ھازىرقى ئەڭ نادىر كەشپىياتلاردىن قايسىلارنى ئاڭلاپ باققان؟
[ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى 5 - ئاۋغۇست سانىنىڭ خەۋىرى]
زۇكام دورىسى: ئامېرىكا ماسساچۇسېتىس ئىشتاتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدىكى ئالىملار ئادەتتىكى زۇكامغا شىپا بولۇش ئېھتىمالى بار دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. «DRACO» ناملىق بۇ دورا ئانتىبىيوتىك ماددىلار باكتېرىيەنى ئۆلتۈرەلىگەندەك كېسەل مىكروبلىرىنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرەلەيدۇ. «DRACO» بىر خىل گېن قۇرۇلۇشى ئېلېمېنتى بولۇپ، كېسەل مىكروبلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھۈجەيرىلەرنى ئۆزلۈكىدىن يوقىتالايدۇ.
ئۈچ ئۆلچەملىك ئۆزەك: بۇ يىل ئاۋغۇستتا «ئىنتىل» شىركىتى ئۆزلىرى ياسىغان «ئۈچ توساقلىق» كىرىستال نەيچىنى كۆرگەزمە قىلدى. كېلەر يىلى مەزكۇر شىركەت يېڭى ئۈچ ئۆلچەملىك كىرىستال نەيچە ئاساسىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئۆزەكنى بازارغا سالىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ٪%37 كۈچەيتىلگەن بولۇپ، توك سەرپىياتى تەخمىنەن يېرىم ھەسسە ئازايتىلغان.
ماي غول ھۈجەيرىسى: ئاۋغۇست ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا، قورساق ۋە يوتىدىن ئېلىۋېتىلگەن ماي ئىلگىرى تاشلىۋېتىلەتتى، ھازىر ئۇلار يۈرەك ھۈجەيرىلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەن توقۇلمىلارنىڭ ئورنىغا تولۇقلىنىدۇ. ماي تەركىبىدە يۈرەك مۇسكۇلىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان غول ھۈجەيرە بولغاچقا، تەتقىقاتچىلار ئېلىۋېتىلگەن ماي ئەۋرىشكىسىدىن غول ھۈجەيرە ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى يېڭى ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرىدىغان ئۇسۇلنى تاپتى.
بەزگەك كېسىلى ۋاكسىنىسى: بەزگەك كېسىلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئەجەللىك كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 780 مىڭ كىشى مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەنگلىيە «گلاكسو سىمىس كلىن» شىركىتىدىكى ئالىم جو كوھىن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر 24 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر خىل بەزگەك ۋاكسىنىسىنى ئىجاد قىلغان. «Mosquirix» ناملىق بۇ ۋاكسىنا تېخى سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلار يەنىلا بۇ جەھەتتە زور ئۇتۇققا ئېرىشتۇق دەپ قارايدۇ. بۇ ئۈچ باسقۇچلۇق سىناق ھازىر بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بالىلارنىڭ بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ٪%50 ئازايتقىلى بولىدۇ.
سۈنئىي دەرەخ يوپۇرمىقى: ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى دانىئېل نوچېرا تەبىئەتتىن ئىلھام ئېلىپ، سۈنئىي دەرەخ يوپۇرمىقى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ خىل يوپۇرماق قۇياش نۇرىنى خىمىيەلىك يېقىلغۇغا ئۆزگەرتەلەيدىكەن. بۇ خىل دەرەخ يوپۇرمىقى قۇياش نۇرى ئارقىلىق سۇنى ھىدروگېن ۋە ئوكسىگېنغا ئايرىيالايدىغان بولۇپ، بۇ خىل گاز جىسىملار كېيىنكى كۈنلەردە يېقىلغۇ باتارىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
تېخىمۇ ياخشى باتارىيە: سىتىف ۋېسكو بىلەن خىزمەتداشلىرى «PolyPlus» شىركىتىدە لىتىيلىق باتارىيەنى كەشىپ قىلغان. بۇ شىركەت نېپىز پىلاستىر ياساپ، لىتىينى ھىم ئوراپ، ئۇنىڭ سۇ بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. نەتىجىدە، ئادەتتىكى لىتىيلىق باتارىيەدىنمۇ چىداملىق يېڭى باتارىيە بارلىققا كەلگەن.
