تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 5780|ئىنكاس: 22

ئارزۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1023
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 19:48:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئارزۇ



    ئىنتايىن قاراڭغۇ بىر كېچە ئىدى.ئەتراپ جىمجىت بولۇپ،پەقەت،بىر ئايالنىڭ تولغاق ئازابىغا چىدىماي،كۈچىنىڭ بارىچە ۋارقىراشلىرى،ئىنسانىيەت دۇنياسىغا يەنە بىر يېڭى ئەزانىڭ قوشۇلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ،كېچىسى ئادەم ئاياق باسمايدىغان جاڭگالنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇ غېرىپ ھويلىدىن چىقىپ، يىراقلارغا تارايتتى.
-مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن-ئايال خۇددى بىر ئىشنى ھىس قىلغاندەك بولۇپ ئېرىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ،جانسىز ئاۋازدا خىتاب قىلدى-مىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم بالىمىزنىڭ بەختلىك ياشىشى ،ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم بالىمىزنىڭ بوينىنى قىسىپ قويماي،بەخىتلىك ياشىشىغا،ئۇنى ياراملىق،بىلىملىك چوڭ قىلىشقا ماڭا ۋەدە بەرسىلە-ئايال شۇنداق دەپ،ئېرىدىن قايتا-قايتا ۋەدە ئالغاندىن كېيىن،كۆڭلى خاتىرجەم بولغاندەك كۆزىنى يۇمۇپ،بوشقىنە ئىڭراشقا باشلىدى.
-ئىڭە،ئىڭە-دىگەن ئاۋازلاردىن كېيىن،يەنە بىر ئەركەك دۇنياغا كەلدى.ئەمما ئۇنىڭ ئانىسى كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.
    شۇ كۈندىن باشلاپ ئەر،ھەم دادا،ھەم ئانا بولۇپ،پەرزەنتىنى قاتارغا قوشۇپ،ئايالىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلىدى.ئۇ ئوغلىنىڭ ئۆگەيلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قايتا ئۆيلەنمىدى.ئۆزى يېمىسىمۇ،كىيمىسىمۇ ئوغلىنى ھەممە تەرەپتىن باياشات مۇھىتتا چوڭ قىلدى.ئۇنى ئالىي مەكتەپكە قەدەر ئوقۇتتى.ئۇنىڭ ئەجرىمۇ ئاخىرى بىكار كەتمىدى،ئوغلى چەتئەلدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى.بۇ چاغدا،دادا بىر ئۆمۈر جاپا-مۇشەققەت تارتىپ يېتىشتۈرگەن يەرلىرىنى ئۆيى بىلەن قوشۇپ سېتىپ،ئوغلىنى چەتئەلگە يولغا سالدى.ئۆزى بولسا،ئۇنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ،قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىدى.ئۇ ھەرقېتىم ئېغىر ئەمگەك سەۋەبىدىن ھالسىزلىنىپ يىقىلغان چاغلىرىدا ئايالىنىڭ ئارزۇسىنى ۋە ئوغلىنىڭ كەلگۈسىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ،يەنە ئورنىدىن تۇراتتى.ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ چاغلاردا،چەتئەلدىكى ئوغلى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق يوق ئىدى.ئۇنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئوغلى چەتئەلدە باي بالىلىرىدىن پەرقلەنمىگەن ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولدى.
    ئۇنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىمۇ ئاخىرى مېۋە بېرىپ،ئوغلى ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇشىنى تاماملاپ،قايتىپ كېلىپ،ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى چوڭ بىر شىركەتكە دېرىكتور بولۇپ ئىشقا چۈشتى،لېكىن،ئۇ سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك،چەتئەلدە تونۇشقان لايىقى بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن،نەچچە يىلدىن بېرى پەرزەنت پىراقىدا يۈرىكى سەكپارە بولۇپ،تېخى ئەمدىلا جەم بولۇش شاتلىغىدىن باغرى ئىللىۋاتقان دادىسىدىن نومۇس قىلىپ،بۇرۇنقى يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ،ئۇنى ھېلىقى جاڭگالغا يولغا سېلىپ قويدى.
    شۇ كۈندىن تارتىپ دادىنىڭ ھىجران ئازابى بىلەن تويۇنغان كۈنلىرى باشلاندى.ئوغلى ئۇنى بىر قېتىممۇ يوقلاپ كەلمىدى.ھەر قېتىم تېلېفون قىلسا-مەن ئالدىراش بىكار بولۇپ ساڭا ئۆزۈم تېلېفون قىلاي دەپ تېلېفوننى قويۇۋېتەتتى.دادا،كۈنلەپ-كۈنلەپ،ئۇنىڭ بىكار بولۇشىنى ساقلايتتى بىراق ئۇ مەڭگۈ بىكار بولمايدىغاندەكلا قىلاتتى .ئۇزاق ۋاقىت ئوغلىنى كۆرەلمەسلىك ھەم چەكسىز روھىي ئازاپ سەۋەبىدىن ئۇ جىمغۇر، ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى.بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئوغلى ئۇنى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويدى.ھەم شۇنىڭدىن كېيىن،خۇددى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك،بىرقېتىممۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ قويمىدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئوغۇل بۆرەك زەئىپلىشش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.ھەم ماس كېلىدىغان بۆرەك چىقماسلىق سەۋەبى بىلەن ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالدى.دەل مۇشۇ چاغدا،دوختۇر ئۇنىڭغا بىر بوۋاينىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچىرىشىغا قارىماستىن،بۆرىكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلغانلىقىنى شۇڭا دەرھال ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
ئوپېراتسىيەدىن كېيىن،ئوغۇل ھايات قالدى،لېكىن ھېلىقى بوۋاي قازا قىلدى. ئوغۇل ئۆز شەپقەتچىسىنىڭ يۈزىنى بولسىمۇ كۆرىۋېلىش ئۈچۈن،بوۋاينىڭ يۈزىنى ئاچقاندىلا بۇ بوۋاينىڭ دەل،ئۆزى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن،ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ كېلىۋاتقان، ھاياتىنى، بارلىقىنى، خۇشاللىقىنى ھەم ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىۋەتكەن،ئۆمۈرلۈك نىجاتكارى بولمىش <ساراڭ> دادىسىنى كۆردى.
    ئوغۇل بوۋايغا قاراپ،پۇشايمان ئىلكىدە چوڭقۇر خىيالغا چۆكتى،شۇ تاپتا ئۇ نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلارنى قەلبىگە پۈككەن ئىدى.لېكىن،ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ئەمدى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايتتى.
    ئاتا-ئانىلار پەرزەنتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپا-مۇشەققەت چەككۈچىلەر،ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرزەنتلىرىنى بەخىتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت، نۇرغۇنلىرىمىز ئاتا-ئانىمىز ھايات چېغىدا ئۇلارنىڭ قەدرىگە يەتمەيمىز،ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ،ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇشتىن يالتىيمىز.ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بولسا،پۇشايمان ئىچىدە،ياقىمىزنىچىشلەپ، كېچىككەنلىكمىزنى ئاندىن ھىس قىلىشىمىز،شۇڭا،ئاتا-ئانىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قەدرىنى قىلايلى .ئەجرىگە يارىشا جاۋاب قايتۇرايلى،ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە، يۈدۈپ ھەرەمگە ئاپارساقمۇ جاۋاب قايتۇرالىشىمىز ناتايىن،شۇنداقتىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنى بەخىتكە ئېرىشتۈرەيلى،بەلكىم بىزنىڭ ئازغىنە مىھرى مۇھەببىتىمىزمۇ ئۇلارنى چەكسىز بەخىتكە ئېرىشتۈرەلىىشى مۇمكىن.يەنە شۇمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن ،ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرزەنت ئۈچۈن،ئۇلار ھېچقاچان بىزگە يامانلىق ئىزدىمەيدۇ.

