مارسقا قونۇش نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن؟
يۇلتۇز يۈزىدىكى قىسقا پەيت.
مارستا ئىلگىرى ياكى ھازىر ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى «قىزىقىش» ناملىق مارس ماشىنىسىنى بوشلۇققا قويۇپ بەردى.
مارس دوستانە جاي ئەمەس. بۇ جاي ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، بوران كۆپ چىقىدۇ، گىياھ ئۇنمەيدۇ ھەمدە جىمجىتلىقى ئادەمنى قورقىتىدۇ. ئۈمىد بىلەن كەلگەن مىھماننى گۈركىرەپ چىقىپ قورقىتىدىغان قۇم بوراندىن باشقا ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. مارس سەل - پەل «غەلىتە مېھمان» غا ئوخشايدىغان بولۇپ، راستىنى ئېيتقاندا، بىر قاتار يامان نىيەتلىك توسالغۇلىرى ئارقىلىق، ئىلگىرى 47 يىل ئىچىدە ئەۋەتىلگەن ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان تەكشۈرۈش ماشىنا - ئاپپاراتلىرىنى ۋە ئادەملەرنى مەغلۇب قىلدى ھەمدە ئاخىرى ئوخشاشلا مارس غەلىبە قىلىپ كەلدى.
ئىنسانلار مارسقا ئالەم كېمىسى قويۇپ بەرگەن بىر قانچە 10 يىلدىن بۇيان، مارس قىلچە كۈچىمەيلا ئىنسانلارنى مەغلۇب قىلدى. ئىنسانلار ئومۇمەن ئالغاندا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئاران %40 مۇۋەپپەقىيەت نىسبىتىگە ئېرىشەلىدى ــ بىرقانچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە سانسىزلىغان قۇرۇلۇش ۋاقتى سەرپ قىلىنغان ۋەزىپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ نىسبەت يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ. ئىنسانلار مارسقا جەمئىي 17 قونۇش ئاپپاراتى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئاران يەتتىسى بىخەتەر قونالىدى، ھەربىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دەرىجىسى پەرقلىق بولدى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) ھازىر يېڭى تىپتىكى «قىزىقىش» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ تا بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ مۇرەككەپ بولغان ۋەزىپىنى سىناپ بېقىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ ـــ 18 - قېتىملىق قونۇش توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مارسنى تەكشۈرگۈچىلەر ئەگرى - توقاي تارىخىي بۇيرۇقنى ئۈستىگە ئېلىپ بېسىم ھېس قىلىۋاتىدۇ.
باش ئىشتابنىڭ مارسنى تەكشۈرۈش پىلانىغا مەسئۇل بولغان دوگ . مەكوس مۇنداق دېدى: «غالجىرلىشامدۇ؟ دەپ باقساق، خېلى ياخشىراق، سىز ئۇنى چۈشەنسىڭىزلا ئانچە غالجىرلاشمايدىغاندەك قىلىدۇ. خەۋپ - خەتەر بارمۇ؟ دەپ باقساق، مارسقا قونۇش ھامان خەتەرلىك. مارس سىزگە نەرسىلەرنى ئېيتىپ تۇرىدۇ ــ قۇم بوران چىقىدۇ، ئاتموسفېرانىڭ قۇيۇقلۇقى زىچ، بورانلىق.»
مەلۇم بىر نەرسە يەنە بىر دۇنياغا قونماقچى بولسا، ئۇ مەيلى قانداق نەرسە بولسۇن، ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ، بولۇپمۇ بۇ قونىدىغان نۇقتا ئىنتايىن يىراق ھەمدە بەكمۇ دوستانە ئەمەس. ئىلگىرىكى قونۇشلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق مېخانىكىلىق قونۇشنى سىناپ كۆرۈشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «مارس - 2» ناملىق قونۇش ئاپپاراتى راكىتانى تورمۇزلاشتا ئوت ئالماي چۈشۈپ كەتتى. 1971 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، «مارس - 3» ناملىق قونۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قېتىمقى ئاپەت يۈز بېرىپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن مارسقا يېتىپ بېرىپ، تۇنجى قېتىم مارسقا قونۇشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما پەقەت 20 نەچچە سېكۇنتلا ساقلىنىپ چاڭ - توزان بىلەن تولغان مارس يۈزىدە «بەربات بولغانلىقىنى جاكارلىدى». ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەشتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى يا چۈشۈپ كەتتى، ياكى بولمىسا مارستا ئۈزۈل - كېسىل يوقاپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز قاراقچىسى» ناملىق مارسقا قونۇش ئاپپاراتى مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، ئۇ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىدا مارسنىڭ ئوربېتىسىغا كىرگەن.
«دېڭىز قاراقچىسى» ناملىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ۋەزىپىسى بىرقاتار ھاۋارايى تەتقىقاتى، تولۇق مەنزىرىلىك سۈرەت تارتىش، ھەتتا مىكروئورگانىزملارنى ئىزدەش تەجرىبە پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ــ ئەمەلىيەتتە بۇ نەتىجىلەرنى چۆرىدىگەن بەس - مۇنازىرە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمما، ساپ قونۇش ئەمەلىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.
«دېڭىز قاراقچىسى» ناملىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قونغان 10 يىل ئىچىدە باشقا تەكشۈرگۈچىلەر مارسقا بېرىپ «زىيارەت قىلىپ باقمىدى». 1997 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، NASA نىڭ «مارس تەكشۈرگۈچى» ناملىق قونۇش ئاپپاراتى «زىيارەتچى» ناملىق مارسقا قونۇش ماشىنىسى مارسقا قوندى ھەمدە مارس يۈزىنىڭ ئەتراپىدا پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. بۇ ئالىملار ۋە ئاممنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى.
2003 - يىلى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھەم مەغلۇبىيەتمۇ كۆرۈلدى ــ ياۋروپانىڭ «توشقان ئوۋلىغۇچى ئىت - 2» ناملىق مارسقا قونۇش ئاپپاراتى يەر شارى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدى؛ ئەمما، ئامېرىكىنىڭ «جاسارەت» ۋە «پۇرسەت» ناملىق مارسقا قونۇش ماشىنىلىرى ئايرىم ھالدا مارسنىڭ قارىمۇقارشى ئىككى چىتىگە قوندى. «پۇرسەت» ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئۇزۇن مۇددەت ۋەزىپە ئۆتەشكە كىرىشتى، «جاسارەت» ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ چاقى بەختكە قارشى قۇم ئېقىنىغا پېتىپ قېلىپ چىقالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قۇياش نۇرى تاختىسىمۇ قۇياش نۇرىنى يېتەرلىك قوبۇل قىلالمىغاچقا، توك بىلەن تەمىنلىيەلمىدى. مارس ئاخىرى «جاسارەت» ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.
مەكۇس مۇنداق دېدى: «كۆپ چاغلاردا مارس يېڭىپ كەلدى».
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 18:32