تېلېفوننىمۇ چېغىدا ئىشلەتكەن تۈزۈك
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر قانچە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئايرىم-ئايرىم يىللىق تېلېفون سۆزلىشىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى ئابونتلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچقاندا، سەھنىگە چىقىپ تەقدىرلەنگەنلەر ئىچىدە بىزنىڭ ياشلىرىمىز كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئىدى. ھازىر بۇ خىل ھالەت تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. دېمەكچىمەنكى، بىز تارىم بوستانلىقىدا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۇلىشىپ ياشاۋاتقان، دۇنيادا ئەڭ كۆپ دىن قوبۇل قىلغا قەدىمىي مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يېڭى شەيئىي، يېڭى نەرسىلەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلىمىز. بۇ بەلكم بىزنىڭ قوبۇل قىلىش جەھەتتىمۇ ئەڭ ئالدىغا قاراپئىلگىرىلەۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەپ بەرسە كېرەك. بۇ يەردە مۇقىم كىرىملىك كىشىلەرنى دېمەيلا قوياي، كۈندە ئون يۈەن كىرىم قىلالمايدىغان ،ئۇچىسىغا تاپسا قورسىقىغا يوق، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەردىمۇ يانفون ئومۇملىشىپ كەتتى. بۇ بىزگە ھازىر ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى نۆۋەتتە، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا يانفوندىن ئەسلا ئايرىيالمايدىغانلىقىدەك ئەمەليەتنى كۆرسىتىپ بەردى. خوش، بىز بۇ يەردە ئۇچۇر ئالاقە كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۈستىدە بەك توختالمايلى. تېلېفون ئىشلىتىش مەسلىسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ باقايلى. ئۆيگە كىرسىڭىز تېلېفون كېلىپ تۇرىدۇ، سىزمۇ ئۇرۇپ تۇرىسىز، ئىشخانا، كوچا رەستە، ھەتتا ئادەم ئايىغى باسمىغان چۆل-جەزىرىلەردىمۇ تېلېفون ئىشلىتىشتىن مۇستەسنا ئەمەسمىز. يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تېلېفونىدىكى قىسقا ئۇچۇرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېيىشچە، ھازىر بەزى كىشىلەر توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ باغاقلىرىنى يېزىپ ئولتۇرماي قىسقا ئۇچۇر قىلىپ، بىراقلا خېلى كۆپ كىشىلەرگە يوللايدىكەن. توۋا، بۇنىڭغا ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟ بۇ ئىش بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ قائىدە-يوسۇنلىرىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك بوپتۇ، دەپ ئويلىدىم مەن ئىچىمدە. كوچىدا كېتىپ باراتتىم، خىزمەت كىيىمىدىن بىلدىمكى، ئۇ بىر مۇھىت تازلىق خىزمەتچىسى ئىكەن. ئۇ ياغلىقىنى ئالدىغا چىڭ چىگىپتۇ-دە، توختىماستىن گەپ قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈتۈپ بولغۇچە ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا قاقاقلاپ كۈلۈپمۇ قويدى. ئۇنىڭغا مۇنداق بىر قارىسام، ئۇ قۇلىقىنىڭ ئۈستىگە يانفوننى قويۇپ ياغلىق بىلەن چىڭ ئورۇنلاشتۇرۋالغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىشىدىن بىر ئىككى سائەت ۋاقىتمۇ ئازلىق قىلىدىغاندەك قىلاتتى. ھازىر خىزمەتچىلەرگە خىزمەت ۋاقتى تېلېفوندا شەخسكە ئائىت پاراڭلارنى خالىغانچە قىلىشماسلىق، ئىشخانا ئىنتىزامىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك قاتارلىقلار قايتا-قايتا تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا پەقەت ئوقۇتقۇچىلارلا دەرسخانىدا ئاساسەن ئەمەل قىلىۋاتىدۇ، لېكىن باشقا ساھەلەردە ئەھۋال بۇرۇنقىدەك.. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئايالىم ئىچكىرى ئۆلكىگە نەچچە ئايلىق ئالاھىدە تەربىيەلىنىشكە بېرىپ قايتىپ كېلىپ ماڭا سۆزلەپ بېرىشچە، ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەر ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى، تېجەشلىك بولۇش، رادىياتسىيەنى ئازايتىپ بۇلغىنىشنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن تېلېفون دېگەنلەرنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدىكەن. كۆپ قىسىملىرنىڭ ھەر قېتىملىق سۆزلىشىش ۋاقتى بىر مىنۇتقىمۇ يەتمەيدىكەن. ئىش بولسا تولا ھاللاردا قىسقا ئۇچۇر قىلشىدىكەن. قارىمامسىز، ئۇلار نېمىدېگەن ئەمەلىي، نېمىدېگەن ئىلغار ئىدىيەلىك ھە! بىز بولساق تېلېفون سۆزلىشىش ھەققىمىزنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرۈۋاتىمىز.