تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 11730|ئىنكاس: 16

قىممەت خوتۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
12
UID
22305
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 21:22:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىممەت خوتۇن

مەمتىمىن غوپۇر (يادىكار)


موراڭدىن چىقىدۇ ئىس بولغاچ ئوتۇن،

ياشارتار سېنى كۈندە ئون ياش سوپۇن.

بولمسا ئەدەب -– ئەخلاق ھەم ۋاپاسى،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


سەن بىلەن بىللە ئوتۇن يارمايدىغان،

پىيادە ئاھ چۆللەرگە بارمايدىغان.

بولمسا ئېغىر كۈندە ساقلايدىغان،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ئەر دېگەن ئۆي تۈۋرۈكى دېمەيدىغان،

سۆزۈڭگە ئاسانلىقچە كىرمەيدىغان.

تالىشىپ سەن بىلەن گەپ چىشلەيدىغان،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


تاپقىنىڭ ئوسمىسىغا يەتمەيدىغان،

ۋاقتىدا تامىقىڭنى ئەتمەيدىغان.

تەربىيە قىلساڭ بولسا سەكرەۋاتقان،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


شەيتاندىن تىنماي تەلىم ئالىدىغان،

كۆڭلۈمنى تەشۋىشكە سالىدىغان.

بولسا گەر خاتا يولدا ماڭىدىغان،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ھەسىنىكام ئاچچىق، تاتلىق ئامۇتى دەپ،

ياندۇرۇپ قېيىن ئاتا -– ئاناڭغا گەپ.

ئالدىدىن ئۆتەر بولسا تارىتماي تەپ،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ئەدەب ۋە ئەخلاقنى ئۇ قايرىپ چەتكە،

بېرىلىپ «چاي» ئوينىدىم دەپ ئىشرەتكە.

تاشلىماق بولسا سېنى نادامەتكە،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


سەپەردىن كەلسەڭ چىراي ئاچمايدىغان،

ئاياللىق مېھرى پۇراق چاچمايدىغان.

بولسا گەر ئۆيۈڭدە تاڭ ئاتمايدىغان،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ھاياتنىڭ پەيزى ئويناپ - كۈلۈشتە دەپ،

ياشلىقتا تاتلىق خىيال سۈرۈشتە دەپ.

بولسا گەر ئەقىدەڭنى ئۆتمەك چەيلەپ،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


چىقىرىپ ئەستىن تامام بالىلارنى،

يىغلىتىپ شۇ مېھرىبان ئانىلارنى.

قالدۇرماق بولسا يىتىم دالىلارنى،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


پەرىدەك چىرايى بار ۋىجدانى يوق،

پۇلۇڭنى خەجلەر تەرسىز، ئىنسابى يوق.

بولسا گەر قانداق ياشاش مىزانى يوق،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


بار ھامان تالالىقى، ئۆيلۈكى يوق،

باھاردا شۇنچە گۈزەل، كۈزلۈكى يوق.

بولسا گەر قىزلارغا خاس ئۇزلۇقى يوق،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


تۈگىتەر مىننەت بىلەن قىلغان ئىشىنى،

ئويلايدۇ يالغان بىلەن جان بېقىشىنى.

قىيىندۇر چىقارمىقىڭ بىرگە قىشىنى،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ئۆتكۈزەر سېنىڭ بىلەن كۈننى ئەپلەپ،

سەزمىكىڭ سىرلىرىنى مۈشكۈل خەتلەپ.

ئاتقىنى ساختا بولغاچ سېنى چەنلەپ،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


كۆڭلۈڭنىڭ يۇمشاقلىقى ئۇنىڭ بەختى،

سۆزىگە ئىشەندۈرمەك سېنى ئەھدى.

بولغاچقا  چاياندىنمۇ يامان قەستى،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


سېنىڭدىن ئىۋەن ئىزلەپ توختىمايدۇ،

ئۇخلىساڭ ئۇ چۈش كۆرۈپ ئۇخلىمايدۇ.

سەپەردىن كەلسەڭ كۈلۈپ قۇتلىمايدۇ،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


نەيرەڭلەر ئۇنىڭ تۇتقان قورالىدۇر،

ئويلارغا سالغان يالغان سوئالىدۇر.

بولمىسا رەزىل ئۆيىنى بۇزارمىدۇر،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ئىچىگە ئوخشىمايدۇ تېشى ئۇنىڭ،

ماس كەلمەس چىرايغا يېشى ئۇنىڭ.

