ئۇيغۇرنىڭ مۇشتى
(ئۇيغۇر ئولىمپىك بوكس ماھىرى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭغا بېغىشلىما)
ئوغۇزنىڭ روھى بار روھىڭغا يانداش،
قېنىڭنىڭ مەۋجىدە قاينام ئۆركىشى.
ئەجدادىڭ سادىر پالۋانغا قانداش،
ھەممسى سەن ئۈچۈن ئەلنىڭ ھۆرمىتى.
سىنالدىڭ ئالەمنىڭ جەڭگاھلىرىدا،
زەربىگە چىدىغاچ كۆتۈرگىنىڭ باش.
يۈرمىدىڭ مەي ئوتلاپ ئارامگاھلاردا،
قىبلىگاھ بولغاچقا ئەركەكچە ياشاش.
قەلبىڭگە پۈككىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارمان،
كۈتكىنىڭ قان تەردىن ئۇيغۇر يىگىتى.
تارىخنى يېڭىلار باتۇرلار ھامان،
مۇقەددەس غەلبىنى يازىدۇ تېخى.....
كىمىكى شان قۇچتى ئاسماندا ئۇچتى،
قوينىنى كەڭ ئاچتى ئۇتقانغا دۇنيا.
تونۇتقاي ۋەتەننى ئۇيغۇرنىڭ مۇشتى،
كېلىڭلار مەدەتكە توۋلايلى ھۇررا-!!!
مەنبە:لاۋا0998ئجادىيەتلىرى-دىن