تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 15232|ئىنكاس: 15

ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇللىرى ‹‹ت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5921
تۆھپە
2726
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇللىرى <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پروگراممىسىدا زىيارەتتە بولىدۇ


002.jpg


     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ياخشىمۇسىلەر، تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن خۇشاللىقلار داۋاملىق ئۈزۈلمىگۈسى! ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پروگراممىسى كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ پروگراممىنىڭ ياخشى چىقىشىنى كەڭ تورداشلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا پروگراممىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش، تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ زورايتىش ئۈچۈن <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پروگرامما گۇرۇپپىمىز بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى <<مېھرىبان ئانىلار>> كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم خانىم بىلەن، << ساخاۋەتچى ئاتىلار>> كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندىنى <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلماقچى.
    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ئىككى ئەزىز مېھماندىن سورايدىغان سوئاللىرى شۇنداقلا ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز سۆھبەت جەريانىدا تورداشلار سورىغان ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە سوئاللارنى شۇنداقلا تورداشلارنىڭ بۇ ئىككى كوللېكتىپقا بولغان تىلەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پروگراممىنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    كامالىي ئېھتىرام بىلەن: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
90
تۆھپە
73
UID
4024
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ساخاۋەتچى ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىپ ، بىزگە تونۇشتۇرغىنىغا تەشەككۈر !
مۇشۇ پۇرسەتتە بىر ئىشنى سورىۋالسام :
1998-يىلى قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھيىسىدىكى يېڭىدىن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ، خىزمەتكە چىققان باللار ھەر ئايدا ھەر بىرەيلەن 10 يۈئەندىن چىقىرىپ( ئۇ چاغدا بۇ بالىلارنىڭ ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلى 180 يۈەن ئىدى )، ئاشۇنداق يتىم -يىسىر ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىغى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىمىز ،دەپ   ‹ ياشلار ئۈمۈد ئۇيۇشمىسى › نامىدا بىر ئۇيۇشما قۇرۇشنى پىلانلاپ ، ناھيىنىڭ شۇ چاغدىكى ھاكىمىنىڭ ئاغىزاكى  قوشۇلىشى بىلەنلا ئالدىن بەزى خىزمەتلەرنى باشلىغان ئىدى . مەسىلەن : ئەزا قوبۇل قىلىش ، تەشۋىقات ، نوم ئېچىش رايۇنىدىكى ئۈمۈد قۇرلۇشى مەكتىۋىگە ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى ئىئانە قىلىش دىگەندەك .... لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئىشنى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ ، باشقا ئالاھىدە ئەھۋال يوق بولغاچقا ،  مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرمىگەن  دەپ تارقىتىۋەتكەن ئىدى . ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق ئىدى ، ئۇ چاغدا بالىلار تېخى كىچىك ، ئەمدىلا مەكتەپ پۈتكۈزگەن بولۇپ ، دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن -تۈزۈملىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى . مېنىڭچە شۇ چاغدا ئۇنداق تارقىتىۋەتمەي ، ئاشۇ بالىلارغا توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ ، رەسمىيەتلەرنى تولۇق بېجىرگۈزۈپ داۋاملىق قوللاپ بەرگەن بولسا بۇ دۆلەت ھەم خەلىققە پايدىلىق بىر ئىش بولۇپ ،ھازىرغىچە خېلى مۇكەممەللىشىپمۇ قالغان بولاتتى ...ئەپسوس !  بۇ ئىش شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا ئۇنداق  بولمايىتتى چوقۇم      .........       ھازىر مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم ،رەيھان  ئانا ، ھەسەنجان ئاكا  سىلەر بۇ جەھەتتە خېلى تەجىرىبىلەرگە ئىگە بولدۇڭلار ،ھەم  دۆلەتنىڭمۇ مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈملىرىمۇ بارغانچە مۇكەممەلىشىپ بېرىۋاتىدۇ ، شۇنداقلا 1998-يىللارغا قارىغاندا رەھبەرلەرنىڭمۇ ئىدىيىسى تېخىمۇ ئازاد بولۇپ ،مەركەزنىڭ ساداسىنى ئاڭلايدىغان ، مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدىغان ساپامۇ ھازىرلىنۋاتىدۇ . شۇڭا بۇ خىل   ئەۋزەل شارئىت ئاستىدا  ئاشۇ چاغدىكى بالىلارنىڭ ئاشۇ  مېھىر-مۇھاببەتلىك يۈرەكلىرىنى قايتىدىن يېلىنجاتقىلى بولامۇ ؟ يەنى قانۇنلۇق ھالدا ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن -تۈزۈملىرى بويىچە قايتىدىن تەشكىللىگىلى بولامۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يارۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 13:44  



