ئۆسكىدەك...

(ساتىرا)
خۇش بىشارەت:نام-ئەمەل،ئىناۋىتىم ئۆسكىدەك،
ئەل ئىچىدە شاراپەت-ھالاۋىتىم ئۆسكىدەك،
خۇپىيانە تاپاۋەت-دارامىتىم ئۆسكىدەك،
يۈكسەكلىكتىن غېمىم يوق،كامالىتىم ئۆسكىدەك!
كۈچۈكلىنىپ «جاڭ»لارغا،يېقىنلىقنى بىلدۈرۈپ،
ئېگىلىشتىن ھەتتاكى ئومۇرتقامنى سۇندۇرۇپ،
يەمچۈك تاشلاپ پەم بىلەن، قارمىقىمغا ئىلدۈرۈپ،
ئۆتۈپتىمەن نەزەردىن،ساداقىتىم ئۆسكىدەك!
چوڭاملارغا قوش قوللاپ تۇتقۇزغانتىم ھاياننى،
كەلگەن چېغى پۇرسىتى ،تولدۇرۇشقا زىياننى،
ئەمدى قايرىپ قويىمەن، ئىنساپ بىلەن ئىماننى،
بانكىلاردا پۇل -پۈچەك،ئامانىتىم ئۆسكىدەك!
ئىشلىدىم «باش چۆكۈرۈپ»،ئىلغاپ «ياخشى-يامان»نى،
بەزى چاغدا ئايرىماي بۇغداي بىلەن ساماننى،
قېچىپ كەلدىم جاپادىن، ئىلغىۋېلىپ ئاساننى،
تەلەي ماڭا بېقىپتۇ،شارائىتىم ئۆسكىدەك!
دۈشمەنلىرىم كۆزىدىن ئوت چىقىرىش قەستىدە،
مېڭىپ كەتسەم غادىيىپ،كوچىلاردا-رەستىدە،
پىچىرلىسا ھەۋەستە: «باشلىق شۇكەن ئەسلىدە»،
نام-ئەمەلگە يارىشا، سالاپىتىم ئۆسكىدەك!
ئۇرۇق- تۇققان، قاياشقا نەپ يەتكۈزۈپ خىزمەتتىن،
سىغالماسمەن تېرەمگە،خوش-خوشلاردىن،ھۆرمەتتىن،
بېشىم يېتەر ئاسمانغا، خەقلەر قىلغان ئىززەتتىن،
مەن ئويلىغان چىن بەخت-سائادىتىم ئۆسكىدەك!
قۇرۇق گەپكە رايىم يوق،ئىش ئاقمايدۇ ئالدىمدا،
چىقسىمۇ گەر پوتلىڭىز«مىش»ئاقمايدۇ ئالدىمدا،
ئەمەل ئۈچۈن ئەرزىيەت تارتقانلىرىم يادىمدا،
پۇل-ئاقچىدىن نېمە غەم، تاپاۋىتىم ئۆسكىدەك!
جاھان بىزگە بىر ئۆتەڭ،بەكمۇ قىممەت ياتىقى،
بۇ ھاياتتىن نە مەنا، قالمىسا نام-ئاتىقى،
قېرىشسىڭىز مەن بىلەن،ئەشۇ ئىشنىڭ چاتىقى،
تا ئۆلگۈچە ئۇنداققا، ئاداۋىتىم ئۆسكىدەك!
كەلسە ئەگەر تۇشمۇ-تۇش،ھاجەتمەنلەر يېلىنىپ،
ئىش-كۈشىگە «غەمخورلۇق»،تىلەپ ماڭا تىۋىنىپ،
راۋا بولسا ھاجىتى، نەزىرىمگە ئىلىنىپ،
ماڭا ھەمدوست-ئاغىنە، جامائىتىم ئۆسكىدەك!
* * *
«ئۆسەرمىش نام-ئەمەلى»بىراۋ مىش-مىش گەپ دېسە،
ھاياجاندا شۇ ئويلار سالدى دىلغا ۋەسۋەسە،
بوپقالارمۇ ۋەياكى، ماڭا پۈتمەس دەرد-ئېسە،
ئويلانمىسام مالامەت-خىجالىتىم ئۆسكىدەك!
«ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دەر،دانا ئەجداد بوۋىمىز،
ئەمەل تۇتاي ئويلىنىپ،كۈلسۇن ئىللىق ئۇۋىمىز،
تېپىۋالاي ھوشۇمنى،چىقماستىنلا توۋىمىز،
ماڭسام تۇيۇق يول تامان، ھالاكىتىم ئۆسكىدەك!

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.