بەزىلەر
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
ئەل-ۋەتەننىڭ ئىشقىدا كۆيەر ئىكەن بەزىلەر
ياكى ئەلنى يۈرەكتىن سۆيەر ئىكەن بەزىلەر
نەپسى ئۈچۈن قۇل بولۇپ ۋىجدانىنى سېتىپ ھەم
توخۇ پېيىدىن قەدىرسىز ئۆلەر ئىكەن بەزىلەر
ئەل غېمىدە شام كەبى يانار ئىكەن بەزىلەر
مەنپەئەت ئۈچۈن بالىسىدىن تانار ئىكەن بەزىلەر
بوزەك ئېتىپ ئاجىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ھەم
ئۆزلىرىنى ئەركەك دەپ سانار ئىكەن بەزىلەر
نامراتلارنىڭ بېشىنى سىلار ئىكەن بەزىلەر
ياكى يۆلەش ئوبېيكتى قىلار ئىكەن بەزىلەر
پايدىسىغا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتىپ
رىزقىنى ھەم ئۇلارنىڭ شىلار ئىكەن بەزىلەر
دوسىتلىشىشقا ئۆزىنى ئاتار ئىكەن بەزىلەر
نەپ ئۈچۈن ھەم دوستىنى ساتار ئىكەن بەزىلەر
غەيۋەت قىلىپ گەپ توشۇپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا
ئاداۋەتنىڭ ئوتىنى ياقار ئىكەن بەزىلەر
ھاياتىدىن ئەلگە نەپ بېرەر ئىكەن بەزىلەر
ئەلگە ئامەت ھەر قاچان تىلەر ئىكەن بەزىلەر
زايە قىلىپ ئۆمرىنى جېنىنىمۇ باقالماي
ئەل پۇتىغا ئېسىلىپ كېلەر ئىكەن بەزىلەر
ئاپتور: قاغىلىق ناھىيە شاتلىق دوختۇرخانسىدىن