ئامېرىكا گېزىتى ماقالىسى
جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك بېسىمى›› بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى
[ئامېرىكا ‹‹«خەلقئارا ئەجدادلار مۇنبىرى گېزىتى››» تور پونكىتى7 - ئاۋغۇست ماقالىسى]
جۇڭگو داۋاملىق تۈردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدال تاختىسىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئامېرىكىدىن سەل يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئەلا نەتىجىسىنى قايتا نامايەندە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
گەرچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بەلكى بۇ دەل مۇۋەپپەقىيەت سەۋەبىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن، جۇڭگودا ئالتۇن مېدال (يەنە بىر مۇنچە كۈمۈش مېدال، مىس مېدال بولسىمۇ) نى قوغلىشىش بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتىمۇ– - قانداق، دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ ياردەم قىلغان تەنتەربىيە تۈزۈلمىسىنىڭ شەپقەتسىزلىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ - قانداق، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى بەك كۆپ بېسىمغا ئۇچىراۋاتامدۇ - قانداق، دۆلەتنىڭ ئابرۇيى دائىم دېگۈدەك مىللەتچىلىككە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتامدۇ - قانداق؟ دېگەندەك قىزغىن بەس - مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.
ئەرلەرنىڭ 110 مېتىرلىق توسۇقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئالدىمىزدا باشلىنىدۇ، ليۇ شياڭنىڭ غايەت زور بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقى بىر مىسال.
ئۇنىڭ 2012 - –يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى، جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىندىن ئىز قوغلىشىغا ئۇچرىدى، بۇ ھەتتا ئۇنىڭ شاڭخەي تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىدىكى چۈشلۈك تامىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ تىرېنېرى يېقىندا ليۇشياڭنىڭ پۇتىدىكى جاراھەتنىڭ توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، سىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر ئۇھ تارتقانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما، ئۇنىڭ پۇتىدىكى جاراھەت يېقىندا قايتا قوزغالدى. بۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە 2008 - –يىلىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى قايتىدىن سالدى. ئەينى ۋاقىتتا چاڭگا مەيدانىنىڭ ئىچى - –سىرتىدىكى جۇڭگو تەنتەربىيە مەستانىلىرى ليۇشياڭنىڭ مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ياش تۆككەن ئىدى.
چېكىگە يەتكەن بېسىمغا دۇچ كەلگەنلەر يالغۇز ليۇشياڭلا ئەمەس. بىر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى ئالدىدا يىغلاپ سالدى، ئۇ ئاران كۈمۈش مېدال ئالغانلىقى ئۈچۈن ‹«‹ۋەتەنگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقى» ››نى ئىپادىلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئىككى نەپەر جۇڭگو ئايال ماھىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا 6 نەپەر پەي توپ ماھىرى مۇسابىقە تۈزۈمىگە چېتىلىدىغان مېدال ئېلىش پۇرسىتىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن، لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ خىل ‹«‹ئەپسۇسلىنىش»›› ھەم ‹«نومۇسلۇق››» قىلمىشقا بولغان ئېچىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئەمما، تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن تىرېنېرلارنىڭ بېسىمغا دۇچ كېلىشى ئازراقمۇ يېڭىلىق ئەمەس. جۇڭگو ئېگىزگە سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى جۇ جيەنخۇا 1984 - يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ‹‹پەقەت›› مىس مېدال ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ دېرىزىسىنى غەزەپلەنگەن كىشىلەر چېقىۋەتتى. گىمناستىكا چولپىنى لى نىڭ 1984 - يىلى جۇڭگو ئۈچۈن 3 ئالتۇن مېدال ئېلىپ بەرگەن بولسىمۇ، 1988 - يىلى بىرمۇ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نەتىجىدە ۋەتىنىگە قايتقاندا بىرىتىۋا ۋە تانا سېلىنغان ۋەھىمىلىك خەت تاپشۇرۇۋالدى.
لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاۋ تيەن مۇنداق دېدى: لوندون تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مېدال سانىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا «ئەگەر بىزنىڭ ئالىدىغان ئالتۇن مېدالىمىزنىڭ بىر قانچىسى كەم بولۇپ قالسا، پۇقرالار بىزنى تىللايدۇ».
گەرچە جۇڭگونىڭ ئالتۇن مېدالنى بەك قوغلىشىپ كەتكەنلىكىنى كىشىلەر توردا قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتەنپەرۋەرلىك يەنىلا ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ. بەلكىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابقىسىدە ئۆزىنى ئىپادىلىشى ھەددىدىن ئاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ۋاسكىتبول مەيدانىنىڭ يېنىدا «ئامېرىكا! ئامېرىكا!» دەپ ۋاقىرغان ئاۋاز بىلەن تىكتاك توپ مۇسابىقە مەيدانىدىكى «جۇڭگو! غەيرەت قىل!» دېگەن سادالارنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ مۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟
بېيجىڭ ئۇنېۋىرسىتىېتىنىڭ پىروفېسسورى مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ ئالتۇن مېدال قىزغىنلىقى تارىخىي سەۋەبلەرگە ئىگە بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدىن ئالغاندا جۇڭگو 1984 –- يىلىغا كەلگەندىلا ، ئاندىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە تاشقىي دۇنيا بىلەن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو كەتكۈزۈپ قويغان ۋاقىتنى تولدۇرمىسا بولمايدۇ.
جۇڭگونىڭ دۆلەت تەنتەربىيە تۈزۈلمىسىمۇ ــ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۈلگە قىلغان، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ زور قۇربان بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ــ دۆلەت ئىچىدە كەسكىن تالاش - تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىلگىرىكى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى كېسەللىك سەۋەبىدىن تەنتەربىيە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بېيجىڭدا ئۈن– - تىنسىز يۈرۈۋاتىدۇ. ئۇ ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:‹‹ كىچىك ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا، بىزگە ۋەتەنپەرۋەرلىك سىڭدۈرۈلگەن.››
دۆلەت تەنتەربىيە تۈزۈلمىسىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ھەرىكەت تىلغا ئېلىنغاندا، جاڭ پىروفېسسور مۇنداق دېدى: ‹‹مۇسابىقىدە يېڭىشنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇش، روھلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىشتىن تارتىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېشىنى يوشۇرۇشقا ئۆتۈشتەك خىلمۇخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشنى سىناپ كۆرۈش مەۋجۇت. بۇنى ئادەم قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئالتۇن مېدالدىن ۋاز كېچىشمۇ ئەخمىقانىلىك ھېسابلىنىدۇ.››
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات