ئالدىڭىزغا قاراڭ- يول كاتاڭ...!
سىز ئۆزىڭىزگە مۇنداق بىر سوئالنى قويۇپ باقتىڭىزمۇ؟
<<مەن ماڭغان بۇ يولنىڭ ئاخىرى تۈزمۇ-كاتاڭمۇ؟...>>
ناۋادا ئىلگىرى بۇ سوئالنى ئۆزىڭىزگە قويمىغان بولسىڭىز ھېچقىسى يوق،لېكىن ئەمدى قويمىسىڭىز زادى بولمايدۇ...
بۇنىڭغا گەپنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
<<بۇرۇن ئۆتكەن زاماندا بىر توشقاننىڭ تۆت بالىسى بار ئىكەن.توشقان ئۆزى بۆرە،تۈلكىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قورقۇپ تىترەك بېسىپ تۇرسىمۇ بالىلىرىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ، يىرتقۇچلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىشكە كۆزى قىيماي قويۇق ئورمانلىق ئىچىدىكى ئۇۋىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپتۇ.كۆزلىرى ئۆتكۈر يىرتقۇچلار توشقاننى كۆرۈپ شاللىرىنى ئېقىتىپ كەتكەن بولسىمۇ كۆرمىگەندەك ئىزىدىن قىمىرلاپمۇ قويماپتۇ.چۈنكى ئۇلار كۆپ،توشقان بىرلا بولغاچقا بۇ ئولجىنى تالىشىپ قېلىپ باشقا ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۆز-ئارا ئۆچەكىشىپ قىلىشنى زادىلا خالىمايدىكەن.خىيالىدا بىرسى چىققان كاماردىن يەنە بىرسى چىقىپ قالىدىغاندەكلا قىلىپ بىراقلا ئۇجۇقتۇرماق بوپتۇ...توشقان خاتىرجەم بولۇپ ئەتراپتىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ يۇمشاق قۇلاقلىرىدىن ئاز-ئازدىن ئېلىپ قوۋزىنى تولدۇرۇپتۇ دە بەدەر قېچىپ ئۇۋىسى ئالدىغا كېلىپ كامارغا بېشىنى تىققۇچەتاقىتى-تاق بولغان تۈلكە ئىككى سەكرەپلا بىچارە توشقاننىڭ بىلىدىنلا چىشلەپ ئېلىپ مېڭىپتۇ...<چىر> قىلغان ئاۋاز بىلەن توشقان قوۋزىدىكى ئوت-چۆپلەرنى ئاران ياندۇرۇشقا ئۈلگۈرۈپ بىقوۋۇل ھالدا بۆرىنىڭ ئالدىغا تاشلىنىپتۇ.بىرلا توشقاننى كۆرۈپ ئەرۋاھى ئۇچقان بۆرە تۈلكىنى راسا بىر ئەدەپلىمەكچى بولسىمۇ ئالدىغا كەلگەن تەييار ئولجىغا قاراپ ئېغىزىغا سېرىق سۇ يۈگۈرتۈپ بىر يالماپلا يەۋىتىپتۇ.ئەتراپتا تۇرغان باشقا يىرتقۇچلار بۆرىنىڭ قىزىل كۆزىگە قاراپ لام-جىم دېيەلمەي بۆرىنىڭ ئېغىزىغا قاراپ تۇرۇشۇپتۇ.بۇ چاغدا بۆرە:
-بۇ پەقەت بىرلا توشقان بولماسلىقى مۇمكىن،ئۇۋىسىنى چۇۋۇپ بالىلىرىنى بولسىمۇ قويماي ئېلىپ چىقىڭلار -دەپ بۇيرۇق قىپتۇ.ھايالشىمايلا ئەمدى ئوت-چۆپكە ئېغىز تېگىشكە تەمشەلگەن،ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز بۆجەنلەر يىرتقۇچلارغا يەم بوپتۇ...ئەتراپنى جىمجىتلىق قاپلىغان كېچىدە بۆجەنلەرنىڭ دادىسى قايتىپ كېلىپ ئۇۋىسىنىڭ ئاللىقاچان چۇۋۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىگە دەرگۇمان چۈشۈپتۇ دەپ ئۈن سېلىپ يىغلىغان پېتى بۇ دۇنيادىن بىراقلا ئۈمىدىنى ئۈزمەكچى بوپتۇ.كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمىغاندەك ئۇ يەنە ياشاپ قاپتۇ...بالىلىرىنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ كالپۇكى يېرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ يۈرەكلىكرەك ياشاپ بېقىشنى ئويلاپ باقماي ھازىرغىچە قورقۇنچاقلىق قىلىپ يۈرگەنمىش...>>
يۇقارىقى تەمسىل ماقالىگە مۇناسىۋەتسىزدەك بىلىنىدۇ.لېكىن ئويلانسىڭىز تېگىگە يېتەلەيسىز.
ئويلاپ بېقىڭ! سىز مۇشۇ ياشقىچە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قانچىلىك ئەتىۋارلىشىغا نائىل بولدىڭىز؟..
گەپنى يەنە ئۇششاق گەپتىن باشلاي-
تۇغۇلۇپ-ئىڭڭەلەپ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ئاتا-ئانىڭىز ئۇيقۇدىن بىدار.يىغلىدىڭىز،دۇنياغا خاتا كېلىپ قالغاندەك قىقىراپ يىغلىدىڭىز،بەزىدە قىززىرىپ چىپ-چىپ تەرلىدىڭىز،بەزىدە بەزگەكتەك تىتىرەپ لاغىلدىدىڭىز...ئاپارمىغان دوختۇرخانا،كۆرسەتمىگەن تىۋىپ،ئوقۇتمىغان موللا قالمىدى...چالا-بۇلا<<داددا..>>دەپ تىلىڭىز چىقىۋىدى دادىڭىزنىڭ خۇشاللىقتىن يۈرىكى يېرىلىپ كەتمىدى.قولدىن-قولغا ئۆتتىڭىز،كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان لاچىندەك ئۇچتىڭىز...تەمتىم ئايىغىڭىز چىقىۋىدى<<ئوماق قوزام! يىقىلىپ چۈشىسەن!>>دېگەنگە قارىماي تەرەپ-تەرەپكە تەيتىڭلەپ ئاپىڭىزنىڭ يۈرىگىنى سۇ قىلدىڭىز...مەكتەپ يىشىغا توشقىچە سىڭدۈرمىگەن ئەجرى قالمىدى.يەسلى،باشلانغۇچ،تولۇقسىز،تولۇقلارنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنى ئەكىلىمەن دەپ مەكتەپكە قانچە قېتىم قاترىغىنىنى ساناپ بېرەلمەيسىز...<<قورسىقى ئاچ قالغاندىمۇ؟يامان بالىلاربوزەك قىلغاندىمۇ؟ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىپ ئۇستازىدىن دەشنام ئاڭلاپ قالغاندىمۇ....؟دەپ قىلغان ئىشى ئىش بولمىدى.ئالىي مەكتەپكە ئۆتىۋىدىڭىز ئۇلارنىڭ بېشى ئاسمانغا تاقاشقاندەك بولدى.ئۆزى يېمەي-ئىچمەي يىققان ئىقتىسادىنى سىزگە سەرپ قىلدى.ئۆزى قاتتىق نان غاجىلىسىمۇ ئاق ناننى سىز ئۈچۈن ساقلىدى.قوللىرى قاپارغاننى،بەللىرى مۈكچەيگەننى سىزگە كۆرسەتمىدى.ئالى مەكتەپنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە پۈتتۈرۋىدىڭىز خىزمەت ئىشى ئۇلارنى يەنە قىينىدى.ماڭمىغان يولى،ئۈسمىگەن ئىدارە،ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيى قالمىدى.قاپىقى يامان باشلىقلارنىڭ ئۇزۇن بويۇن ئاياللىرى ئالدىدا قانچە قېتىم سارغىيىپ يېلىنغانلىقىنى بىلمەيسىز....سىزنى دەپ مۈكچەيگەن بەللەر تېخىمۇ بەكرەك يادەك ئىگىلدى.كادىر بولىۋىدىڭىز....
