«ئەسكى ئەر» لەر بىلەن «ياخشى ئەر» لەر كۆڭلىدىكىدەك «ياخشى ئەر» نى تېپىش ھەربىر ئايالنىڭ ئۈمىدى بولسا كېرەك، بىراق ئاياللارغا «ياخشى ئەر» گە قارىغاندا «ئەسكى ئەر» نىڭ بىرقەدەر ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكىم كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە گېپى بولۇۋاتقان «ئەسكى ئەر» قانداقتۇر ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق دېگەندەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى كەسىپ قىلىۋالغان ئەرلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى قارىماققا خىيالىي تەسىر بېرىدىغان، ھە دېسىلا شېرىن - شېكەر سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا «دۇرۇس» كۆرۈنمەيدىغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەر يۇمۇرىستىك، زېرەك، كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان كېلىدۇ. بۇنداق ئەرلەر تۇنجى كۆرۈشۈشتە ئۈجمە كۆڭۈل، ئىشەنچسىز، مەسئۇلىيەتسىز تەسىر بېرىدۇ، شۇ سەۋەبلىك «ئەسكى ئەر» لەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئارتۇقچىلىقلىرى كۆزگە كۆرۈنمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى نۇرغۇن «ياخشى ئەر» لەر بىر ئۆمۈر ھازىرلىيالمايدۇ، شۇڭا قىزلارغا تەۋسىيەم، ئەرلەرگە تاشقى قىياپىتى، تۇنجى بەرگەن تەسىرى بىلەنلا باھا بېرىشكە ئالدىرىماي، ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. «ئەسكى ئەر» بەلكىم سىز ئىزدەۋاتقان كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەر بولۇشى مۇمكىن. ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەر ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كېلىدۇ. بۇنداق دېسەم ھەيران بولماڭ، چۈنكى «ئەسكى ئەر» لەر كۆپنى كۆرگەن بولغاچقا، ئانچىكى ئىشلارغا كۆز قىرىنى سېلىپ كەتمەيدۇ. «ياخشى ئەر» لەر بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار توي قىلىش يېشىغا يەتمىگۈچە، مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ، شۇڭىمۇ بۇنداق ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. ئاتالمىش «ئەسكى ئەر» لەرنىڭ ئۆز ھېسسىياتىغا بولغان چۈشىنىشى ئېنىق بولىدۇ. مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرەي: «ياخشى ئەر» لەرنىڭ ئالدىغا بىرلا خىل مېۋە، يەنى ئالما قويدۇق دەيلى، ئۇلار ئامالسىز يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بىراق كۆڭلىدە باشقا مېۋىلەرنى تېتىپ بېقىشنى ئويلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقا مېۋىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ - دە، لېكىن كۆپنى كۆرگەن «ئەسكى ئەر» لەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۆزىنىڭ قانداق مېۋىگە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ھەرگىز ئالما يەپ ئولتۇرۇپ، باشقا مېۋىنىڭ خىيالىنى سۈرمەيدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى شەخسىي قاراش، قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق ئۆزىڭىزىدىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 09:54
|