تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2278|ئىنكاس: 2

بىر تۇغقان تېپىلمايدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
108
تۆھپە
89
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر تۇغقان تېپىلمايدۇ


مۇھەممەدئىمىن ھەسەن



    بىر تۇغقان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت،ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن،ئۇزاق زامانلاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقى ۋە مەنىۋىي گۈزەللىكى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسنى قوشۇپ،ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇرۇق -تۇغقاندارچىلىق،قېرىنداشلىق رىشتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئىللىق ئائىلە،ئىللىق دۇنيا ۋە ئىناق جەمئىيەت،گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىپ،خەلقىمىزنى مېھماندوسىت خەلق دېگەندەك شەرەپلىك ناملار بىلەن دۇنياغا تونۇتۇپ، ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشىمىزغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.
    بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئاساسەن بىر ئائىلىدە بىللە ياشاپ،تەڭ كۈلۈشۈپ،تەڭ يىغلاپ،ئۆز-ئارا كۆيۈنۈپ چوڭ بولىدۇ.بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ قالسا،ئوغۇل بىر تۇغقانلار دادا ئورنىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ ئۆزىدىن كىچىكلەرگە ۋە قىز بىر تۇغقانلىرىغا ئىگە بولۇپ ھەم قوغداپ دادىسىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمەي ياشاپ ئۆزىنىڭ بىر ئوغۇل بالىلىق بۇرچىنى بۇ دۇنيادىن كەتكۈچە ئادا قىلىدۇ.قىز بىر تۇغقانلار بولسا ئوغۇل بىر تۇغقانلىرىغا دادىسىغا ھۆرمەت قىلغاندەك ھۆرمەت قىلىپ،سىزغان سىزىغىدىن چىقماي،ئۇلاردىن ئەيمەنگەن ھالدا ياشاپ دۇنيادىن كېتىدۇ.بۇلار ئارىسىدا ھازىرقىدەك نە مەنپەئەت،نە مال دۇنيا،نە ئەر ياكى نە خوتۇن بولماستىن پەقەتلا قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەتلا بولىدۇ. مانا بۇ قېرىنداشلىق مېھرى ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەقىقىي ئىسمى -جىسمىغا لايىق بىر تۇغقانلىق،قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەتتۇر.ئەپسۇس يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى،شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ پۇلغا بولغان ئېھتىياجى ۋە چوقۇنىشىنىڭ تەدرىجى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن مېھرى-مۇھەببىتىمىزدىن ئىبارەت ئۇلۇغ بايلىقىمىز تەدرىجىي سۇسلىشىشقا باشلىدى،ھەتتا بىزنىڭ مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان بىر تۇغقانلىق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىمىزگىمۇ دەز كېتىشكە باشلىدى.
    بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردىكى خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە كەسپىي تىجارەتلەرنىڭ جىددىيلىقى،تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىقى سەۋەبىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ،بىر تۇغقانلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىزدىشىدىغان، يوقلىشىدىغان ئەنئەنىۋىي ئېسىل ئادىتىمىزگىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدىغان،ھەتتا بۇ ئىشلارنى بىر خىل ئاۋارىچىلىق،ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قارايدىغان ئەھۋاللار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.بۇ سەۋەبتىن بۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان،ئۆيلىرىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالماقتا. يەنە بىر قىسىم بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ بولغۇچە ئۆز-ئارا مىراس تالىشىدىغان،مال- مۈلۈك تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ھەتتا ئەرز-دەۋا قىلىدىغان،بۇ ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك ياتلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭ ياتلىشىپ كېتىشىدەك يامان ئادەت خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئېسىل ئەنئەنسىگە،ئەخلاق مىزانىغا ۋە ئېتقادىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن،جەمئىيەت ئىناقلىقىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ۋە ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام تەربىيەلىنىشىگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.بۇ جەھەتتە ئەجداتلاردىن قالغان ھېكايە بار. مىسالەن سۈپىتىدە كەلتۈرەي.
