ھېچبولمىسا...

تاغنى تالقان قىلالمىساڭمۇ
ئۆزگەرتىپ قوي كاتاڭنى تۈزگە.
سولاشقان گۈل-گىياھنى كۆرسەڭ
بىر چىلەك سۇ قۇيغىن تۈۋىگە.

ئۇچراپ قالسا ئاجىز-مېيىپلار
سەدىقە بەر، كۆڭلى قالمىسۇن.
يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلا-
كۆڭلى يورۇپ، دىلى يايرىسۇن.

زور شاپائەت قىلالمىساڭمۇ
ساۋاپ ئىشنى تېپىپ قىل جەزمەن..
چوڭ ياخشىلىق كۈتمەيدۇ ئاۋام
كىچىك ئىشتىن سۆيۈنەر بەزەن..

قوشناڭ نامەرد بولسىمۇ لېكىن
ئىللىق چىراي ئاچقىن داۋامەت،
ئۇيىلىدۇ بىركۈن ئۆزىچە-
بېرەر قولنى، يۇيۇپ ئاداۋەت...

زور ئۈمىدتە چوڭ قىلغان سېنى
ئاتا-ئاناڭ پەپىلەپ بېقىپ.
ھەرئەتىگەن ئەھۋال سوراپ قوي،
ئىللىق چىراي سالاملار بېرىپ...

قەھرىمانلىق قىلالمىساڭمۇ
گېزى كەلسە كۆكرەك كېرىپ چىق..
ئادىمىيلىك بولسۇن مىزانىڭ
خەتەرنى سەن ھەردەم يېڭىپ چىق...

نامدار بولۇش بىزگە شەرت ئەمەس
ئادەم بولۇش ھەممىدىن ئەۋزەل.
تاراملاردىن ھاسىلدۇر دېڭىز-
ئاددىيلىقتىن بۇ دۇنيا گۈزەل!
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.