تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 7089|ئىنكاس: 15

مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
584
تۆھپە
133
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:23:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەببەت دېگەن نېمە؟


此次ccccccccccccccc.jpg

   


    1.مۇھەببەت_ ئۇ  كونا ئاتالغۇ،لېكىن ھەربىر يۈرەك ئۇنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ،ئۇ قېرىمايدۇ،ئۆلمەيدۇ،باي-نامرات،پادىشاھ-قۇل،چوڭ-كىچىك دېمەيدۇ،ھەرقانداق بىر قەلىبكە ئۆز خاسلىقى ۋە مۇقەددەسلىكى ھەم جۇلالىنىپ تۇرغان پاكلىقى بىلەن كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ پەقەت ئۆز  قەدىر- قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن غۇبارسىز يۈرەكلەردە قىممىتىنى تاپىدۇ، شۇنداقلا توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەرئوتتۇرسىدىلا ۋايىغا يىتىدۇ. يەنە شۇنىڭغا تەڭداش،ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ،پاكىز ،داغدام يولغا باشلايدىغان ئەخلاق دەيدىغان بىر نەرسە بار،شۇ نەرسە مۇھەببەتنىڭ پاك پېتى ۋايىغا يېتىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،ئۇمۇ ئادەملەرنىڭ قەلبىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسە قەلىبكە مۇھەببەت كىرىپ قالسا،مۇھەببەت خاسلىقىنى يوقۇتۇپ،ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تەرەققىي قىلالماي، باشقىچە بىر خىل ھەۋەسنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، مۇھەببەتنى ئەخلاق مىزانى بىلەن ئۆلچەپ،ئەخلاق ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرغاندا،ئۇ مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ئەخلاقنىڭ تەسەررۇپىدىن مۇستەسنا مۇھەببەتنى مۇھەببەت دېمەيمىز، شۇڭا ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى بىلەلىشى، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ مۇھەببەتكە داغ كەلتۈرمەسلىكى كېرەك...
    2.مۇھەببەت دېگەن يەنىلا مۇھەببەت،ئۇنى قۇشتەك قەپەزگە سولىۋالغىلى،ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلكۈندە ئاققۇزىۋەتكىلى، چوڭقۇر يەر قاتلىمىغا كۆمۈۋەتكىلى ياكى بىر پىچاق بىلەنلا بوغۇزلىۋەتكىلى بولمايدۇ.ئۇ  پۇل،مەرتىۋە،ئەمەل،نام-شۆھرەتكە بېقىنمايدىغان ئەركىن نەرسە،ئۇنىڭ ئۈچۈن لازىمى پەقەت ئۆزىنى قەدىرلەيدىغانلار.  ئۇ تەڭسىزلىك،زوراۋانلىق ۋە ئەركىسىزلىككە ئۆچ،  مۇھەببەت يەككە -يىگانە ھالدا  بىر جۈپ قىز-يىگىت ئوتتۇرسىدىكى ياخشى كۆرۈش بولۇپلا  قالماستىن، بەلكى يەنە ئەركىنلىكنىڭ،ياخشىلىقنىڭ، گۈزەللىكنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولى.
مۇھەببەت ئاللاھنىڭ زۇننارىدىن ئېقىپ چۈشكەن ئەركىنلىك چەمبىرىكىدۇر. دۇنيادىكى بارلىق كۈچلەر ئىچىدە پەقەت
مۇھەببەت كۈچىلا ئەڭ چەكلىمىسىز ۋە  توسالغۇسىز كۈچتۇر. مۇھەببەت پەقەت ئەركىن ھالەتتىلا مەغرۇر چىناردەك بۈك-باراقسان بولۇپ شاخلىيالايدۇ. ئۇ تۇرمۇشنىڭ سىرلىق قاتلاملىرىدىكى گۈزەللىك بىلەن ئالىيجاناپلىق،ئىدراك بىلەن ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ نامايەندىسى..........

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1275
تۆھپە
483
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:18:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت   ئۇ  زىمىسـتاندىكى ئوت  ! تومۇزدىكى مەيىن شامال ! باھاردىكى جىلۋە قىلىۋاتقان ئاپتاپ !


Rank: 6Rank: 6

تىللا
853
تۆھپە
179
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:30:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھابەتنىڭ تەبىرى نىمىنداق  جىقتۇ،


Rank: 4

تىللا
338
تۆھپە
77
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:33:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇھاببەت  ۋاپادارلىقتىن باشقا  نەرسە ئەمەس ،  مۇھاببەت  ئەھلىگە گۈزەل  ئەخلاقلىق ، ئېسىل  تەبىئەتلىك  كىشىلەردىن  باشقىسى  كېرەك  ئەمەس .
  مۇھاببەت  - مەڭگۈ  بىر  شىرىن  مەسئۇلىيەت .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1275
تۆھپە
483
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:35:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتكە تولسۇن بۇ ئالەم !!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
1536
تۆھپە
596
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:27:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت ئوت يىقىپ كۆيدۈرگىلى بولمايدىغان، دىڭىز= ئوكياننىڭ سۈيى بىلەنمۇ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان بر گۈلخان


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1224
تۆھپە
799
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:45:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹مۇھەببەت بىريۈرەكنىڭ يەنەبىر يۈرەككە سوقۇلۇشىدىن چىققان سوغوق سادا ئەمەس، بەلكى ئىككى يۈرەكنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇلۇشىدىن چىققان كۈچلۈك يالقۇن. ›


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
584
تۆھپە
133
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 13:29:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئادەم ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن  ھەرقانداق ئىشتىن باش تارتمايدۇ،  مۇھەببەت-كۈچ-قۇدرىتى، ئەركىنلىكى   چەكسىز  بولغان  مەۋھۈم  دۇنيا.


Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
14
UID
22471
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 14:21:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت-ئۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى قەھرىمانلىق، مۇھەببەت - ئۇ زۇلۇمەتتىكى نۇرلۇق مەشئەل، مۇھەببەت -ئۇ تۇرمۇش ئاسمىنىدىكى پاتماس قۇياش...........

پەقەت كىشىلەر مۇھەببىتى بىلەن تەقدىرىنى بىرلەشتۇرەلىگىنىدىلا ئاندىن ئۆمۈرلۈك ۋىسالىغا يېتەلىگەن بولىشى مۇمكىن............

بىراق رىئاللىقىمىزدا كۈيلىنىۋاتقان مىشچان مۇھەببەت -مۇھەببەتنىڭ ئەبىدىلىك ۋىسالى بىلەن ئەبىدى ناتونۇش بولىشى مۇمكىن........


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 19:29  



Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
14
UID
22471
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 14:32:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت -ئۇرۇشتىكى جەڭگىۋارلىق، مۇھەببەت- جاھالالەت ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق مەشئەل.مۇھەببەت- رىئاللىق ئاسمىنىدىكى پاتماس قۇياش..........
بىراق بىز ئەشۇ مۇھەببەتكە يۈز كېلەلەيمىزمۇ؟؟؟؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 14:23, Processed in 0.084119 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991