ئارقامدىكى يول
ئارقامدىكى يول شۇنچە ئۇزۇن ، شۇنچە ھەسرەتلىك ،
تولغان ئاڭا يېشىم بىلەن يۇيۇنغان خازان .
تولغان ھايات گۈللىرىمنىڭ تۆكۈلگەن بەرگى ،
باقىمەن تىمتاس ،ئارمانلىرىم كەتتى دەپ قايان!؟
ئارقامدىكى يول شۇنچە ئۇزۇن ، شۇنچە ھەسرەتلىك،
ئۇ گوياكى چەكسىز مۇڭغا چۆككەن خىيابان .
تاڭ قۇياشى قۇچاق ئاچماس ئۇنىڭغا ئەمدى ،
تولۇن ئايمۇ ئاتا قىلماس ئوتلۇق ھاياجان !
ئارقامدىكى يول، قېلىۋەرگىن كەينىمدە ئەمدى ،
يېتەلمەسسەن ، يېتىشىمەن دېمە زورۇقۇپ !
ماڭا قۇچاق ئاچقان شۇ يولدا ئېچىلار گۈللەر،
ۋۇجۇدۇمدا ئالەمچىلىك سۆيگۈ ئويغىتىپ !