بولدىلا بۇ گەپلەرنى دېمەيلا قوياي....توشقان جېنىدا بالىلىرىنى قوغدىغاندەك يېمەي يىدۈرۈپ،كەيمەي-كىيدۈرۈپ باققاننى بەزىدە بىلەلمىدىڭىز...<<توككىدە>>يەرگە چۈشۈپ قالغاندەك ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىدىڭىز...گەپلىرىنى ياراتمىدىڭىز...دوستلىرىڭىز ئالدىدا ئۇلارنى چاندۇرمىدىڭىز-ئۆزىڭىزنى،بولۇمسىزلىقىڭىزنى چاندۇردىڭىز...مانا ئۇلار كەتتى.بەزىدە ياغ بىلەن گۆش تەپ،بەزىدە شەپشەكلىك قىلىپ باشقىلاردىن مۇشت يەپ قاپاقلىرىڭىز ئىشىق ئۆتكەن كۈنلەرمۇ بولدى.ئۈلپەتداشلىرىڭىز بىلەن قانغۇدەك ئىچىپ جاھاننى بېشىڭىزغا كەيدىڭىز...قايسى قىزنىڭ سۆلىتى،ھۆرمىتى،چىرايىنى شاللىرىڭىز ئېقىپ بېشىڭىز ساڭگىلىغىچە غەيۋىتىڭىزگە سىڭدۈرۈپ ئۆزىڭىزنىڭ ھالىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىمىدىڭىز...نام-ئەمىلى ئۆسكەننى كۆرەلمىدىڭىز...كەينىدىن پوق پاچاقلىرىنى چىشىڭىز ئۇپرىغىچە غاجىلىدىڭىز...سىزمۇ بولۇشنى،ئۆسۈشنى كېچە -كۈندۈز ئويلىسىڭىزمۇ قېرىشقاندەك سىزگە نېسىپ بولمىدى(ھالىڭىزمۇ چاغلىق بولغاچ)...مەن ماڭغان يوللار تۈپتۈز دەپ ئويلىدىڭىز...ئالدىڭىزدا كاتاڭ بارلىقىنى بىلمىدىڭىز...باشقىلار ئورەك كولاۋاتسا خىرامان يۈردىڭىز...ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قىلغان ئەجرىگە چۇشلۇق بىرەر قېتىم تۇپراق بېشىغا بېرىپ ياد ئېتىپ دۇئاغا قول كۆتۈرمىدىڭىز...مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىڭىزدىن سىزگە يېنىپ قالسا ئۇنىڭدىنمۇ قاخشاپ ئۆتۈپ بىز باشتا ئوقۇغان توشقانچىلىك بولالمىسىڭىز،يىغلىيالمىسىڭىز،يا كۈلەلمىسىڭىز سىزنىڭ مۇردىدىن نېمە پەرقىڭىز بار...سىزمۇ توشقاندەك ياشاپ ھالال جۈپتىڭىز،پۇشتىڭىز ئالدىدا <<بولار يېرىم مۇشۇكەن>>دەپ ئىشنى تۈگەتمەكچىمۇ؟...
ئۇيقىڭىزدىن ئويغىنىڭ،ئەتراپقا قاراڭ،چاپاق باسقان كۆزىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئۇۋىلىۋېتىڭ.توشقان يۈرەك ئەمەس،شىر يۈرەك سىزگە ئازلىق قىلىدۇ.
قىسقىسى-ئالدىڭىزغا قاراڭ-يول كاتاڭ.
مەنبە:ئۆزۈم