تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 36176|ئىنكاس: 30

سۈت «ئىچكەن» تاۋۇز يوغىناپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
404
تۆھپە
133
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:35:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۈت «ئىچكەن» تاۋۇز يوغىناپ كەتتى


001e9088d6c7117aefc321.jpg


      جىڭ ناھىيەسى داخېيەنزە بازىرى ھۈسەيىنتېرەك كەنتىدىكى تاۋۇز يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتچىسى جاۋ شياۋدۇڭ ئۆزى يېتىشتۈرگەن ناھايىتى يوغان بىر تاۋۇزنى كۆرسەتتى، ئۇ بۇ يىل 60 كىلوگىرام كېلىدىغان «كالا سۈتىدە بېقلغان تاۋۇز» نى 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
      جاۋ شياۋدۇڭنىڭ تاۋۇز يېتىشتۈرۈۋاتقىنىغا 30 يىل بولغان، ئۇ ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى شەندۇڭدا تاۋۇز يېتىشتۈرگەن، بۇ جەرياندا ئاغىنىلىرىدىن كالا سۈتىدە تاۋۇز بېقىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەن. 2005 - يىلى تۇرپاندا پارنىكتا تاۋۇز يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان، 2009 - يىلى بىر ئاغىنىسى ئۇنى جىڭ ناھىيەسىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويغان، ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان «سۈت بىلەن بېقىلغان تاۋۇز» نى تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن. بۇلتۇر ئۇ يېتىشتۈرگەن «كالا سۈرتى بىلەن بېقىلغان تاۋۇز» دىن 30 نەچچىسى تۇنجى قېتىم ھوسۇل بەرگەن، ئەڭ چوڭى 50 كىلوگىرامغا يەتكەن، ئۇ بۇ تاۋۇزلىرىنى جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرغان.
      بۇ يىل ئاپرېلنىڭ بېشىدا ئۇ يەنە پارنىكتا بۇ خىلدىكى تاۋۇزنى يېتىشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل تاۋۇزنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئادەتتىكى تاۋۇزنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىغا قارىغاندا مۇرەككەپرەك بولۇپ، ئوغۇتلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدىكەن، ئادەتتىكى تاۋۇز 30 كۈن ئەتراپىدا چېچەكلەپ پىشىدىكەن، بۇ خىلدىكى تاۋۇز 60 كۈندىن 70 كۈنگىچە پىشىدىكەن، ئۇنىڭغا دەسلەپكى باسقۇچتىكى بىخلىنىش جەريانىنى قوشقاندا 150 كۈنلەردە پىشىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ پارنىكتىكى «سۈت بىلەن بېقىلغان تاۋۇز» لىرىنىڭ ئېغىرلىقى 40 كىلوگىرامغا يەتكەن بولۇپ، ئېغىرلىقى كۈنىگە بىر يېرىم كىلوگىرام ئەتراپىدا ئېشىۋېتىپتۇ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بەش كىلوگىرامدەك ئارتۇقكەن. بۇ خىلدىكى تاۋۇزنىڭ سۈيى ئادەتتىكى تاۋۇزنىڭكىدىن ئاز ئىكەن، بىراق رەڭگى قىزىل، تەمى بەك تاتلىق ئىكەن.
      ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل تاۋۇزنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، 30 كىلوگىراملىق بىر تاۋۇزنىڭ تەننەرخى 500 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە، سېتىلىش باھاسى 2000 يۈەن ئەتراپىدا، 50 كىلوگىراملىق بىر تاۋۇزنىڭ سېتىلىش باھاسى 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.
      سۈرەتتە: بىر تېخنىك ئادەتتىكى تاۋۇز بىلەن 40 كىلوگىراملىق «سۈت بىلەن بېقىلغان تاۋۇز» نى سېلىشتۇرماقتا.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2102
تۆھپە
1101
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:46:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكىس سەل قالايمىقانمۇ يە مەن چۇشۇنەلمىدىممۇ ، قايتا-قايتا ئۇقۇدۇم بولمىسا ،


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
388
تۆھپە
308
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 13:05:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكىس نىمە گەپ  بۇ ،،  ، تىما دىسىڭىز بۇلىدىغۇ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
388
تۆھپە
308
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 13:10:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇيا  ئايشەمخان


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1390
تۆھپە
655
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 13:45:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەرگىز خانىم تاۋۇزنى سۇتتە بىقىپ چوڭايتىپتۇ.ئىغىرلىقى 60كىلوگىرام كىلىدىكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
436
تۆھپە
234
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 14:23:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش







Rank: 6Rank: 6

تىللا
388
تۆھپە
308
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 14:55:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kurex يوللىغان ۋاقتى  2012-8-2 14:23

ئاپىرات تۇتۇپ تۇرۇپ بىر نۇقتىغا قاراپ تۇرۇشلىرى، بىر پىشقەدەم فۇتۇگىراپچىلارغا ئوخشايدۇ. بىراق ئىنكاس يىزىشلىرى قارا قۇساق ئادەمدەك تۇيغۇ بىرىدىكەن. مەن مۇشۇ مۇنبەرگە تىمىنى ئۇقۇپ ئەزا بۇلمىدىم. بەلكىم ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ  مۇنبەرگە ئەزا بولغان. مۇشۇنداقلارنى نىمشقا  تۇرمىگە سۇلىمايدۇ،  قارا تىزىملىككە  يىزىپ قۇيۇڭلار بۇ يۇلداشنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
904
تۆھپە
394
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 16:53:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە كىلەر يىلى بۇ تاۋۇزنىڭ باھاسى چوقۇم چۈشۈپ كىتىشى مومكىن، خۇددى گۈلچايغا ئوخشاشلا...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2236
تۆھپە
762
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 18:12:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋۇز پادىشاھى دېسەك بولغىدەكتە ئۇنى!


ئانا- يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس!

Rank: 4

تىللا
410
تۆھپە
122
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 18:59:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمانچە يوغان تاۋۇز بۇ؟


مىلللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى روھنى ساغلاملاشتۇرۇش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 14:04, Processed in 0.084247 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991