تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 6749|ئىنكاس: 13

مەمۇرلۇق ئىمتىھانى توغرىسىدا ‹‹مۇنازىرە›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قۇربانجان
تىللا
333
تۆھپە
174
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 14:03:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەمۇرلۇق ئىمتىھانى توغرىسىدا ‹‹مۇنازىرە››


      دۆلىتىمىز مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىشنى يولغا قويغاندىن بېرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئاڭلىسام مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى ئاسانمىش، ھەممە ئادەم ئۆتۈپ كېتىدىكەن دەيدۇ، لېكىن يۈزتۇرانە ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ئالىدىغان رەھبەرلەرگە پۇل خەجلىمىسە ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولسىمۇ  ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزمەيدىكەن، ئىمتىھان ئالىدىغان رەھبەرلەرگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلغانلارنى ئالدىن ئۆتكۈزىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم، بۇ گەپلەر راستمىدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۆتكىلى بولماسمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ھەممە ئادەم پۇل خەجلەپ باشلىقلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالىشى ناتايىن، بولۇپمۇ بىزدەك دېھقاننىڭ پەرزەنتلىرى ... مەنمۇ كېلەر يىلى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشمەن، مېنىڭ ئۇ ئىمتىھان ئالىدىغان باشلىقلارغا خەجلەيدىغان پۇلۇم يوق، قانداق قىلارمەن دەپ غەم قىلىپ قالدىم.
      تورداشلار ئاراڭلاردا مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باققانلار بارمۇ؟ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك پۇل خەجلىمىسە يۈزتۇرانە ئىمتىھانىدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ دېگەن گەپلەر راستمۇ؟ بۇ توغرىسىدا پىكرىڭلارنى ئاڭلاپ باقسام بوپتىكەن!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
378
تۆھپە
38
UID
289
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 07:34:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۇئالنى ياخشى ئوتتۇرغا قويۇپسىز.. مەن 2005 -يىلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھازىرغا قەدەر 5 قىتىم مەمۇرلۇق ئىمتاھانى بەردىم. يىزىقچە ئىمتاھاننىڭ ھەممىسىدىلا ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتتۈم. لىكىن 2 قىتىم يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا.1 قىتىم بەدەن تەكشۈرۈشتە ( چۈنكى قولۇمدا كىچىك ۋاختىمدا ئادەم قۇتقۇزىمەن دەپ قالغان كۆيۈك يارا ئىزى بار ئىدى)لاياقەتسىز بولدۇم. ئاڭلىشىمچە مەمۇر خادىملارنىڭ بەدىندە تارتۇق ئىزى بولسا بولماسمىش. بۇ راسمۇ ياكى يالغانمۇ ئۇنىسىنى بىلمىدىم. قالغان ئىككى قىتىمدا كۈلكىلىك يىرى ئىمتاھاندىن ئۆتكەن تۇرۇقلۇق يىشىم ئىشىپ كىتىپتىمىش، يەنە بىر قىتىملىقىدا بولسا خەنزۇچە سەۋىيە سىناش ئىمتاھانىدا ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە توشماپتىمىشمەن، ئىشقىلىپ بىر قىتىمدا بىر خىل، بىر قىتىمدا بىر خىل دىگەندەك پۇتلاشلار بولۇپ تۇردى، سىز دىگەندەك ئىشلارنى قىلىدىغان بىدىكلەرمۇ كەلگەن بولدى ، ( ئاڭلىشىمچە ئاشۇ ئىمتاھان نازارەتچىللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىمىش) لىكىن ئۇلارغا پۇل خەجلىگۈم كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ ھازىر ئىمتاھان دىسە بىشىم ئاغرىيدۇ، نىمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بولغىيتۇم ۋاختىمنى نىمىشكە بۇنداق ئىسراپ قىلغان بولغىيتۇم تىخى ئىقتىسادى زىيانچۇ؟شۇنى ئويلايدىغان بوپ قالدىم. لىكىن ھىچقىسى يوق ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگەن بىلىمىم باشقىلارغا ئەسقاتمىسا ئۆزۈمگە بولسىمۇ ئەسقاتار، ھە راسىت بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ يالتىيىپ قالماڭ ..بىلىم ئىلىشىمىز كىرەك...بەلكىم مەن ياخشى ئوقۇمىغان بولسام كىرەك. سەۋەبىنى ئۆزۈمدىنمۇ ئىزلەيمەن. ياخشى ئوقۇپ يىتەرلىك تەربىيلەنسىڭىز سىزنى يەنىلا ئەتىۋارلاپ تالىشىپ تۇرۇپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىدۇ.ھەرگىز ئىككىلىنىپ قالماڭ، مۇنداق بىر سۆز بار مىنىڭ ئىشىنىدىغان ھەم ماڭا يول كۆرسىتىدىغان ئۇ بولسىمۇ ( ئادەم ئۈگەنگەنسىرى ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ھىس قىلىشى  كىرەك). شۇنىڭ ئۈچۈن سىز خاتىرجەم ئوقۇشىڭىزنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇڭ. مەندىن باشقا بىر پۇڭمۇ پۇل خەجلىمەي تۇرۇپ ياخشى خىزمەت شارائىتىغا ئىرىشكەن دوسلۇرۇممۇ ساۋاقداشلىرىممۇ بار .ئەلۋەتتە ئۈگۈنۈشتە ئۇلار مەندىن ياخشىراق.شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئوقۇپ ئۆز بىلىمىڭىزگە تايىنىپ ئىمتاھاننى ياخشى بەرسىڭىزلا چاتاق يوق. ئۇنداق ئەپقاچتى سۆزلەرگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ.بەلكىم ئۇنداقلار ساناقلىقلا باردۇ، لىكىن ئومۇمىيلىقنى ئىگەللىمەيدۇ.سىزگە ئامەت تىلەيمەن..   

