ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتىدىكى بىر سەمەرە « قايناتما»
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنىڭ بىرى بولغان نان مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا 3000 يىلدىن كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ كەلدى. يىللار، ئەسىرلەر ئۆتۈپ، نۇرغۇن نەرسىلەر ئاستا -– ئاستا ئىستېمالىمىزدىن قېپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ناندىن ئىبارەت بۇ خىل ئېسىل تائام ئىستېمالدىن قالماي، بەلكى كۈندىن - كۈندىگە تەرەققىي قىلىپ، تۈرلىرى كۆپىيىپ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار مەيلى قانداق زامان ياكى ماكاندا بولسۇن ناندىن ئايرىلالمايدۇ.
نان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر قاتلىمىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان خۇرۇجنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ تۈرلىرى تەرەققىي قىلغان، تۈرلىرى نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىز «قايناتما» بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
قايناتما دېسە ھازىرقى نۇرغۇن بالىلار ۋە ياشلار چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل نان ئۇيغۇرلارنىڭ جاھالىيەت دەۋرىدە (ئاپپاق خوجا دەۋرىدە) كۆپرەك ئىستېمال قىلىنغان بولسا كېرەك، چۈنكى بۇ نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدىغان نان تۈرى.
قايناتمىنىڭ تۈرى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى قايناتما، يەنە بىرى بوغجىما دېيىلىدۇ. بۇنىڭ پىشۇرۇلۇش جەريانى:
ئاۋۋال ئوچاقنى قىزىتىۋالىمىز، بۇ ئاساسەن ئوچاققا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ. چۈنكى بۇ نان سوۋۇپ قالسا يېيىشلىك بولمايدۇ. ئاندىن يۇمشاق تارتىلغان قوناقنىڭ ئۇنىنى (سۇ تۈگمىنىدە تارتىلغان ئۇن بولسا تېخىمۇ ياخشى) تاسقاپ، ئۇنى داسقا ياكى تەڭنىگە ئېلىپ، پورۇقلاپ قايناۋاتقان قايناق سۇدا قوشۇق بىلەن يۇغۇرىمىز. ئادەتتىكى خېمىردىن سەل بوشراق بولىدۇ. يۇغۇرۇپ تاييارلانغان خېمىرنى زۇۋۇلا قىلىپ، بۇغداي ئۇنىدا قۇغۇنلاپ ئۇچاققا ياقىمىز. بۇ نان پىشقاندىن كېيىن بىرخىل ئوتتۇرىسى يۇمشاق، سىرتى سەل قېتىشقان ھالدا بولۇپ، قىزىق چاي بىلەن يېسىڭىز شۇنداق يېيىشلىك، ياخشى تائام.
بوغجىما نان: بۇ نانمۇ ئوخشاشلا قايناتمىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تەرتىپ ئاساسەن ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ خىل ناننىڭ سىرتىغا بۇغداي ئۇنىدا جىلت ئېچىلىدۇ، جىلتىنىڭ ئىچىگە يۇقىرىقىدەك قىزىق سۇدا يۇغۇرۇلغان خېمىرنى ئالىمىز، بۇنىڭ ئۇتتۇرىسىغا پىياز بىلەن چۈچۈتۈلگەن ياغنى ئالىمىز، گۆش بىلەن قىيما قىلىپ ئالسىمۇ بولىدۇ (سامسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سالغاندەك). ئۇنىڭدىن كېيىن قوناق ئۇنىنى بۈرۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇغداي ئۇنىدا تەييارلانغان جىلتىنى بۈرۈپ ھازىرقى گۆش ناندەك قىلىپ ياقىمىز. بۇ خىل نان پىشقاندىن كېيىن ئىچىدىكى ياغ قىزىپ سىرتىغا تېپىپ، ساپسېرىق بولۇپ ئوچاقتىن چىقىدۇ. بۇخىل ناننىڭ پۇرىقىمۇ شۇنداق مىزلىك ھەم بەك يېيىشلىك بولۇپ، بۇرۇنلاردا تۇرمۇش ياخشى بولمىغان نامراتلارنىڭ ئالى تامىقى ھېسابلىناتتى. مېھمان چاقىرغان ۋاقىتلاردىمۇ ئىسىل تائام سۈپىتىدە مېھمانغا تاييارلىناتتى. بۇ ناننى ئوچاقتىن قۇمۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىسىنى قوشۇق بىلەن يەپ، سىرتقى قىسمىنى قىزىق چايغا چىلاپ يېسىڭىز شۇنداق يېيىشلىك بولۇپ، خۇددىي ئاق پىتىر ياكى قاتلىمىغا ئوخشايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 11:49