ئاياللار ۋە ۋراتا
نىكاھلانغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تۇرمۇش پۇتبول مەيدانىغا ئوخشىسا، نىكاھ پۇتبول مەيدانىدىكى ۋارتاغا ئوخشايدۇ. ئايال ئاشۇ ۋراتانى جان تىكىپ قوغداۋاتقان ۋراتاردۇر. ۋراتانى قوغداۋاتقانلار سەللا بىخەستەلىك قىلسا، سەگەك، چەبدەس، ھۇشيار بولمىسا، ماھارىتىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، قارشى تەرەپتىكى ھۇجۇمچىلار توپنى زەربە بىلەن تېپىپ، ۋراتاغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى غالىبلاردىن بولۇپ قالغىنىغا ئوخشاش، نىكاھلىق ئاياللار ھەر ۋاقىت ئۆزىگە تەلەپچان بولمىسا، ئۆزى بىلەن قارشى مەيداندا تۇرۇۋاتقان نىكاھ سىرتىدىكى «ھۇجۇمچى» لارنىڭ تەھدىتىدىن، ئائىلىسىنى ئۇلارغا ئۇتتۇرۇپ قويۇش خەۋپىدىن خالىي بولالمايدۇ.
پۇتبول مەيدانىدىكى ھۇجۇمچىلار گەرچە بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ماھارەت ۋە تەجرىبە جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەن، ئۇستاتلىقتا، قاقباشلىقتا ۋايىغا يەتكەن. ئۇلاردىكى بۇ پىشقان «تالانت» كىشىلىك تۇرمۇشتا نىكاھلىق ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا، بالىلارنى يېتىم، ئائىلىنى ۋەيران قىلىشقا پاراكەندىچىلىكلەرنى تېرىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
ھەرقانداق قابىل ۋراتارمۇ ۋاقتى كەلگەندە، ئۆزى ساقلاۋاتقان ۋراتاغا بىرەر توپنىڭ كىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن خالىي بولالمايدۇ. بەزىدە سىزمۇ نىكاھ سىرتىدىكى مەلۇم ئايالنىڭ تەھدىت سېلىشىغا دۇچ كېلىسىز. بۇنىڭدىكى پەرق شۇكى، پۇتبول مەيدانىدىكى تەھدىت، كۈرەش، رىقابەت ئاشكارا بولسا، نىكاھقا سېلىنغان تەھدىت، كۈرەش، رىقابەت كۆپىنچە يوشۇرۇن بولىدۇ.
مۇشۇنداق بولغاچقا، نىكاھلىق ئاياللار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دەككە - دۈككە ئىچىدە ياشايدۇ. ۋەھالەنكى، توپ مەيدانىدا ۋراتاغا بىرەر توپنىڭ كىرىپ كېتىشى ھەرگىزمۇ تەلتۆكۈس ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز بەل قويۇۋەتمىسىڭىزلا، سىز ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويالىسىڭىزلا، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن. مەغلۇبىيەت ئۇتۇققا ھامان يول بېرىدۇ. سىز ئۈچۈن پايدىلىق يەنە بىر ئامىل شۇكى، مۇسابىقە مەيدانىدا سىز ئۈچۈن مەدەت بېرىدىغانلار، سىز ئۈچۈن چاۋاك چالىدىغانلار ھامان كۆپ. شۇنداق بولغانىكەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماي، ئەكسىچە ئۆزىڭىزنى كۈچەيتىڭ، شۇنداق قىلالىسىڭىزلا، تۇرمۇشتىن ئىبارەت پۇتبول مەيدانىدىكى نىكاھتىن ئىبارەت ۋراتانى، نىكاھ سىرتىدىكى ھۇجۇمچى ئاياللارغا ھەرگىز تارتقۇزۇپ قويمايسىز.
«شىنجاڭ ياشلىرى» دىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 16:00