لېرىكىلار
ئىشەنمەيمەن
قارچۇقلاردا ئاداققىي ھىجران،
قېتىپ قالغان غەمگە بوغۇلۇپ.
پاك سۆيگۈدىن ئېچىلغان رەيھان،
ئايلانماقتا خازانغا سۇلۇپ.
ئاھ، ئۇنتۇشنى ئۆتۈنگەن يوللار،
ھەسرەت سالار يەنە دىلىمغا.
سەن مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك دىلدار،
ئىشەنمەيمەن ئايرىلغىنىمغا...
مەن پەسلىمدىن ئاداشقان بىر قۇش
مەن پەسلىمدىن ئاداشقان بىر قۇش،
يېتەلمەستىن يىراق مەنزىلگە.
بۇغۇچلاشقان پەيلىرى تامام،
كۆز يېشىدەك مۇزلۇق شەھەردە...
خىياللىرىم مىسكىن شۇ قەدەر،
لەۋلىرىمدە يوقتۇر تەبەسسۇم.
ئىلاھلىقنى ئىزدىدىم لېكىن،
ئۇنتۇپ كېتىپ ئۆزۈمنى چوقۇم...
قولۇمدا بار سەن بەرگەن خەنجەر،
كۆكسۈم تامان بەتلەگلىك ئۇچى.
قىينىمىغىن مەنمۇ سەن كەبى،
بۇ ئالەمگە كەلگەن يولۇچى...
كۆز ئالدىمدا لەيلەيدۇ تۇمان،
تۇمان ئارا بارىمەن ئۇزاپ.
كەچمىشلىرىم ئىز سالغان جايغا،
ئەقىدەمنى كېپەنگە ئوراپ...
يوللانمىغان مەكتۇپ
يېڭى يىلنىڭ ھارپا كېچىسى،
قەدەھلەرگە ساقىدى كۆز ياش.
ئۇزاپ كەتتىڭ چۈشۈمدىن جىمجىت،
ئەڭ ئاداققىي پەسلىگە ئوخشاش...
ئىزاھاتسىز قالغان سوئاللار،
ھېسلىرىمنى قويدى پېچەتلەپ.
قاغجىرىغان غېرىب قەلبىمدە،
ھەسرەت تېشى ئۈندى چېچەكلەپ...
مۇز دەۋرىنى ياتار باغاشلاپ،
سەھرادىكى مىسكىن يوپۇرماق.
قىلدىڭ ئۇنى بىھۇدە خازان،
ئېھ، سۆيگۈنى بىلمىگەن ئوماق...
تۇغۇلغان كۈنۈم
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
قۇتلۇقلىغىن مېنى سەن دۇنيا.
قۇچاقلىغىن مېھرىڭ بىلەن چىڭ،
پاك روھىمنى مۇقەددەس خۇدا...
ئولتۇرىمەن كەپەمدە تەنھا،
موخۇركامنىڭ ئىسىنى شوراپ.
يوق ئالدىمدا تورت ياكى شام،
ياشىغىم يوق ئۆزگىنى دوراپ...
خىيال قىلغۇم كەلمەس ئۆتمۈشنى،
يېرىلسىمۇ قەلبىم گەر چاك - چاك.
كۆرۈنمەكتە كۆزۈمگە شۇتاپ،
بىر يورۇق تاڭ قەلبىمدەكلا پاك...