مەنبە:ئۆز قەلىمىمدىن .

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
رەنا
تىللا
316
تۆھپە
222
UID
21673
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:47:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز،بەك تەسىرلىك چېقىپتۇ.يەنەمۇ تېرشىڭ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1023
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:49:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hak suz يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 12:47
بەك ياخشى يېزىپسىز،بەك تەسىرلىك چېقىپتۇ.يەنەمۇ تېرشىڭ ...

مەدىتىڭىزگە رەھمەت دوستۇم،


Rank: 4

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
276
تۆھپە
181
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئەمەسكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1023
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:23:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
水晶叶子(维) يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 13:17
ئادەم ئەمەسكەن

شۇنداق، ھازىر بۇنداقلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ،بىزمۇ بەلكىم بىلىپ بىلمەي ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ،كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىشىمىز مۇمكىن،شۇڭا،ئەڭ ياخشىسى،ئۇلارنى قەدىرلەيلى ئاسرايلى ھۆرمەتلەيلى،بۇ گىپىمنى يەنە ماڭا دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ ھە،سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ،سىز بىر ۋاپادار پەرزەنت


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
132
تۆھپە
69
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 14:50:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ بەلكىم بىلىپ بىلمەي ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ،كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىشىمىز مۇمكىن  .
ھەجەپ بىرقىسىم بولۇپ كالدىما


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1023
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 14:57:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hiyalparas يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 14:50
بىزمۇ بەلكىم بىلىپ بىلمەي ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ،كۆڭلىن ...

توغرا ئازمايدىغان ئىنسان يوق،لېكىن خاتالىقىنى تۈزىتىش،ئەڭ ياخشى ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
132
تۆھپە
69
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 15:10:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
我爱你 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 14:57
توغرا ئازمايدىغان ئىنسان يوق،لېكىن خاتالىقىنى تۈزىت ...

راس دەيسىز  . مەنمۇ دادا بولۇپ بىلدىم  ئۇلارنىڭ جاپاسىنى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1023
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 15:17:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hiyalparas يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 15:10
راس دەيسىز  . مەنمۇ دادا بولۇپ بىلدىم  ئۇلارنىڭ جاپاسى ...

توغرا دىدىڭىز ھەممىمىز بېشىمىزغا كەلگەندە بىلىمىز ھەم چۈشىنىمىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1270
تۆھپە
478
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 20:23:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        سوئال : خۇدانىڭ رازىلىقىنى نىمە بىلەن تاپقىلى بولىدۇ ؟
        جاۋاپ : ئاتا ئانىنى خۇش قىلىش بىلەن .
      
          ‹   ۋىسال لەززىتى  › ناملىق كىتاپتىن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:15, Processed in 0.081745 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991