تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 1

دوستلىشايلى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
108
تۆھپە
89
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دوستلىشايلى



مۇھەممەدئىمىن ھەسەن



زامانداش بىز- قېرىنداش بىز دوستلىشايلى

ئەھۋال سوراپ ئۆز-ئارا ھەم يوقلىشايلى

رەقىپلەشكەن نادانلىقتىن خوشلىشايلى

ئىلتىجا بۇ دوستلار يەنە دوستلىشايلى


بىر چاغلاردا خوشنا بولۇپ ئوينار ئىدۇق

قايسى ئۆيدە ئاش پىشسا ھەم بىللە يېدۇق

ئايرىلمايمىز ئاخىرەتلىك دوست بىز دېدۇق

ئەسلەپ بۇنى دوستلار يەنە دوستلىشايلى


بىر سىنىپتا ساۋاقداش بوپ ئوقۇغان بىز

بەزى كۈلۈپ بەزىدە ھەم چوقۇغان بىز

ھاياتلىققا دوستلۇق گۈلى توقۇغان بىز

ئەسلەپ بۇنى دوستلار يەنە دوستلىشايلى


خىزمەتداش بىز ئۇزۇن يىللىق بىللە ئۆتكەن

تەلەي كېلىپ بەزىمىزنىڭ ئەمەل ئۆسكەن

ئالدىراش دەپ دوست بولۇشقا ۋاقىت كۈتكەن

پۇرسىتىدە دوستلار يەنە دوستلىشايلى


ئادەم ئۈچۈن بۇ ھاياتتا دوستلۇق كېرەك

كۈن چۈشكەندە كىم ئەسقاتار دوستتىن بۆلەك

يالغۇزلۇقتا دوست ھەم بولۇر يار-يۆلەك

ئويلاپ بۇنى دوستلار يەنە دوستلىشايلى


بۇ ھاياتلىق بەكمۇ قىسقا تېزلا كېتەر

دوست قەدرىنى بىلمىگەننىڭ ھالى خەتەر

دوستى يوقنىڭ دەرت ھالىغا كىممۇ يېتەر

قەدىرلىشىپ دوستلار يەنە دوستلىشايلى


ئاپتور:  قاغىلىق ناھىيە شاتلىق دوختۇرخانسىدىن


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
قاراقاش + 15赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 15  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

ئىسىمى
پاتىگۇل
تىللا
16
تۆھپە
6
UID
23086
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياىشى يىزىلغان شىئىر ئىكەنغۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:38, Processed in 0.069592 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991