بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟
ياشاش ئۈچۈن تاماق يەمدۇق ياكى تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇق؟›› دېگەن سوئالغا كۆپىنچە كىشىلەر‹‹ئەلۋەتتە ياشاش ئۈچۈن تاماق يەيمىز›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بىراق، يەنە بەزىلەر ‹‹تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشايمىز›› دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. بۇ دەل ‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەپ ئولتۇرىدىغانلارنىڭ جان بېقىش پەلسەپەسىدۇر. بۇنداق يۈزلىنىش مىللەتنى ۋەيرانلىق گىردابىغا باشلاپ بارىدۇ. ئادەمگە ياشاش ئۈچۈن تاماق بولمىسا بولمىغىنىدەك بىلىم بولمىسىمۇ بولمايدۇ. يېقىندا بىر ساۋاقدىشىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرۈپ قاقشاپلا كەتتى: ـــــ مۇشۇمۇ نومۇر بولدىمۇ؟ بىرمەۋسۇم ئوقۇپ ئاران مۇشۇنچىلىك نومۇر ئاپتىمەن. ـــــ خاپا بولمىغىن ئاداش. بۇيەردە قويۇلغان نومۇر سېنىڭ ئىقتىدارىڭنى، بىلىمىڭنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئاغرىپ قالمىغان بولساڭ نەتىجەڭ بۇنچە تۆۋەنمۇ بولماس ئىدى. سەن بەرىبىر نومۇر ئۈچۈن ئوقۇمىغاندىكىن، - دېدىم. ـــــ نومۇر ئۈچۈن ئوقۇمىسام نېمىدەپ ئوقۇيتتۇم بۇيەردە؟ ـــــ ساپايىڭنى نومۇرلا بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئانچىكى سەۋەبلەر بىلەن نەتىجەڭ چۈشۈپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشقىن. ئۇنىڭ ئوقۇشتىكى مەقسىتىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى. ماتېرىياللارغا قارىغاندا، تەرەققىي قىلغان بەزى ئەللەردە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەمەلىي نەتىجىسى بويىچە مەكتەپ يېزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇش ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىدار سىناش ئىمتىھانى ئاساس قىلىنىدىكەن. ئېلىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى نومۇر ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىغا يەسلىدىن باشلاپلا ئىمتىھان قەغىزى ۋە تاپشۇرۇق دەپتىرىدىكى ‹‹100 نومۇر›› سىڭىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى نوقۇل ھالدا نومۇر قوغلىشىش بىلەن ئۆتىدۇ. بارلىق زېھنىنى ئىمتىھان قەغىزىدىكى ‹‹100 نومۇر››غىلا قارىتىدۇ. بۇنداق نوقۇل ھالدا نومۇر قوغلىشىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. نومۇر ھەممىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. كىشىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدىغىنى، ئاۋام قەلبىدە كىشىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئەزىز قىلىدىغىنى ئونىۋېرسال ساپا، جەمىئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى لازىم. شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن، كىشىنى ئىشەندۈرەلمىگەن، ھاياتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلالمىغان بىلىم ئۆلۈك بىلىمدۇر.
|