تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 8228|ئىنكاس: 7

كىممۇ باغرى تاش ھەق يىغىش ئورنىنىڭ «دەردى» نى چۈشىنىدۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
404
تۆھپە
133
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىممۇ باغرى تاش ھەق يىغىش ئورنىنىڭ «دەردى» نى چۈشىنىدۇ؟


      ئالدىنقى كۈنلەردە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى - تۇرپان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىر دانە پىكاپنىڭ بالونى پارتلاپ كېتىپ، بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، پىكاپتىكى بەش ئادەم يارىلاندى، ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئەترىتى ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ھەق يىغىش ئورنىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ھەق يىغىش خادىمى قاتناش ھەققىنى تاپشۇرسا ئاندىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۇۋالغان. ئالاھىدە ساقچى يارىدارنى قۇتقۇزۇشقا دەخلى قىلىشتىن ئەنسىرەپ، ئامالسىز ھەق تاپشۇرغان. ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق «دەردى» بارلىقىنى ئىپادىلىگەن. (8 -  ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى «شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى» دىن ئېلىنغان)
      ھاياتلىقتىنمۇ ئەزىز نەرسە يوق، بارلىق پايدا - مەنپەئەتنى قوغلاشقۇچىلار ئادەم قۇتقۇزۇشقا يول بېرىشى كېرەك. بىراق، ھوشىدىن كەتكۈچىنى ئېلىپ ماڭغان ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلىغىمۇ قىلچىلىك يول قويۇش بولمىغان. بۇ باغرى تاش ھەق يىغىش ئورنى شۇنداق قاتتىق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى غىدىقلاپ، يەنە بىر مەھەللىك زەربە بېرىش سادالىرىنىمۇ پەيدا قىلدى.
      بىراق شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ خىل ئەيىبلەش ئاۋازلىرىدا بەلكىم بىر تەرەپلىمىلىك بولۇشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ غەزىپىدە ياكى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئاساسىي كۆز قارىشى بولۇشى مۇمكىن؛ تاشيول بولسا ئاممىۋى مەھسۇلات، ھەق يىغىش پونكىتى ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كىشىلەرگە «مۇلازىمەت خاراكتېرى» ۋە «ئادىمىيلىك خاراكتېرى» نى ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك، شۇڭلاشقا يارىدارمۇ ھەق تاپشۇرمىسا يول بەرمىگەنلىكنى كىشىلەر چۈشىنىپ بولالمايدۇ. بىراق ئەگەردە ھەق يىغىش پونكىتى «ئاممىۋى مەھسۇلات» بولمىغاندىچۇ؟
      نۆۋەتتىكى ھەرقايسى جايدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ تىجارەت شەكلىنىڭ ھەممىسىلا «قەرز ئېلىپ يول ياساپ، ھەق يىغىپ قەرز قايتۇرۇش» ئەمەس. تاشيول قۇرۇلۇشىدا، نۇرغۇنلىغان يەرلىك ئورۇنلار تاشيول ھەققى يىغىش ھوقۇقىنى تاشيولغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەبلەغنى قايتۇرۋېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەق يىغىش پونكىتى مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ئۈچۈن «شەخسىيلەشكەن» پۇل سۈمۈرۈش ماشىنىسى بولۇپ قالدى، دائىم دېگۈدەك ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كېتىپ قائىدىگە خىلاپ ھەق يىغىشلا بولۇپ قالماستىن، يەنە يوقلىما تۈزۈمى ئاستىدىكى ھەق يىغىش ۋەزىپىسىمۇ بار. غايەت زور مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش دەۋا تەلىپى ئاستىدا، ئەڭ تۆۋەن ئۇچتىكى ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ «پايدا قوغلىشىش» بىر تەرەپلىمىلىكىدىن ساقلىنىش تەس. مانا بۇ بەلكىم ئاخباراتلاردىكى «باغرى تاش» ھەق يىغىش پونكىتى مەسئۇلىنىڭ كۆزدە تۇتقان دەردى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى غايەت زور ھەق يىغىش بېسىمىنى زىممىسىگە ئالغاچقا، ھەرقانداق ھەق تاپشۇرۇشتىن قېچىپ قاتناش ھەرىكىتىنى قويۇۋەتمەيدۇ، مەيلى ئۇ يارىدارنى قۇتقۇزىدىغان ساقچى ئاپتوموبىلى بولسىمۇ، بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى «ھەقسىز يۈرۈش» ئىچىدە بولمىغاچقا، جەزمەن يول ھەققى تۆلىشى كېرەك. ئۇنداقتا كەڭ ئامما بۇ خىل ئادەتتىكى بىلىمدىن ھالقىغان گەۋدىلىك ئەمەلىيەتنى قانداق چۈشىنىدۇ؟ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ فامىلىسى ھەرگىزمۇ «(公) ئاممىۋى» ئەمەس، ھەق يىغىش خىزمەتچى خادىملىرى كۈچلۈك بولغان پۇل سۈمۈرۈش ماشىنىسىنىڭ مۇستەھكەم بىر ھالقىسى بولۇپ، كۈچلۈك بولغان ھەق يىغىش مېخانىزمى ئاستىدا، مەيلى كىم بولسۇن باغرى تاش بولۇپ كېتىدۇ.
      يامغۇرمۇ، شامالمۇ ئۆتمەيدىغان، ئاممىنىڭ ھايات -– ماماتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ھەي يىغىش پونكىتى جەزمەن ئەتراپتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىلغىمۇ ئېلىشقا ئەرزىمەسلىكى ۋە تىل -– ئاھانىتىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، بۇ ئۇنىڭ كەڭ ئاممىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن بېرىشكە تېگىشلىك قۇربانلىق. دەرۋەقە، بۇنداق ئىشلار تەكرارلانماسلىقى كېرەك، بۇ يەنە بىزگە تېخىمۇ كۆپ مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: قانداق قىلىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇملۇق خاراكتېرىنى قايتۇرۇۋېلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ھەم قائىدە - تۈزۈم ۋە ئادىمىيلىك ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تاپقىلى بولىدۇ؟ ئالدىنقى كۈنلەردە گوۋۇيۈەن تەستىقلاپ تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا، تۆت چوڭ بايرامدا تاشيول قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ماقۇللىغان، بۇ شەكسىزكى بىر خەلققە پايدىلىق بولغان ئىلگىرىلەش، مۇشۇنداق بولغان تاشيول سالاھىيىتىنىڭ «ئورنىنى تولۇقلاش» ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تاشيولنىڭ جامائەت مەھسۇلاتىلىق خۇسۇسىيىتىنى ئەسلىگە قايتۇرغاندا، تەبىئىيلا «باغرى تاش» ھەق يىغىش پونكىتلىرىمۇ بولمايدۇ، ئۇمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇۋالچىلىق تارتىپ، «دەرد» ىمىز بار دەپ قاقشىمايدۇ.
      تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1224
تۆھپە
799
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسسى كۈنى تېخى خەنزۇچە بىر گېزىتتىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر تاشيولدا (ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ھەققى) ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا ماقالە ئوقۇغان ئىدىم.
ئاپتۇمۇبىلنىڭ ئىككى ھەق ئېلىش ئورنىنىڭ ئارلىقىدىكى ۋاقتى بەلگىلەنگەن ئەڭ ئاستا سۈرەت ئۆلچەملىك ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقتى 4سائەتكە يەتمىسە ئارتۇق ھەق ئېلىنمايدىكەن، 4سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمىغا ئېلىنىدىغان ھەق ‹زەھەر›دىنمۇ قىممەت بولغاچقا، شوپۇرلار ئارام ئېلىش ئورنىدا پەقەت 1ياكى 2سائەتلا ئارام ئېلىپ، يەنە يولغا چىقىدىكەن.
ھازىر ‹ھەق يىغىش پونكىتى› دۆلىتىمىزدىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
896
تۆھپە
390
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىر ئاغىنەمنىڭ ئاكىسى بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى مەلۇم بىر ھەق ئىلىش پونكىتىدا ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىمچە، شوپۇرلار ھەق تۆلىگەندە ئۇلارغا  ھەرخىل سىسىق گەپلەرنى ياغدۇرىۋىتىدىكەن، ھەتتا بەزى شوپۇرلار پۇلنىڭ ئارىسىغا لامپا قىستۇرۇپ، تۈكۈرۈپ بىرىدىكەن، قارىغاندا شىنجاڭدىكى شوپۇرلارنىڭمۇ ‹‹ھەق تۆلەش بىسىمى›، خىلىلا يۇقىرى ئوخشايدۇ