    بۇرۇنقى زاماندا بىر دانىشمەن پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھ بىر قېتىملىق ۋەتەننى قوغداش جېڭىگە ئۆز ئوغۇللىرىنى بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنى لەشكەرلىرىگە قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ. بىر كۈنى بىر خەۋەرچى كېلىپ پادىشاھ ئالەم دېگىنىچە بىر ھازا يىغلىۋېتىپ،ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرى بولغان چوڭ ئوغۇللىرى جەڭدە ئۆلۈپ كەتتى دەپتۇ.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ ھېچقىسى يوق ئوغلۇمنى ئاللاھ ئۆزى بەرگەن يەنە ئۆزى ئەكىتىپتۇ دەپتۇدە سەۋىر قىلىپتۇ. يەنە بىر كۈنى بۇ خەۋەرچى يەنە كېلىپ پادىشاھقا،ئىككىنچى ئوغلىنىڭمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپتۇ.بۇ قېتىممۇ پادىشاھ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرۇپ بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىگە بەرگەن جاۋاپنى بېرىپتۇ.ئۈچىنچى قېتىمدا بۇ خەۋەرچى يەنە كېلىپ پادىشاھقا بۇ قېتىم بىر تۇغقان ئىنىلىرى ئۆلۈپ كەتتى دەپ خەۋەر قىلىپتۇ.بۇ خەۋەردىن پادىشاھ چۆچۈپ كېتىپتۇدە ئۆزىنى كاچاتلاپ، يەرگە ئۆزىنى ئېتىپ يۇمۇلىنىپ، قوللىرىنى چىشلەپ چىدىغۇسىز ئازاپ بىلەن ھۆكىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن خەۋەرچى ھەيران قېلىپ،پادىشاھتىن پادىشاھ ئالەم ئالدىنقى قېتىمدا جان جىگەر يۈرەك پارىلىرى بولغان ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېلىپ كەلسەم بۇنچىۋالا يىغلاپ كەتمىگەن ئىدىلە،ئەمدى بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى ئاڭلاپ بەكمۇ يىغلاپ كەتتىلە دەپ سوراپتۇ.پادىشاھ ھەي نادان ئاڭلاپ تۇر،ئوغلۇم ئۆلۈپ كەتكەن بولسا،قايتىدىن يەنە ئۆيلەنسەم ئاللاھ يەنە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلار ئىدى،ئەمما بىر تۇغقان قېرىندىشىم ئۆلۈپ كەتسە بىر تۇغقان تۇغۇپ بېرىدىغان ئانام بولمىغاندىكىن بۇ دۇنيادا كىممۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرەلىسۇن دەپتۇدە بۇ خەۋەرچىگە نەسىھەت قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ جاھاندا تېپىۋالغىلى ياكى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان ئۈچ تۈرلۈك نەرسە بار. بىرىنچىسى ئاتا-ئانا،ئىككىنچىسى بىر تۇغقان قېرىنداش،ئۈچىنچىسى ۋاقىتتۇر.ئىنسان بۇ ئۈچىنىڭ قايسىسىدىن ئايرىلسا ئوخشاشلا ئورنىغا كەلتۈرەلمەيدۇ.
    بۇ دۇنيادا ئادەم ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ كىم بولۇشىنى،ۋەتەننىڭ قەيەر بولۇشىنى ۋە بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ كىم بولۇشىنى تاللىۋالالمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن ئاناڭ كىمنى تۇغقان بولسا ئۇ قانداق ۋە كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ئۇ سېنىڭ بىر تۇغقۇنۇڭ،قېرىندىشىڭ،ئۇنى قەدىرلىشىڭ ئاخىرغىچە ئىناق ئۆتۈپ، يار-يۆلەك بولۇشۇڭ كېرەك.شۇنى بىلگىنكى بۇ دۇنيادا ھېچقانداق دوست بىر تۇغقان قېرىنداشنىڭ ياكى ئۇرۇق تۇغقاننىڭ رولىنى ئالالمايدۇ يەنى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە،ئاغرىپ ياتقىنىڭدا، بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭدا،ئۆلۈپ كەتكىنىڭدە،دوسىتلىرىڭ سېنى ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن،بىراق سەن ئىزدىگىلى خوش ياقمىغان، سەن ياراتمىغان،سەن ئەسكى دېگەن ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىڭ سەن ئۈچۈن قايغۇرىدۇ،ياردەمدە بولىدۇ،ساڭا ئەسقاتىدۇ.
ئاپتور:  قاغلىق ناھىيە شاتلىق دوختۇرخانسىدىن

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1209
تۆھپە
967
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتى،قىممەت مۇناسىۋىتىدۇر.


سەكرا

Rank: 2

ئىسىمى
دىلزات مۇستافا
تىللا
134
تۆھپە
52
UID
4837
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ئارىلىقىدىكى ھىكايىنى مەن ئوقۇغانكەنمەن. ئاپتۇر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتۇ. سىزگە تەشەككۇر....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:19, Processed in 0.074643 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991