Rank: 3Rank: 3

تىللا
255
تۆھپە
42
UID
4043
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم  ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى <<مېھرىبان ئانىلار>> كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم خانىم  ،<< ساخاۋەتچى ئاتىلار>> كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندى تىنىڭلار سالامەت،ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولىۋاتامدۇ؟
مەن ھازىرغىچە سىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ -كۆرۈپ كىلۋاتىمەن،سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلاردىن تەسىرلىنىپ بەزىدە يىغلاپ كىتىمەن ،چۈنكى مەنمۇ سىلەر ياردەم قىلىۋاتقانلاردەپ قىيىنچىلىقلارنى ،ئازاپ -ئوقۇبەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن،شۇڭاسىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ساخاۋەت قوللىرىڭلارنى تىخىمۇ يىراقلارغا سۇنىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىنىڭلارغا سالامەتلىك ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق ،مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
سۇئال:سىلەر بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات ئىشلىرىڭلارغا نىسبەتەن توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1027
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك رەيھان قاسىم ئابباي بىلەن ھەسەنجان ئابدۇراھمان ئاكىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن كۆڭۈلدىكى سۆز پىروگىراممىسى ئارقىلىق بىرقەدەر تەپسىلى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،رەيھان ئاببايغا بولغان قايىللىقىمىز ۋە مىننەتدارلىقىمىز ھەسسلەپ ئاشقان ئىدى.بۇ قېتىم تەڭرىتاغدا سۆھبەت پىروگىراممىسى ئارقىلىق سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بۇلغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.ھۆرمەتلىك رەيھان ئابباي سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەركىتىڭىز ئارقىلىق ئاللىقاچان بىر ئانىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن ھالقىپ ،ئانىلارنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ھەم مىھرىبانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتىڭىز،ھازىر گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىڭىزمۇ،يەنىلا ساخاۋەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ  كىڭەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىسىز.بىزنى بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىزدىن خەۋەردار قىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز،جەمىيەتتە ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان بالىلاردىن باشقا،يەنە ياردەمگە مۇھتاج نۇرغۇن كىشىلەر بار،مەسىلەن،داۋالىنىش خىراجىتىدىن قىينىلىۋاتقانلار،ئىگە -چاقسىز ياشانغانلار ۋە يىتىم قالغان بالىلارقاتارلىقلار،سىلەر يۇقارقى كىشىلەرنىمۇ ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئوبىكتىڭلار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئويلاشتىڭلارمۇ؟بۇنىڭدىن باشقا،مىنىڭ بىلىشىمچە،سىلەرنىڭ كوللىكتىپ پائالىيەتلىرىڭلار شىمالى شىنجاڭغا بىرقەدەر جانلىق مەركەزلەشكەن،ئىشىنىمىزكى جەنۇبى شىنجاڭدىمۇ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللايدىغان،نۇرغۇنلىغان مىھرىبان ئاتا-ئانىلار بار.سىلەر بۇندىن كېيىن،قەشقەر،خوتەن،ئاقسۇ،كورلا،ئاتۇش قااتارلىق جايلاردىمۇ،تارماق ئورۇنلارنى قۇرۇپ،يىغىلىش ۋە پائالىيەتلىرىڭلارنى يۇقارقى جايلاردىمۇ قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنى ئويلاشمىدىڭلارمۇ؟بىزگە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولساڭلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   我爱你 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 15:02  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1390
تۆھپە
655
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھان ھەدە ياخشىمۇسىز،يولدىشىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن،سىز ئۆزىڭىزنىڭ سادىق قوللۇغۇچىڭىزدىن ۋە ۋاپادارىڭىزدىن ۋاقىتىسىز ئايرىلدىڭىز،بۇندىن كىيىنكى مېھىربانلىق يەتكۈزۈشكە تەسىر يىتەمدۇ،ھەسەنجان سىز باللار ئاخبارات  خىزمەتچىسى ئالدىراش خىزمەتتىن قانداق پايدىلاندىڭىز،قاغىلىق ناھيەسىدە قۇرۇلغان مېھىربان ئانىلار كوللىكتىپى ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ،ئەرلەردىن بىر مېھىربان ئاتىلار كوللىكتىپى بەرپا قىلىشمىشغا يىتەكچىلىك قىلالامىز،ھۆرمەت بىىلەن ؛مۇساجان ياسىن


Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
8
UID
21138
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رەيھان ئاپپاي، ھۆرمەتلىك ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئاكا، ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ تېنىڭلارنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن، بىز تېلېۋىزور، گېزىت، تورلاردىن سىلەرنىڭ ساخاۋەتلىك ئىش-ئىزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ، قەلبىمىز چەكسىز ھاياجانغا تولىدۇ. مانا بۈگۈن تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە سىلەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈم. سىلەر بىزنى بىلمەيسىلەر لېكىن بىز سىلەرنى بىلىمىز چۈنكى ئاشۇ مېھر-شەپقىتىڭلار بىزنىڭ قەلب تارىمىزنى چېكىپ، بىزنى ئۆزىمىز ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ. مېنىڭ گەرچە ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ئۇنچە بەك ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق مېنىڭمۇ كېيىنرەك قولۇمدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلغۇم بار، مەن بۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن، چۈنكى سىلەرنىڭ قىلغان ھەر بىر تەسىرلىك ئىشلىرىڭلار مېنى تەسىرلەندۈرۈپ، مېنىمۇ ئاشۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى توختىتىپ قويماي، بولسا داۋاملىق قوشۇنىڭلارنى كېڭەيتىپ، خەلق ئارىسىدا ياخشى بولغان ئىجتىما.ىي كەيپىيەت تىكلەپ، بىزدەك ياشلارنى مۇشۇ يولغا باشلىساڭلار، بىزمۇ سىلەرنىڭ ئىزىڭلارنى بېسىپ،سىلەر ماڭغان يولنى داۋاملاشتۇرساقكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.


Rank: 2

تىللا
10
تۆھپە
44
UID
21918
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھاندا قانداق ياخشى ئىش بولا، مۇشۇ ئەزىزلىرىمىز بىلەن سۆھبەتلىشىشتەك ياخشى ئىش بولماس، ئالدى بىلەن مۇشۇ سۆھبەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىزنى ئەزىزلىرىمىز، ھۆرمەتلىك كىشىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان تەڭرىتاغ مۇنبردىكى بارلىق باشقۇرغۇچى، ئۇچى، بۇچىلارغا ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام يوللايمەن.
مەن رەيھان ئاپپاينى تېلېۋىزوردا كۆپ كۆرگەن، يېشى70 تىن ئېشىپ قالدىغۇ دەيمەن، لېكىن بۇ ئاپپاينىڭ قىلىۋاتقان ئشلىررى مېنى چەكسز سۆيۈندۈردۇ، شۇڭا مۇشۇ يەردە رەيھان ئاپپايغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، خىزمەتكە چىققىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى، لېكىن شۇنداقتمۇ ھېيت-بايراملاردا ئازتولا ئېشنغىنمنى قىيىنچىلىقى بارلارغا بېرىپ كېلىۋاتىمەن، چۈنكى بىزدە ئۆشرە-زاكات بېرىش دەيدىغان گپەپ بار ئەمەسمۇ، ئەمدى شۇنى سوراپ باقسام، سىلەرنىڭ كوللىكتىپىڭلارغا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىسا كىرەلەيدۇ؟ بىزدەكلەرنىڭمۇ كىرىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ مېنىڭ سىلەرنىڭ كوللىكتىپىڭلارغا شۇنداق قوشۇلغۇم بار، قانداق قىلسام قوشۇلالايمەن؟ مۇشۇ سوئالىم بىر جاۋابسىز قالمىسا...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
739
تۆھپە
431
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساخاۋەتچى قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىللەر !!
سللەرنىڭ بۇ ئىشىڭلارنى كىشىلەرنى سۆيۇندۇردى ، بولسا بىزمۇ سىللەرنىڭ گۇرپىغا قاتناشساق ، قارامايدىكى ساخاۋەتلىك ئاتىلار گۇرپىپسى قايسى ؟


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
604
تۆھپە
304
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرىڭلارنى مۇنبەرداشلار ياخشى يەكۈنلەپ بوپتۇ، شۇڭلاشقا مەن سۇئالنىلا سورىسام:

<< ساخاۋەتچى ئاتىلار>> كوللېكتىپىنىڭ ئىش بىجىرىش تارماقلىرىنى  باشقا ناھىيە شەھەرلەردىمۇ قۇرۇشقا بۇلامدۇ؟
قۇرۇشقا بولسا ، قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كىرەك؟
بۇ كوللېكتىپىنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 18:09  



ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنى تىلۋۇزورلاردىن كۇپ قىتىم كۇرگەن مانا بۇگۇن تەڭىرتاغ مۇنبىردە كۇرۇپ بەكلا ئىوش بولدۇم.شۇ مىھىرۋان ئاننىلىرمىزنىڭ ئىشلىرنىڭ كۇندىن كۇنگە روناق تىپشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 14:05, Processed in 0.085254 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991