تېلېفوندا سائەت -سائەتلەپ سۆزلىشىش كۆپ قىسىملىرىمىزدا ئاللىبۇرۇن ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. بەزىلىرىمىز ئىش بولمىسىمۇ قىلىدىغان ئىش تاپالماي ئۇ يەر، بۇ يەرگە تېلېفون ئۇرۇپ باقىمىز، بىر پاتمان گەپلىرىمىزنىڭ ئىچىدە تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر ئېغىز گەپ يوق. بۇنىڭ بىلەن ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئىقتىساد، ۋاقىت، زېھىن، سالامەتلىك ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ھازىر خېلى كۆپ قىسىمىمىز ئاللا بۇرۇن تېلېفون كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇق. بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تېلېفونى ئازلىق قىلغاندەك پەرزەنتلىرمىزگىمۇ زورمۇ-زور تېلېفون ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كىچىكىدىنلا زىيانغا ئۇچرىتىپ مېڭىۋاتىمىز، خېلى كۆپ ساندىكىلىرىمىز ماشىنا ھەيدەپ كېتىپ بېرىپمۇ، تېلېفوندا سۆزلىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۇق. تېلېفوننى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىپ قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى چېكىنىپ ئېنىق ئاڭلىماس بولۇپ قالغانلارنى، رادىياتسىيە تۈپەيلى قۇلاق ئەتراپىدىكى چاچلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاقىرىپ كېتىۋاتقانلارنى، بەزىلەرنىڭ تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىپ مىجەزىنىڭ غەلىتە، تېرىككەك، زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزى ئەرلەرنىڭ كېچىمۇ-كۈندۈز تېلېفوننى يېنىدىن ئايرىماي رادىياتسىيە تۈپەيلى پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ-ئاڭلاپ تۇرىمىز-يۇ، ساۋاقنى قۇبۇل قىلمايۋاتىمىز.بەزىلىرىمىزنىڭ مائاشى ھەتتا ئايلىق تېلېفون ھەققىگىمۇ چىقىش قىلمايۋاتىدۇ. ئورۇنسىز، ئارتۇقچە ئىشلىتىلۋاتقان تېلېفونلاردىن چىقىۋاتقان رادىياتسىيە ئەتراپنى بۇلغىغاننى ئاز دەپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇپ ئۇلارغا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قانچە تەرەققىي قىلغان ئەللەردە، يۇقىرى ساپالىق مىللەتلەردە تېلېفوننى مۇۋاپىق، ئاز، ساز ئىشلىتىدىكەن. ھە دېسىلا تېلېفون بىلەن ھەپىلىشىش، تېلېفوننى قولدىن چۈشۈرمەسلىك ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەدەنىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدىكەن. تېلېفوننى قانداق ئىشلىتىش گەرچە شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىش يەنىلا قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يەنىلا ئىقتىسادنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. ھەر بىر ئائىلنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى ئېغىر، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈۋاتقان ياشلىرىمىز خېلى بار. يېزا-بازارلاردا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئېلىۋاتقانلار خېلى كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، يەنە بىر تۈركۈملەر جىددىي ئىلتىماس قىلماقتا. شەھەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ شەھەرلىشىشنى تېزلىتىش مەقسىتىدە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ماكان قىلىپ ياشاۋاتقان يەرلىرىمىز قۇرۇلۇشقا ئېلىنىپ قولىمىزغا پۇل كىرىۋېدى، خېلى بىر قىسىملىرىمىز ئۆزىمىزدىن ئون، ئون بەش ياشلىق بالىلىرىمىزغىچە ماشىنا ئېلىپ بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزدۇق. جاھاندا شۇنداق پولاتتەك پاكىت باركى، كىمدە كىم ياكى قايسى مىللەت ئىقتىسادتا ئاجىز ئورۇنغا چۈشىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يوقسۇزلۇق بىر تەرەپتىن ئادەمنى خېلى-خېلى قىممەتلىك نەرسىلەردىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنى ئىنتايىن قەدىرسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەتتا ئۆمرىمۇ تەدرىجىي قىسقىراپ بارىدۇ. نۆۋەتتە، جاي-جايلاردىكى ساغلاملىق دەپ چىرايلىق نام قۇيۇۋالغان قىزىق لىنىيە پىروگراممىلىرىنىڭ ‹‹دوختۇر››لىرىمۇ ساغلاملىق لېكسىيەسىنى تېلېفوندىلا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى. ھېلىقى بەزى بىچارە ئاغرىقلارمۇ ئۆلچەملىك، ئىشەنچلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتمەي، تېلېفوندىلا دىياگىنوز قويغۇزۇپ شۇ دورىلار بىلەنلا داۋالىنىدىغان بولۇپ كەتتى. بىزدە تېلېفوندىلا مۇھەببەتلىشىدىغان، تېلېفوندا ھېكايە، چۆچەك ئېيتىشىدىغانلاردىن خېلى بار. ناۋادا تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىش بويىچە دۇنيا مىللەتلىرىنى دەرىجىگە توختىتىدىغان ئىش بولىدىغان بولسا، بىز چوقۇم ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلشىمىز مۇمكىن. شۇڭا دەيدىغنىمىز دوستۇم، ھەرقانداق ئىش ئۆز يولىدا بولسۇن، ئىقتىسادقا مۇئامىلە قىلىشتا چوڭلار كىچىكلەرگە، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئوبدان ئۈلگە بولايلى. ئەسلىدىنلا تېجەشلىك، ئەقىللىق مىللەت ئىكەنلىكىمىز ئادەتتىكى ھەربىر ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدىن نامايەن بولۇپ تۇرسۇن. سىزگە دوستانە سۆزۈم شۇكى، تېلېفوننىمۇ چېغىدا ئىشلەتكەن تۈزۈك. ئاپتور: بايىنغولىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا
|