خەلق تورى ئوبزورى
‹‹«ئانىنى قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ ياكى خوتۇنىنىمۇ››» ئەخلاق
جەھەتتىكى تېما تاللاش ئەمەس
لى لىيەن
مەيلى رەسمى بولسۇن ياكى چاقچاق يۈزىسىدىن بولسۇن، كۆپلىگەن ئەرلەر مۇنداق بىر ‹ «‹كىلاسسىك» ›مەسلىگە دۇچ كەلگەن: ئانا بىلەن خۇتۇن بىرلا ۋاقىتتا سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە، سىز ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزىسىز؟ يېقىندا، بۇمەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئويۇن ئەنخۇيدا رەسمى ئوينالدى. بىرلا ۋاقىتتا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن خۇتۇنى بىلەن ئانىسىنى كۆرگەن 28 ياشلىق گو فامىلىلىك يىگىت ئالدى بىلەن خۇتۇنىنى قۇتقۇزۇپ، ئاندىن دەرھال ئانىسىنى تارتىپ قىرغاققا چىقاردى.
گەرچە نەتىجىسى باراۋەر - بىخەتەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما يىگىتنىڭ ئالدى بىلەن خۇتۇنىنى قۇتقۇزۇپ، ئاندىن ئانىسىنى قۇتقۇزغان ئۇسۇلى يەنىلا تالاش - –تارتىش، نەق مەيداندا ھازىر بولغان شاۋگونىڭ ئاتىسىنىڭ نارازى بولغانلىقىنى تىلغا ئالماي تۇرايلى، توردىكىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن قارىغاندىمۇ، ئوخشاشلا گەپ - سۆزلەر كۆپ بولدى. بىر تورداش مىكروبىلوگتا ‹«‹ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزۇش كېرەك›» ›لىكى توغرىسىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ‹‹ئاۋۋال ئانىنى قۇتقۇزۇش كېرەك›› دېگەنلەر يېرىم ساندىن ئېشىپ، ئاران %5.1 تورداش ‹‹ئاۋۋال «خۇتۇنىنى قۇتقۇزۇش كېرەك›» ›لىكىنى تاللىغان. بىر قىسىم كىشلەر «‹‹ۋاپادارلىق»››، «‹‹ئىنسانىيلىق»›› دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ئارقىلىق، شاۋگونىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلغان.
«‹‹ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزۇش كېرەك»›› دېگەن مەسىلىگە ئەجەبا راستىنلا مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولۇش كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇشى روشەن بولغان ‹‹«جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك» ››كە ئىگە. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودىكى ئائىلىلەر ئوخشاشلا ‹‹«قىيىن ئەھۋال››» ئىچىدە ياشاپ كەلدى. ئەڭ قىيىن بولغان بىر ئىش ‹‹«قىيىن ئانا - كېلىن» دەستۇرى›› بولۇپ، قېيىن ئانا بىلەن كېلىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ھەل قىلىش قىيىن بولغان تۈگۈنگە ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە «مەن تۇراي، سەن كەت»، «كىم ئەڭ مۇھىم» دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارىمۇ - قارشىلىق تەپەككۇرلىرى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە كونكرېتلاشقان سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئالدى بىلەن كىمنى قۇتقۇزۇش كېرەك دېگەن تاللاشقا ئايلاندى.
ھالبۇكى، مۇنداق ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېمىنى تاللاش، جەمئىيەتتىكى چۈشەندۈرۈشلەردە، يەنە بىر ئەخلاق تېمىسىنى تاللاشقا ئايلاندى. بىر ئەر ھەم ئوغۇل، ھەم ئەرلىك ئىككى خىل سالاھىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئىككى خىل قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ: ئالدى بىلەن خوتۇننى قۇتقۇزسا، «خوتۇن ئېلىپ ئانىسىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان»، «ۋاپاسىز»، «ئەسلىنى ئۇنتۇپ كەتتى» دېگەنگە ئوخشاش تەنقىدلەرگە ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن ئانىسىنى قۇتقۇزسا، يەنە «كۆيۈمسىز»، «ۋىجدانسىز» دېگەنگە ئوخشاش ئاغرىنىشلارغا ئۇچرايدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا مەيلى قانداق قىلمىسۇن، ئاغرىنىشتىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا ئادەمنى قۇتقۇزۇش قىيىن، ئەمما قۇتقۇزىدىغان ئادەمنى تاللاش تېخىمۇ قىيىن.
مەنتىقە جەھەتتىن ئېيتقاندا، «ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزۇش ۋە كىمگە كۆڭۈل بۆلۈش، كىمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈش» نى بەلگە قويۇپ ئايرىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ئەخلاق باھاسىنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشى تېخىمۇ قىيىنغا توختايدۇ. بىر مەسئۇلىيەتچان ئەر، ئانىسىنىڭ جاراھەتلەنگەنلىكىگە قاراپ تۇرمايدۇ. شۇنداقلا خوتۇنىنىڭ چاقىرىشلىرىغا پىسەنت قىلمايمۇ تۇرالمايدۇ. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى قىلىشتا: « ئانىنى قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ ياكى خوتۇنىنىمۇ»، بۇ ھەرگىزمۇ يا بۇنى، يا ئۇنى تاللايدىغان تېما ئەمەس. ئىككىسىنى قارىمۇ - قارشى قىلىپ قويۇپ، تۇيۇق يولغا كىرىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
بۇ جەھەتتە، ئەخلاق پىرىنسىپى جەھەتتىن ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەققانىيەت بايرىقى ئاستىغا توپلىشىۋېلىپ چوقان سېلىش، ئەخلاق كالتىكىنى كۆتۈرۈۋېلىپ كىشىلەرگە باھا بېرىش، ھەتتا ئەخلاق جەھەتتىن سوتلاشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇ راستىنى ئېيتقاندا ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، دەل ئەخلاققا زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي توغرا ئېنېرگىيەنى قوزغىتىشقا پايدىسىز. بۇ جەھەتتە، ئوخشاشلا ئويلىنىشقا ۋە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-3 10:48