تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2091|ئىنكاس: 6

بىر كۈنى Asir[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
167
تۆھپە
52
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر كۈنى    Asir


بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا.
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.
ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ.
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى.

‹ئاق›نى چەككەن ئاغزىدا ئۇقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان.
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى.
كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر.
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.

تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ.
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىر كۈنى.
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى-بار ۋاقتى بار.
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.

كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.
بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى.

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،
يۈرۈكۈڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.

شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.
يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بىرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئاسقاتىدۇ بىر كۈنى.

مەنبە : 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
كورلا شەھىرى‹‹ بىر رىستۇراندا خاتىرلىۋالغىنىم››
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
37
تۆھپە
32
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ ياخشى چىققان شېئىرىغۇ ئۇ.....
يوللىنىڭىز بەلەن بوپتۇ... بولسا مەنبەسىنى  ئېنىق دەۋەتكەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاركەندۇق....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1270
تۆھپە
478
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ئاتاغلىق شائىرىمىز    مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىنىڭ  شېئىرلىرىنىڭ تىلى شۇ قەدەر يېقىملىق ،  ئۇنىڭ شېئىرلىرى خەلقنىڭ قەلب سۆزىنى جاراڭلاتقان شېئىرلار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 12:06  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
853
تۆھپە
179
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما شئىر ماڭا  بەك ياقتى.تىلى بەك راۋانكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
896
تۆھپە
390
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز توردىشىم سەرۋى،  مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ شىئېرلىرى ئارتۇقچە مۇبالىغە، چىكىدىن ئىشىپ كەتكەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ۋە دەبدەبىلىك سۆزلەردىن خالىي، شۇڭا شەخسەن مەنمۇ مۇھەممەتجان ئاكىمىزنىڭ شىئرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.
بەزى شائىرلارمۇ نەدىكى چاقماق، چىقىن، روھ ... دىگەندەك دەبدەبىلىك تىلدا  شىئېر يازماي، مۇشۇنداق ئاممىباپ، ئىخچام ئۇسۇلدا شىئېر يازسا نىم بولار دەيمەن(شەخسىي پىكى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   serjat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 14:47  



Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
132
تۆھپە
69
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ ياخشى چىققان شېئىرى


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
3
UID
23145
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇرادەرلەر بۇنداق قارغۇلارچە سۆزلەۋەرمەڭلا .شۇ بىر كۈنى دەپ  بولغان ھالىمىز مۇشۇ .بەلكىم شائىرمۇ مۇشۇ شىئرنىڭ ئوقۇرمەنلەگە بەرگەن بۇ نداق خاتا چۇشەنچىدىن ئەپسۇسلېندىغاندۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:16, Processed in 0.077259 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991