تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4573|ئىنكاس: 4

6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
92
تۆھپە
30
UID
3922
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 18:13:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى


      بۇ يىل شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «لۇنىڭ لوڭقىسى» نى تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر تەكلىپلىك مۇسابىقىسگە غۇلجا شەھەرلىك 12 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىككى كوماندا بېرىپ قاتنىشىپ، قوش چىمپىيون بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدى.
      بۈگۈن 2012 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى بەش يېرىمدا 6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە ئوقۇشقا ماڭماقچى. ئەتە، يەنى 7 - ئاغۇست ئەتىگەندە ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ، كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا ئۇلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن شەندۇڭ جىنەنگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر قوبۇل قىلىنغان تۆت نەپەر ئەزىمىتىمىزنى قوشقاندا، لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىدىن 10 نەپىرى تەربىيەلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە بارلىق ئانا يۇرت خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، جاپا - مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۇنياغا تونۇلغان پۇتبول چولپانلىرىدىن بولۇپ، ئانا يۇرت پۇتبولچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتۇشىغا تىلەكداشمىز.

بۇ ئەزىمەتلەر



ئالدىدىكىلىرى ئوڭدىن رەھمىتۇللام، شۆھرەت، ئەسقەر،

كەينىدىكىلىرى ئوڭدىن سۇبھى، ئابلىمىت، بىلال، ھىلالىدىن



ئارقىسى ئوڭدىن بىرىنچىسى نىغمەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ 11 - نومۇرلۇق

پۇتبولچىمىز ئەزىمەت نېغمەت قاتارلىقلار، كەينى سولدىن جۇشقۇن تۇيغۇن، ئالدى ئوڭدىن پەرمان قۇربانتاي، ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇقىيىملار بۇلتۇر لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان.


      بۇ ئەزىمەتلەرنى ئۇزىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 12 - باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر قېتىملىق خوشلىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. تۆۋەندىكى فىلىم بۇ مۇسابىقىنىڭ تولۇق فىلىمى، تورغا يوللىنىۋاتىدۇ، پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

      تۆۋەندىكىسى ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىنىڭ لۇنىڭ سەپىرىدىكى رەسىملەردىن ئىشلەنگەن خاتىرە ئەلبوم نۇسخىسى بولۇپ، چۈشۈرۈپ كومپىيوتىردا قوش چېكىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا قويۇلىدۇ. خاتىرە قىلىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن بوشلۇققا چۈشۈرۈپ قويدۇق. ساقلىۋېلىشنى خالايدىغانلار چۈشۈرۈۋېلىڭ.

ئەلبومنى چۈشۈرۈش

تۆۋەندىكىلەر بولسا مۇسابىقە جەريانىدا تارتىلغان خاتىرە سۈرەتلەر

































شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
406
تۆھپە
152
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا سەبىلىرىمىز!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1271
تۆھپە
479
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەيسا بەگ
تىللا
559
تۆھپە
205
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلىق توپ تەپكۈچىلە ردىن بۇلۇڭلار..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kkokyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 01:22  



دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

......ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .....

Rank: 4

تىللا
489
تۆھپە
134
UID
3910
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 12:05, Processed in 0.078201 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991