تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 9571|ئىنكاس: 32

تەڭرىتاغقا ئەرزىم بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
500
تۆھپە
281
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:30:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەڭرىتاغقا ئەرزىم بار




شېئىردا ئىسمى ئاتالمىغان مۇنبەرداشلار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلساڭلار، بىزنىڭ مۇنبەردىكى شائىرلار سىلەرگىمۇ ئاتاپ شېئىرىي چاقچاق يېزىپ چىقماقچى... ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىيەلىگەنلىرىمنى شېئىرغا قوشتۇم... بۇ تەڭرىتاغ ئەپەندىمنىڭ سۆزىدىن نەقىل



ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ ئەپەندىم، مۇنبەرداشلار، تەڭرىتاغ ئەپەندىنىڭ چاقچىقىدىن ئىسمىمنى تاپالماي، ئۆزۈملا تەڭرىتاغ ئەپەندىگە ئەرز قىلىپ بىر شېئىر يازدىم ... خۇشچاقچاقلىق ئىچىدە ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرى ئەمىن تاپقاي، مۇمكىن بولسا شېئىرى جاۋابلىرىنى كۈتىمەن تەڭرىتاغ ئۇكام



كۆزۈم



تەڭرىتاغقا كەلگىلى دىرى كەم بىر يىل بولدى،

شېئىر يازدىم، يوللىدىم خېلى كۆپ كىشى بىلدى.

تەڭرىتاغمۇ بەزىدە سالام يوللاپ تۇراتتى،

«قېنى ھەدە» نەدە دەپ ئەسلى شېئىر سورايتتى،

مانا ئەمدى قوشاققا مېنى قاتماي يامان بولدى.



قوشاق لېكىن يارىغاچ، ئوقۇپ مەمنۇن بولغانتىم،

كۆزلىرىمنى تۆت قىلىپ، ھەريان ئىزلەپ يۈگرەيتىم.

تېخى مېنى چوڭ كۆرە، ھەرگىز چۈشۈپ قالمىدىم،

دەپ ئۆزۈمگە ئىشىنىپ، بەتمۇ بەتكە ئاتلىدىم.

لېكىن دوستلار سورىماڭ، بۇ ماڭا بەك ئەلەم بولدى.



ئىنكاسىمدا پو ئېتىپ، بىرىچىسىدە بار مەن دەپ،

يوغان سۆزلەپ چوڭامغا، مېنى نەگە قاتتىڭ دەپ.

ھەر قۇر مىسرا ئىچىدە كۆزلىرىمنى ھەم ئىزلەپ،

تاپالمىدىم ۋە لېكىن يۈرىكىمگە تولدى دەرت،

ھەي تەڭرىتاغ ئەپەندىم، بۇ كۈنلىرىم تەس بولدى.



مېھرىم چۈشۈپ قاپتىكەن، پەشنى قېقىپ قايتاي دېگەن،

ياكى كەتسەم يامانلاپ، مېنى بىرسى ئەپ كەلمىگەن.

بۇنىڭ دەردى ۋاي اللا، ئاۋۇنىڭدىن يامان ئىكەن،

نە قىلايىم دوستلىرىم، يازدىم مانا شېئىر دېگەن.

قوشمىغانغا ئۆلمەسمەن، ئەمدى باشقا ئالار بولدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuzum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 18:42  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:27:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ئىكەنغۇ ~! مەن بەكلا ياقتۇردۇم~!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
737
تۆھپە
454
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:35:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكا بىلەن ئوقۇلغان بۇلسا ياىشى چىقاتتىكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
500
تۆھپە
281
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:41:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكىسى  چىقمىدىمۇ  ...مەن تەھرلەپ قۇياي


Rank: 6Rank: 6

تىللا
853
تۆھپە
179
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:41:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاققا ئۇرۇشقىلى ماڭغان ئەسكەرلەرمىدۇ ئاۋۇ ،پەيلى بەك يامان تۇردۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
500
تۆھپە
281
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 18:46:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rastqi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 18:41
تەڭرىتاققا ئۇرۇشقىلى ماڭغان ئەسكەرلەرمىدۇ ئاۋۇ ،پەيل ...

شۇ  ئالدىغا سېلىپ ماڭغان چىراي


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5920
تۆھپە
2726
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:04:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەڭرىتاغقا كىرىپسىز، شېئىر-قوشاق توقۇپسىز.
مۇنبەرگە ھەم بىر كىشىلىك ئەجىر-تۆھپە قوشۇپسىز.
تورداشلارغا يازغاننى چاقچاقلارنى ئوقۇپسىز،
ئارقىدىنلا ئاچچىقتا مېنى قاتتىق سوقۇپسىز،
نېچۈن قىلاي نە قىلاي ماڭا ئەمدى تەس بولدى.




سىزنى كۆرۈپ مەن بۈگۈن كۆزلىرىممۇ نەم بولدى،
ئەرزىڭىزنى كۆرۈپلا ، ماڭا قاتتىق غەم بولدى،
چاقچاق قىلسام كۆڭۈللەر خۇشاللىققا بەك تولدى،
سىزنى قوشۇپ قويمىسام چىرايىڭىز بەك ئۆڭدى،
نېچۈن قىلاي نە قىلاي ماڭا ئەمدى تەس بولدى.




چاقچىقىممۇ تۈگىمەس يەنە يازاي كېلەر رەت،
چاقچاقلاردا كۆزۈمنى قوشۇپ ئالاي نەچچە بەت،
قوشۇلمامسىز يەنەسىز بۇ مەن ئۈچۈن ئەجەپ سەت،
ئەمدى بۇنداق ئەرز قىلماڭ يېزىڭ جىممىدە مەخپىي خەت،
نېچۈن قىلاي نە قىلاي ماڭا ئەمدى تەس بولدى.




مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 2

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
108
تۆھپە
47
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:07:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئۇنتۇلغان كىشىلەر››نىڭ يۈرىكىدىكىنى يىزىپسىز.

ياخشى يىزىلىپتۇ .      رەخمەت سىزگە!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5920
تۆھپە
2726
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:10:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bugdai يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 19:07
‹‹ئۇنتۇلغان كىشىلەر››نىڭ يۈرىكىدىكىنى يىزىپسىز.

ياخ ...

بۇغداي ئەپەندى، قاراپ تۇرۇپ كۆزۈم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتىڭىزما ؟؟؟


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 2

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
108
تۆھپە
47
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:12:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ ئەپەندىمۇ خىجىللىقىنى شېئىرلىرىدا ئەپچىللىك بىلەن ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپتۇ مانا.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:18, Processed in 0.085009 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991