تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 33235|ئىنكاس: 40

ئاشنىغا تۇرۇش كېرەكمۇ خوتۇنغىمۇ؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:48:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاشنىغا تۇرۇش كېرەكمۇ خوتۇنغىمۇ؟؟



      ئاشنام كۈتۈشىمنى تەلەپ قىلىدىغان ئايال، خوتۇنۇم مېنى كۈتىدىغان ئايال.
      ئاشنام ھەمىشە سېتىۋالغان نەرسىلىرىمنى ئەرزان كۆرۈپ ئاغرىنىدىغان ئايال، خوتۇنۇم ھەمىشە سېتىۋالغان نەرسىلىرىمنى قىممەت كۆرۈپ رەنجىيدىغان ئايال.
      ئاشنام نەپىس گۈلدانغا سېلىپ قويغان گۈل، ئۇنىڭغا قارىسام راھەتلىنىپ ئاجايىپ ئامراق بولۇپ كېتىمەن، ئەمما بۇ گۈلنى پۇل، ھوقۇق، ئابرۇي، مەرتىۋە ياكى شەھۋانىي نەپىس دېگەندەك ئالاھىدە ئوزۇقلۇقلار بىلەن پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خوتۇنۇم سېۋەتكە سېلىپ قويغان كۆكتات، ئۇ ئۆزىنىڭ جاۋىلدىشى، كۆيۈمچانلىقى، تىرىشچان، ئىقتىسادچانلىقى بىلەن مېنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چىرايىمنى نۇرانە، كىيىملىرىمنى رەتلىك، يەيدىغانغا تاماق، ئېچىدىغانغا ئۇسسۇزلۇق تەييارلاپ بېرىپ، ئاشنام بىلەن كۆرۈشكىدەك روھلۇق ھالغا كەلتۈرۈۋېتىدىغان ئايال.
      تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئاشنام ماڭا گۈل تەقدىم قىلىدۇ، خوتۇنۇم ئوزۇقلۇق قىممىتى مول نازۇ نېمەتلەرنى تەييارلاپ بېرىدۇ، يەنە ئىسسىق بىر پوپايكا توقۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن دائىم «ئاشنا رومانتىك، خوتۇن رېئال بولىدىكەن» دېگەن قاراشقا كېلىمەن.
      بىر كۈنى مەن ئالتۇن ئۈزۈك سېتىۋېلىپ تومۇچۇقتەك ئاشنامغا سوۋغا قىلدىم. توساتتىن يەنە ئىنساپىمغا كېلىپ خوتۇنۇمغىمۇ ئوخشاش ئۈزۈكتىن بىرنى سېتىۋالدىم. سوۋغىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشنام مېنى تاتلىققىنە سۆيۈپ قويدى. ھەتتا مەندىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈكنى زەگەر بازىرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كەپتۇ. ئايالىم بولسا «شۈنچە پۇل خەجلەپ جانغا ئەسقاتمايدىغان بىر نەرسىنى سېتىۋاپسىز» دەپ مەندىن ئاغرىنغاندەك بولدى. ئارقىدىن قەلبى خۇشاللىققا تولغان ھالدا تاقىۋالدى، ئەمما ئۇ بۇ ئۈزۈكنىڭ راست - يالغانلىقىدىن ھەرگىز گۇمانلانمىدى.
      شۇ ئىشتىن كېيىن مەن: «يەنىلا خوتۇنۇم ماڭا كۆيۈنىدىكەن» دەپ بىردىنلا ئويغاندىم. شۇنىڭ بىلەن رومانتىكىلىقنى قوغلاشماي، «يوۋاشلىق» بىلەن رېئاللىققا قايتىپ كەلدىم .
      قېنى تورداشلار، سىلەر ئاشناڭلارغا تۇرامسىلەر، خوتۇنىڭلارغىمۇ، ئىككى ئىغىز لىللا گەپ قىلىپ بېقىڭلار؟؟؟؟
      خەۋەر مەنبەسى: internt
      بۇنى مەن توردا كۆرۈپ يوللاپ قويدۇم، بىز مۇشۇ تېما ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دەيمەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 18:04  

قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:48:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىكى مەن ئەمەس جۇمۇ تورداشلار، مەن باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن سىلەرگە
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
38
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:23:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئاشنىسى بار ئەرلەر ،بىر نىمە دەپ باقمامسىلەر؟

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
500
تۆھپە
281
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:40:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاشنا تاتلىق ،خۇتۇن ياغلىق.
ئاشنا م بە دەيدۇ،خۇتۇنۇم يە دەيدۇ.
ئاشنام گۈل پۇرايدۇ ،خۇتۇنۇم سۈت.
ئاشنام كىيمەن دەيدۇ،خۇتۇنۇم كەي دەيدۇ.
ئاشنام تۇر دەيدۇ،خۇتۇنۇم يات  دەيدۇ،
ئاشنام ناخشىغا ئامراق،خۇتۇنۇم پىچاق بىلەن تاختىغا.
ئاشنام مۇنچىدىن چىقمايدۇ،خۇتۇنۇم ئاشخاندىن،
ئاشنام مېنى قوزام دەيدۇ،خۇتۇنۇم بالامنى.
ئاشنامنىڭ تولا بېلى ئاغرىيدۇ،خۇتنۇمنىڭ تىزى.



-----بىر ئەرنىڭ تىلىدىن

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:49:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turknaz يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 18:23
قېنى ئاشنىسى بار ئەرلەر ،بىر نىمە دەپ باقمامسىلەر؟

بۇنداق دىسڭىز ھىچ كىم خەت يازمايدۇ ~!
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:50:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuzum يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 18:40
ئاشنا تاتلىق ،خۇتۇن ياغلىق.
ئاشنا م بە دەيدۇ،خۇتۇنۇم  ...

خېلى توغرا گەپ ئىكەن `!
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
291
تۆھپە
62
UID
21879
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:51:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە يەنىلا خۇتۇن ياخشى،چۇنكى خۇتۇن دىگەن ئۈزىنىڭ ئىرى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۈلەشتىن يانمايدۇ،بىراق ئاشنائۇنداق ئەمەس ئاشنادىگەن شۇ ئاشنىدار كىشىلەرنىڭ ئىچىگە چۇشكەن پارازىت قۇرۇت ، قىنىنى شۇرىماقتىن باشقا ئىش ئەمەس خالاس،ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزنىڭ كۈڭلىگە ئىنساپ بەرگەي....

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1199
تۆھپە
659
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:24:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشنا ئالغىلى ئامراق.خۇتۇن بەرگىلى ئامراق.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5920
تۆھپە
2726
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:31:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turknaz يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 18:23
قېنى ئاشنىسى بار ئەرلەر ،بىر نىمە دەپ باقمامسىلەر؟

راست، بۇنداق دېسىڭىز ھېچكىم ئىنكاس يازغىلى ئۇنىمىغىدەك... ھا ھا ھا
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
604
تۆھپە
304
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:43:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رامزان ئايلىرىدا ئاشنىنى مۇھاكىمە قىلماي، باشقا ياخشىراق ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقىلى بولمامدۇ؟؟
ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 12:05, Processed in 0.083082 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991