hiyalparas يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 15:08 
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت .............................. ...
باشلىغان شېئىرىڭىز بىر ئىشنى ئېسىمگە سېلىپ قويدى.
ئاپاممۇ ئوقۇتقۇچى، تەخمىنەن 3-4يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن، بىر كۈنى كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئاپامنىڭ تىلى بويىچە ئېيتىقاندا ‹لالمىلىق› قىلغىلى ماڭسام ئاپام چىققىلى قويمىدى. ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىچىم پۇشۇپ ئاپامنىڭ قېشىغا كىرسەم تاپشۇرۇق تەكشۈرىۋېتىپتۇ. مەن بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاپامغا:
ئوقۇتقۇچى
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا-مۇشەققەت،
ئەمما ئارزۇيۇم، ئۈمىدىم شۇكى،
تۈگمەنچى بولۇپ، ئۇن تارتىپ ئۆتسەم تائەبەت.
ئوقۇتقۇچى
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
بولدۇممۇ كۆرمەسمەن قىلچە ھالاۋەت.
ئەمما ئارزۇيۇم، ئۈمىدىم شۇكى،
جۇۋازچى بولۇپ، ياغ تارتىپ ئۆتسەم تائەبەت.
دەپ شېئىر دىكىلماتسىيە قىلىپ بەرسەم مېنى تىللاپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. شۇكۈنىمۇ كېچىدە ئېغىر ئەلياتقۇدا خۇشخۇي كىرىپ ئۇخلاپ قالغانتىم.
شۇنىدىن كېيىن، ئاپام ‹بۈگۈن كەچتە سىرتقا چىقما› دېسىلا ‹ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت› دەپ باشلىسام، بىچارە ئاپام جلە بولۇپ، نەگە بارساڭ بېرىپ، بەك كەچ قالماي قايتىپ كەل دەپ چىقىرىۋېتەتتى.
ھـــــــــەي، ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى پەقەت شۇجاپاكەش ئوقۇتقۇچى ئۆزىلا بىلىدۇ-جۇمۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ★Jackie★ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 21:28