ ئىزدىنىش يوللىرىغا باقساق، ئۇلارنىڭ سەنئەتنىڭ مەلۇم بىر تۈرىدىكى ماھارەتنى ئىگىلەش بىلەنلا چەكلەنمەي، يەنە ئۆزلىرىدە ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئىزدىنىش روھىغا بايلىقىنى بايقايمىز. لېكىن، ھازىر بەزى سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تولىمۇ چولتا ، ئىزدىنىش روھىنىڭ ئاجىز بولۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ ماۋزۇدا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نى قايتا – قايتا ئېيتىش ۋە ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ غايىسى، ئېستېتىك قارىشى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلغان ئىجادىي سەنئەت سەمەرىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، سەنئىتىمىزنى ساغلام تەرەققىيات يولىغا باشلاش. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەنئەتكارلىرىمىز ‹‹ئەجدادلىرىمىز بىزگە <ئون ئىككى مۇقام>نى قالدۇرۇپتىكەن، بىز كېيىنكىلەرگە نېمىنى قالدۇرىمىز>> دېگەننى ياخشى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك. سەنئەت چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئۇنىۋېرسال ئىلىم. بۇ ساھەدە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن، ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش تولىمۇ زۆرۈر
|