بولغاچقا گويا قاپاق بېشى ئۇنىڭ،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ياتقىنى ئاھ قوينۇڭدا ئۇنىڭ تېنى،

يىلاندۇر ساڭا مەھكەم چاپلاشقىنى.

ئۆتىدۇ مەڭگۈ بىلسەڭ گوللاپ سېنى،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ئالدىڭدا كۈلەر گاھى ۋىلىق - ۋىلىق،

كۆرۈنۈپ ئىدىشتىكى ئالتۇن بېلىق.

يوق بولغاچ ئىنسانغا خاس ئۇندا قىلىق،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


شەكىلدە بولار ساڭا خوتۇن ئۇ ئاق،

قىلىدۇ ھاياتىڭغا تىنماي چاقچاق.

بولىسەن سېزەلىمسەڭ بۇنى ئەخمەق،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


تېتىيدۇ كۈندە ھەسەل يېسەڭ ئەمەن،

تويدۇرار ھاياتتىنمۇ سېنى جەزمەن.

ئۆزۈڭگە دەرسەن بولدۇم قانداق ئەرمەن،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ئۆزگەرمەس قانچە قىلساڭ ئۇنىڭ پەيلى،

ئۆزۈڭنى مەجنۇن، ئۇنى دېمە لەيلى.

تالايلار ۋەيران بولار شۇ تۈپەيلى،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


سۈت بىلەن كىرگەن خۇيغا يوقتۇر ئامال،

جان بىلەن چىقار بىر كۈن تاپسا زاۋال.

ئالدانما كۆز چاقىنىتىپ قىلسا پال -– پال،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


خۇلاسە: شۇنداقلارنى پەرق ئەتكىن،

سۆزۈمنىڭ تەكتىگە سەن چوقۇم يەتكىن.

توي قىلماي شۇلار بىلەن ئۆلۈپ كەتكىن،

بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە تازغۇن يېزىلىق رادىيو - تېلېۋىزىيە پونكىتىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 10:05  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1209
تۆھپە
967
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:40:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز،تەشەككۈر...


سەكرا

Rank: 2

ئىسىمى
تۇرسۇنجان
تىللا
90
تۆھپە
46
UID
20808
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:59:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز كۆپ تەشەككۈر


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
826
تۆھپە
615
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:59:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىر قىلىپ يازغان شېىرىڭىزغا رەھمەت!
شېئىر قۇرۇلمىسى جەھەتتىن گەپ ئېچىشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ، شېئىرىيەتتىن تولىمۇ يىراقمەن. ئەمما تېمىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ كاللامدا بىر ئىنكاس پەيدا بولدى، شۇنى دەي: ‹كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن كۆر.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1270
تۆھپە
478
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:17:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               ‹ يۈرىكىمدە پەقەت سەن  › دەپ سۆيۈشكەن ئەرلەر ،
               ئىشقىمىزدا ئوت - كاۋاپ بوپ كۆيۈشكەن ئەرلەر ،
                بىر كۈنلەردە تۇخۇمدىنمۇ تۈك ئۆندۈرۈپ،
                ئاشۇ ھالال جۈپتىدىن يۈز ئۆرۈشكەن ئەرلەر .


Rank: 4

ئىسىمى
رەنا
تىللا
316
تۆھپە
222
UID
21673
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:37:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىركەن.لىكىن ھەممىسلا ئۇنداق ئەمەس.شۇ ئاياللىق ھەققى نېمە بۇنە بىلمەيدىغانلار .بىكارغا بەرسىمۇ قىممەت خوتۇن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
507
تۆھپە
292
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:19:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەمزەم نىڭ ئىنكاسى ناھايتى توغرا ، كىلىنىڭ ئەسكى بولسا  ئوغلىڭدىن كۆر،  ئوغلۇڭ ئەسكى بولسا قىزىڭدىن .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
853
تۆھپە
179
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:46:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق يامان خۇتۇندىن خۇدايىم پانا بەسۇن،


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1604
تۆھپە
1146
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:51:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1604
تۆھپە
1146
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:53:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراق بىز ئاياللارنى ئۇنچىلىكمۇ چۇشۇرمەڭ بۇلامدۇ. بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەرزان خۇتۇن جۇمۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:23, Processed in 0.083476 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991