Rank: 3Rank: 3

تىللا
122
تۆھپە
81
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:43:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تەلەي يۇلتۇزى پىروگىراممىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ مەمۇرىلىق ئىمتاھانسى شۇنىڭغا ئوخشاپراق قالىدۇ!!   سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇغانلار ساقچى، ساقچى مەكتەپتە ئوقۇغانلار ئوقۇتقۇچى ياكى سەنئەتچى دىگەندەك!...

يەنە تېخى ئالى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغانلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ياخشى خىزمەتكە ئۇرۇنلىشىپ قالىدۇ، تولىمۇ ياخشى ئوقۇغانلار 2-3-يىل ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي يۈرىدۇ. بەلكىم بۇ سىزنىڭ ئىمتاھاندىكى تاللىشىڭىز، تەقدىرىڭىز، تەلىيىڭىزنىڭ قانداقلقىغا باغلىق.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1209
تۆھپە
967
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:49:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى ساختىپەزلىك،ئالدامچىلىق،بۇياقچىلىقلار قاچان تۈگەر ...........
سەكرا

Rank: 4

ئىسىمى
قۇربانجان
تىللا
333
تۆھپە
174
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:56:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ  پىكىرىگە  رەھمەت  ،ئادەم ئۇقۇش پۇتتۇردىغانغا ئاز  قالغاندا  خىزمەتكە چىقالارمەنمۇ دەپ شۇ غەمدە قالدىكەن ،قىنى تىرشىپ باقايلى   قالغىنى ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغاي  ..............

Rank: 6Rank: 6

تىللا
385
تۆھپە
307
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 13:15:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇكۇتتە تۇراي،،

Rank: 1

ئىسىمى
ئەرك-ئاي
تىللا
23
تۆھپە
4
UID
8724
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 19:08:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىنىڭ ئالدىدا ئۆتۈپ كەتسىڭىز ئۇياق-بۇياق قىلالمايدۇ ،شۇ بەش ئادەم ئالىدىغان يەرگە تۆتىنچى يا باشىنچى بۇلۇپ كىرىپ قالسىڭىز پۇتلاشنى نىيەت قالغانلار پۇتلاپ كىتىۋېرىدۇ .مۇشۇ سالاھىيەت تەكشۇرۇشنى ئالدىدا قىلىۋەتمەيدىغان ئىشىغا ئەڭ نارازى مەن .ئادەم ئالىدىغاندا چەك يوق ،ھەممىدىن ئۆتۈپ بولغاندا بىز ئالدىنكى يىلنىڭكىنى ئالىمىز ،ئۆتكەن يىلقىنى ئالمايمىز دىگەندەك پايتىما گەپنى قىلىپ.............شۇنداق ئىشغا ئۇچرىغانلارنى جىق كۆردۈم ،ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدۇ......................

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 08:14:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنداق ئاڭلىغان بىرەر مۇقۇم ئىش ئورنىڭىز بولمىسا مەمۇرلۇق ئىنتاندىن ئۇتكەن دەغدىردىمۇ شۇنداق بانا سەۋەپ لەر بىلەن قالدۇرلىدۇ دەپ .بۇ راسمىدۇ ؟بىلەلمىدىم.

Rank: 1

تىللا
26
تۆھپە
10
UID
22130
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 00:43:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نەچچە قىتىىم مەمۇرلۇق ئىمتىھان بەرگەن , ئىمتىھان جەڭ ھەم تەلەي .  ئەڭ ياخشسى ھىچكىمدىن ئاغرىنماي پشانە -تەقدىرىڭىز ھەم ئۆزىمىزنىڭ تىرشماسلىقىدىن كۆرۇش كىرەك . توغرا ,ئىمتىھاندا يول ماڭدىغانلارمۇ يوق ئەمەس نۇرغۇن . لىكىن   يول مىڭشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس ,مانا ماڭىمۇ نەچچە قىتىم يول مىڭىپ بولماي ,يەنىلا ئۆزەم ئۆز كۇچۇمگە تايىنىپ ئۆتۇپ كەتتىم .  تىرشىڭ ,ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ . ئىمتھان يەنىلا ئادىل . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1182
تۆھپە
663
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nazli007 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-3 12:56
تورداشلارنىڭ  پىكىرىگە  رەھمەت  ،ئادەم ئۇقۇش پۇتتۇردىغ ...

قالغىنىنى ئەمەس، ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھ ئاسان قىلالايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:23, Processed in 0.081475 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991