Rank: 2

ئىسىمى
دىلزات مۇستافا
تىللا
134
تۆھپە
52
UID
4837
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇشتىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلكىدە خىلى كۆپ ھەق ئىلىش پونكىتىنى ئىلىپ تاشلىنىپتۇ.قالغانلىرىمۇ ئاستا-ئاستا ئىلىنىپ تاشلانسا خىلى كۆپ ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلغان بولاتتۇقكەن...2008-يىلى دادام تۈگەپ كىتىپ مىيىتنى ئاتۇشقا ئىلىپ ماڭغىنىمىزدا ھىچقانداق ھەق ئىلىش پونكىتى توسىمىغان،قارغاندا ئەسەردىكى ئۇخادىم ئادىمىيلىكىنى يوقاتقانكەن.....


Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
12
UID
22730
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانمۇ بۇ  «ئىلمى تېلەمچى» لەر پۇنكىتى تەرتىپكەچۈشەر!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
224
تۆھپە
36
UID
252
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھازىرقى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ياخشىكەن ،  ماڭدىغاندا قول پۇلاڭلىتىپ ، ئۇيغۇر بولسا خوش دەپ ،خەن بولسا مەن زو، قىزلار كۆپ سانلىق ..


Rank: 3Rank: 3

تىللا
150
تۆھپە
77
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باكادىن پۇل كىرىۋاتسا ئۇنداق دىماي يانە تىلسا بولامتى ئىنساپسىزلام ئىشقۇ بۇ   كونىلار دەيتى ئادەملا ئۇشۇق بولسا يول توسۇدۇ دەپ


Rank: 2

ئىسىمى
ئابدۇراخمان
تىللا
70
تۆھپە
33
UID
21620
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە يول ھەققى يىغىش پونكىتىدا ئىشلەشمۇ ئاسان ئەمەس جۇمۇ،ئاشۇ پۇل يىغىدىغان بىچارا قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ھالىغا ۋاي.شەخسەن ئۆزۈم ئۇچراتقان ئەھۋالنى ئىلىپ ئىيتسام ،مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يىللىق ئۈرۈمچىدىن ئاتۇشقا چۈشكەن ئىدىم ،يۇرتۇم قەشقەر بولغاچقا ھەر ھەپتە ئاخىرى چوڭ ئۆيگە قايتىمەن ،بەزى ۋاقىتلاردا تاكسدا ئولتۇرۇپ ھەق ئىلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە ،بەزە بىر بىزەڭ شوپۇرلار ھىيىقماستىن پۇل يىغىدىغان قىز -ئاياللىرىمىزغا قىلىقسىز چاقچاق قىلىدۇ،ھەتتە پۇل قايتۇرغان چاغدا شۇ قىزلارنىڭ قولىنى قەستەن تۇتىۋالدىغان ساپاسىز ئادەملىرىمىزمۇ بار .بىر قىتىم تاس قالدىم بىر شوپۇر بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكىلى،شۇ چاغدا ماشىندىكى ئىككى لاۋزىمۇ شوپۇرغا يان بىسپ ‹سىنىڭ بىرنەرسەڭمىتى› دەپ  مىنى ئەيىپلىدى،ئەگەر شۇ چاغدا مەن خىزمەت كىنىشكەمنى چىقىرىپ‹ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىىغا ھەيدە قالدى گەپنى شۇ يەردە قىلىشىمىز › دىمىگەن بولسام خىلى ئاۋارچىلىققا قالار ئىدىم بەلكىم!شۇڭا دەيمەن بەزى بىر كىشىلىرىمىز زادى نىمىنى ئويلايدىغاندۇ ،ئۇيات دىگەن نەرسە يوكمىدۇ دەيمەن!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:38, Processed in 0.084004 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991