سېھىرگەر قول: توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى «سونىي» كومپيۇتېر ئىلمىي تەجرىبىخانىسى بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلغان تۈردە، «سېھىرگەر قول» 28 ئېلېكتىرود پىلاستىنكىدىن تۈزۈلگەن بىلەيزۈك بولۇپ، ئۇنى تاقىسا بوغۇم ۋە مۇسكۇللارغا توك ئېقىمى تارقىتىپ، قول بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ياردىمىدە قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ قولنى كونترول قىلىدۇ.
مەۋھۇم توقۇلما بۇيۇم: فېنلاندىيە «سېنساگېر» شىركىتى تەتقىق قىلىۋاتقان E سېزىم تېخنىكىسى خېرىدارلارغا ئېكراندىكى سۈرەتلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپلا قالماستىن، سۈرەتتىكى نەرسىلەرنىمۇ ئەمەلىي ھېس قىلدۇرالايدۇ. ئۇ تەسۋىرگە ئوخشاش ئېلېكتىر مەيدانى ۋە تەۋرىنىشتىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن توقۇلما بۇيۇملارنىڭ ئەمەلىي تەسۋىرىگە تەقلىد قىلالايدۇ.
كىشىنى ئەڭ زوقلاندۇرىدىغان ناخشا: بۇ كەلگۈسىدىكى ئۇيقۇ دورىسى بولۇپ قالارمۇ؟ ئەنگلىيەدىكى «Marconi Union» بىرلەشمە مۇزىكا ئەترىتى دۇنيادىكى ئەڭ لەرزان مۇزىكا، يەنى سەككىز مىنۇت ئون سېكۇنتلىق «ئېغىرلىق يوقىتىش» ناملىق ناخشىنى ئىجاد قىلدى. تەجرىبىدىن ئسپاتلىنىشىچە، ناخشا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بەدەن رېتىمى ناخشىنىڭ رېتىمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ ناخشا جىددىيلىك كەيپىياتىنى %٪65 ئازايتالايدىكەن ھەم يۈرەك رېتىمىنى %٪35 ئاستىلىتالايدىكەن. ئەمەلىيەتتە «ئېغىرلىقنى يوقىتىش» ناملىق بۇ ناخشا ئۇيقۇ كەلتۈرىدىغان ناخشا بولۇپ، ئالىملار كىشىلەرنى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بۇ ناخشىنى ئاڭلىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
يورۇقلۇق مەيدانى فوتو ئاپپاراتى: «Lytro» شىركىتىنىڭ يورۇقلۇق مەيدانى فوتو ئاپپاراتى بىلەن سۈرەتكە تارتقاندا، ئاپپاراتنىڭ ئىنداكتورى پۈتكۈل يورۇقلۇق مەيدانىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، ھەربىر نۇر سىزىقىنىڭ رەڭگى، يورۇتۇش دەرىجىسى ۋە ۋېكتورنىڭ يۆنىلىشىنى خاتىرىلىۋالىدىكەن. كەسىپ سىرتىدىكىلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ ھەممە نەرسىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى ئىچىدە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئاپپاراتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىلا رەسىم دەرھال تارتىلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىلغار تەرىپى شۇكى: خېرىدارلار رەسىمنى تارتىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئاپپارات ھېسابلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق رەسىم فوكۇسىنى قايتا توغرىلايدۇ. ئاپپارات توغرىلىنىپ خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، تارتماقچى بولغان نەرسىنىڭ ئارىلىقىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن تەڭشىگىلى بولىدۇ.
مەنبە:
www.baidu.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 10:34